بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلار نورۇز ھازىرلىقلىرىنى باشلىۋەتتى

0:00 / 0:00

نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قەدىمىي مىللىي بايراملىرىنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر بايرام ئۇيغۇر ئىلىدىكى پۇقرالارلا ئەمەس، بەلكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بولۇپمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئالاھىدە قىزغىن تەبرىكلەيدىغان ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغان بايراملارنىڭ بىرى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى مەزكۇر بايرامنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مەركىزى كېڭەش يىغىنى چاقىرىپ، بىر قاتار بايراملىق ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ مەلۇماتىنى سىلەرگە سۇنىمىز.