قىرغىزىستاننىڭ فرۇنزى يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆملۈكتە ئۈلگە ياراتتى


2008.01.03

قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك ئەتراپىدىكى لېبېدىنوۋكا، پاكروۋكا، ئالا تاۋ قاتارلىق بىر قانچە ئون يېزىدا خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئاھالىسى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

سوقولۇق ناھىيىسىنىڭ فرۇنزى نامىدىكى يېزىمۇ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئائىلىسى قىرغىز ، قازاق، رۇس ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ياشايدۇ. مەزكۇر يېزا بىشكەك ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ ياشايدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇزۇندىن بۇيان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.