42 – نۆۋەتلىك دۇنيا بىخەتەرلىك سىياسىتى يىغىنى ئاخىرلاشتى

0:00 / 0:00

2 – ئاينىڭ 3 – كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە باشلانغان 42 – نۆۋەتلىك دۇنيا بىخەتەرلىك سىياسىتى يىغىنى ئۈچ كۈن داۋام قىلىپ، 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئاخىرلاشتى.

مەزكۇر يىغىندا، NATO نىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكىدە ئىگىلىگەن ئورنى ۋە ئۇنىڭ كېلەچەكتىكى رولى، ئىراننىڭ ئاتوم بومبىسى مەسىلىسى، خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار خەلقئارالىق مۇھىم مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىرى ۋە باشقا مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرىدىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

خىتاي يەنە كونا مۇقامنى توۋلىدى

2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى خىتاي مەركىزى كومىتېتى تاشقى ئالاقە ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جوڭ جىجۈن سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكىگە بولغان مەيدانى، خىتاي دۆلىتىنىڭ نۆۋەتتىكى تىنىچ، مۇقىم ۋەزىيىتى ۋە دۇنيا تەنىچلىقىغا قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، نۇقتىلىق قىلىپ خىتاينىڭ تېنچ تەرەققىيات مەسىلىسى، رايون خاراكتېرلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق مەسىلىسى، خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قېتىمقى دۇنيا بىخەتەرلىك سىياسىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان مەسىلىلىرىنىڭ مەزمۇنىدا ھىچ ئۆزگىرىش بولمىغان. 2000-يىلى چاقىرىلغان يىغىندىمۇ ئەينەن يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى تەكىتلىگەن ۋە 2003 – يىلى يەنە ئوخشاش مەسىلىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، شۇ يىلى 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزى قاتارلىق تۆت تەشكىلاتنى ھەمدە مەمتىمىن ھەزرەت، دولقۇن ئەيسا قاتارلىق 11 كىشىنى تېررورىست ئېلان قىلىپ، خەلقئاراغا ئېتىراپ قىلدۇرماقچى بولغان. مەزكۇر يىغىندا خىتاي ۋەكىلى تېررورىزىمنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلاش پىكرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

خىتاي دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياۋاتىدۇ

گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان كېرىمجان ئەپەندى، خىتاي ۋەكىلىنىڭ يۇقىرىقى تەشەببۇسلىرىنى دۇنيانىڭ كۆزىنى بويىغانلىق ۋە خىتاينىڭ دۇنياۋى ئالدامچىلىقى، دەپ ئەيىبلىدى.

كېرىمجان ئەپەندى سۆھبىتىمىز جەريانىدا، خىتاينىڭ يۇقىرىقى تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسىغا قارىتا، مۇنداق تۆت تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنجى، خىتاي تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ دۆلەت تېررورى سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىشى ۋە ئۆلۈم جازاسىنى، تەن جازاسىنى، قالايمىقان تۇتقۇن قىلىشنى توختۇتىشى، تېررورنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنى يوقىتىشى كېرەك. ئىككىنچى، خەلق`ئارا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۇنيا جامائىتىنىڭ كۆزىنى بويايدىغان ھىلە – نەيرەڭلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قويۇشى، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە يول قويۇشى، ئۆزىنىگ ئاتوم قوراللىرىنى چەكلىشى، ھەربى ھازىرلىقلىرىنى كېمەيتىشى كېرەك. ئۈچىنچى، خىتاي رايون خاراكتېرلىك تەنىچلىق ۋە مۇقىملىق مەسىلىسى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە رايون مۇقىملىقىغا تەھدىت سالغۇچى ئەڭ زور ئاپەت خىتاي بولىۋاتىدۇ. خىتاي تەيۋەننى قورال كۈچىگە تايىنىپ بېسىپ ئېلىش ھازىرلىقىدا تۇرىۋاتىدۇ. مەركىزى ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېقىندى ھالغا كەلتۈرۈپلا قالماي، ئەمدى سىياسىي جەھەتتىن بېقىندى ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتىدۇ. مەركىزى ئاسىياغا كۆچمەن يۆتكەش ئىشلىرىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. تۆتىنچى، خىتاي ئۆز دۆلىتىنىڭ تېنچ تەرەققىيات مەسىلىسىنى ھە دەپ بازارغا سېلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتىكى نىسپى تۇرغۇنلۇقنى مەڭگۈلۈك مۇقۇملۇق سىياقىدا كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتلەردە يۈرگۈزىۋاتقان مىللىي زۇلۇملىرى، ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى، پىلانلىق تۇغۇت قىرغىنچىلىقى ۋە سۆز ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، پىكەر ئەركىلىكى قاتارلىق ئەڭ ئەقەللى ئىنسانىي ھەقلەرنى دەپسەندە قىلىش ھەرىكەتلىرى خىتاينىڭ تېنچ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدۇ. يالغۇز ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرلا ئەمەس، خىتاي خەلقىمۇ ئوخشاشلا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ زۇلۇملار خىتاينىڭ تەئاچ تەرەققىياتىنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلىشىغا يول قويمايدىغان ئاساسى ئامىل.