ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلايىر خىتاينى زىيارەت قىلدى
2005.09.05
ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلايىر دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن خىتاي - ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا، سودا ۋە يەر شارى كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاساس قىلغان تېمىلار بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى.
خۇ جىنتاۋ بىلەن تونىي بلايىر بېيجىڭدا ئۇچراشقان شۇ كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي توقۇلما بۇيۇملار ئىمپورت ۋە ئېكسپورت سودىسىدىكى ئىختىلاپلار توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان.
تونىي بلايىر خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
خۇ جىنتاۋ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىس دۆلىتى ئەنگىلىيە باش مىنىستىرىنى خەلق سارىيىدا كۈتۇۋالدى. تونىي بلايىرنىڭ باياناتچىسى، سۆھبەتنىڭ يەر شارى كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ب د ت قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. باشلىقلار سۆھبىتى يەنە رايون خاراكتىرلىك مەسىلىلەر، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللار پىلانى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. بلايىرنىڭ زىيارىتى سەيشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئۇ، بېيجىڭدا " خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسۋىتى سودا ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەردە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان زور سىياسى مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقىمىزمۇ ئىنتايىن مۇھىم،" دېدى.
خىتاي سۆھبەتكە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇسېي مانۇئېل بارروسو، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا كومىسارى پېتىر ماندىلسون ۋە تاشقى ئىشلار كومىسارى سولانالار، خىتاي تەرەپتىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋ شىڭلار ئىشتىراك قىلدى. خۇ جىنتاۋ سۆھبەتنى " ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىمىز ۋە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشىمىزگە پايدىلىق،" دەپ تەرىپلىگەن.
خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى توقۇلما بۇيۇملار مەسىلىسى بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى
تونىي بلايىرنىڭ زىيارىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئىختىلاپىنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىدا باشلاندى. ئەمما شۇ كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىسارى ماندېلسون، خىتاي سودا مىنىستىرى بو شىلەي بىلەن ياۋروپا دېڭىز پورتلىرىدىكى خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېلىشىمگە ئاساسەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋروپا دېڭىز پورتلىرىدىكى خىتاي توقۇلما بۇيۇمىنىڭ چىگرىدىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. ئەمما بۇ توۋارلار خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ يىل 6 - ئايدا ئىمزالىغان كېلىشىم بويىچە، خىتاي ياۋروپاغا 2006 - يىلى ئېكسپورت قىلىدىغان توۋارلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي بىر قاتار مۇھىم كېلىشىملەرنى ئىمزالايدىكەن. بۇ كېلىشىملەر " ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق بويىچە ئۆز ئارا چۈشۈنۈش ئەسلەتمىسى،" " ئالەم بوشلۇقى تەرەققىيات ۋە تەتقىقات ھەمكارلىقى بويىچە بىرلەشمە ئاخباراتى" ۋە ياۋروپا مەبلەغ بانكىسىنىڭ بېيجىڭ پايتەخت ئايدۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا 500 مىليون ياۋرو قەرز بېرىش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەرەپلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
تونىي بلايىر، زىيارىتىنى باشلاشنىڭ ئالدىدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بلايىر بىلەن خۇ جىنتاۋ ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار ئىدى، دەپ تەكىتلىگەن. مەركىزى لوندوندىكى ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى زىيارەت باشلىنىش بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خۇ جىنتاۋنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشكە قىستاشنى تەلەپ قىلغان.
ئەركىن تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ئايال باياناتچىسى، " بىز تىبەت مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى توقۇلما بۇيۇملار مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلار ۋە باشقا مەسىلىلەرگە سېلىشتۇرغاندا مۇھىم ئەمەس، دەپ قارىمايمىز. بىزنىڭچە ئەڭ مۇھىمى بېيجىڭ بىلەن تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى باشلانغان ئۇچرۇشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. بىز خۇ جىنتاۋنىڭ دالاي لاما بىلەن شەخسەن ئۆزى كۆرۈشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،" دىگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا زەربە بەرمەكتە
شۇ كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، "خىتاي ھۆكۈمىتى تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زەربە بەرمەكتە،" دەپ تەنقىدلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى، بلايىرنىڭ مەتبۇئات ۋە سۆز ئەركىنلىكى، ئۆلۈم جازاسى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرى، سىياسى مەھبۇسلار ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. يەر شارى كىلىماتىنى تىزگىنلەش قىلىش مەسىلىسىدە تونىي بلايىر، خىتاينىڭ يەر شارى كىلىماتىنى تىزگىنلەش سۆھبىتىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلدىكەن.
مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى يەر شارى كىلىماتى
خىتاي كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىنى بوشاشتۇرۇپ، يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى تېزلەتمەكتە، دەپ تەنقىدلىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كىلىمات مەسىلىسى بۇ يىل 7 - ئايدا چاقىرىلغان سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىندى. بلايىرنىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ پاكىز ئېنىرگىيە ئىستانسىلىرىنى قۇرۇش، كېرەكسىز گازنى ئاز چىقىرىدىغان ئېنىرگىيە تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم قىلىدىكەن. بلايىر شۇ كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھاۋا يوللىرىنىڭ ياۋروپادىن ئايرۇپىلان سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.(ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىگە ئوخشىمىغان قاراشلار
- خۇ جىنتاۋ ئۆزىگە يېڭى ئوبراز ياراتماقچى (2)
- كانادادىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە فالۇڭوڭچىلار خۇ جىنتاۋغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزمەكچى
- ئامېرىكا ۋە خىتاي بىر-بىرى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان ئىككى دۆلەت
- خۇ جىنتاۋ ئۆزىگە يېڭى ئوبراز ياراتماقچى (1)