ساياھەتچىلەر تەڭرىتېغىنىڭ مۇز چوققىلىرىنىمۇ ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرماقتا

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچىنىڭ دەل شەرقىگە نەزەر سالساق قىشمۇ ياز ئاق قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان، ھەيۋەتلىك بۇغدا چوققىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. قارىماققا ئۇ ئادەم ئايىغى باسمىغان، بۇلغانمىغان، خاتىرجەم ئۇخلاپ ياتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىددەت بىلەن كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر، تەلۋە قىزىققۇچىلار مانا بۇ دېڭىز يۈزىدىن تۆت مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى قارلىق چوققىلارنىڭمۇ جىمجىتلىقىنى بۇزدى. جىمجىتلىقىنىلا ئەمەس مۇھىمى ئۇنىڭ ئەسلى قىياپىتى، ساپ مۇھىتى، پاك خىسلىتىنى نابۇت قىلماقتا.

پىلانسىز ساياھەتچىلىك ۋە ساپاسىز ساياھەتچىلەر مۇھىتنى بۇلغىماقتا

بۇغدا تېڭى ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغلىرىنىڭ شەرقىي تاغ قىسىملىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇغدا چوققىلىرى ئادەتتە دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئېگىزلىكتە. ئۇنىڭ شىمالىي باغرىدا ئۇنىڭ ھەيئەتلىكىگە گۈزەللىك قوشۇپ تۇرغۇچى تەڭرى كۆللىرى خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك تولىمۇ ياراشقان.

بۇغدا چوققىلىرى ھەمدە بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونى قىلىپ ئېچىلغاندىن بۇيان مۆجىزىلىك گۈزەللىكى بىلەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلگەن.

ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىگە فۇكاڭنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تەڭرى كۆلى ساياھەت رايونى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ نۇقتىلىق ساياھەت ئورۇنلىرىدىن بولۇپ كەلمەكتە. ئادەتتە 20 يۈئەنلىك بېلەت بىلەنلا ھەر قانداق ئادەم بۇغدا چوققىلىرىغا ئىختىيارى ساياھەتكە چىقالايدىكەن. فۇكاڭ تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە بۇ يىل 31 - ئاۋغۇستقىچە بۇغدا كۆلى ساياھەت ئورۇنلىرى جەمئىي 577 مىڭ ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، 53 مىليون يۈئەن كىرىم قىلغان. بۇغدا ساياھەت رايونىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۆپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، بۇ جاينىڭ تازىلىق مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى ۋە تۈزۈلمىلىرى ناھايىتى كەمچىل بولۇپ كەلمەكتە.

ئۆتكەن يىلى ئىيۇندا تەڭرىتاغ تور بېتىدە بۇغدا چوققىسىدىن 6 - توننا ئەتراپىدا ساياھەتچىلەر تاشلىغان ئەخلەتلەر بايقالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى. گەرچە ئۇ نۆۋەت بۇ ئەخلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە بەزى خالىس كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تازىلانغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇغدا ئېتەكلىرى ھەتتا مۇز چوققىلىرىدىكى مۇھىت بۇلغىنىش يەنە داۋاملاشماقتا ئىكەن.

يېقىندا يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسى، سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار، 1 - نومۇرلۇق مۇز چوققىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا مۇز چوققىدىن ئېرىگەن سۇلاردىن پەيدا بولغان، كىچىك دەريانىڭ ئىككى كىلومېتىرغا يەتمىگەن ئارلىقىدىلا، چوڭ تىپتىكى موگۇ تېرىلغان پارنىكتىن 80 نى بايقىغان. بۇ پارنىكلارنى يىگىرمىدەك خىتاي ئاققۇنلىرى باشقۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار پەقەتلا مۇزلۇق چوققىلاردا ئۆسىدىغان موگۇ پارنىكلىرىنى قۇرۇش جەريانىدا، مۇھىت ئاسراش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي، قانۇنسىز مەشغۇلات قىلغاندىن سىرت، تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەخلەتلىرى بىلەن مۇز چوققىنىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان.

مۇھىت ئىدارىسى: ھازىرچە ساياھەتچىلەرنى توسۇپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس، كېلەي يىلى بەلگىلىمە چۈشۈپ قالار

چارشەنبە كۈنى يەنى 1 - 3 سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي ئىشلار كومىتېتى بۇغدا چوققىلىرىنى ساياھەتچىلەرگە ئېچىشنى توختىتىشنى كۆرسەتكەن. بىز خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەزكۇر پىكىرنىڭ قاچاندىن باشلاپ مەخسۇس تەدبىر سۈپىتىدە يولغا قويۇلىدىغانلىقىغا دائىر مەسىلىلەرگە جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن، بۇغدا ساياھەت رايونىنىڭ مۇھىتىنى باشقۇرغۇچى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدىكى ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭلا ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىدا ئېغىر بۇلغۇنۇشلار كۆرۈنۈپلا قالماي، قار مۇز چوققىلىرىنىڭمۇ قارا قويۇق ساياھەتچىلىككە ئېچىۋېتىلىشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى بولغان بۇ مۇز چوققىلارنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بولۇپمۇ ئۈرۈمچىگە يېقىن بولغان بۇغدا چوققىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ھەممىدىن ئېغىر بولماقتا ئىكەن. ئۇ يەنە بىرىنچى نومۇرلۇق مۇز چوققىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسلىق ئىچىملىك سۇ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بۇ خادىم يەنە گەرچە نۆۋەتتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ بۇغدا چوققىلىرىغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە رەسمىي بىر ھۆججەت چۈشمىگەنلىكى ئۈچۈن ساياھەتچىلەرنى توسۇپ قېلىشنىڭ ھازىرچە مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بەلكىم كېلەر يىلىدىن باشلاپ بۇ ھەقتە مەخسۇس بەلگىلىمىلەرنىڭ يولغا قويىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ساياھەتچىلەرنىڭ بۇغدا چوققىلىرىنىغا چىقىشىنى تېخى ھازىرچە توسۇپ قالغىلى بولمايدىكەن. ئالدىمىزدا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ساياھەت دولقۇنى قوزغىلىدىغان ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بەلكىم بۇغدا ساياھەت رايونىنى باشقۇرغۇچىلار، بۇ پەيتتىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ يۇقىرى پايدا ئېلىشنى كۆزلەۋاتقاندۇ بەلكىم، ئەمما بۇغدا چوققىلىرىنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈۋاتىدۇ؟ (گۈلچېھرە)