
دۇنيا ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" نىڭ دەسلەپكى لايىھىسى سەيشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قويۇلدى. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جاۋگو يىغىندا مەزكۇر قانۇن لايىھىنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشتىن سىرت، "تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش" ۋە "بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش" سىياسىتىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي پىرىنسىپى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ يەنە، خىتاينىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىگە تىنچلىقسىز ئۇسۇل بىلەن تاقابىل تۇرۇشتىنمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"بىز ئەزەلدىن قورال كۈچى ئىشلەتمەيمىز دەپ ۋەدە بېرىپ باقمىغان. ھەر قانداق بىر ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەرگە يول قويمايدۇ. تىنچلىقسىز ئۇسۇل بىلەن دۆلەت بۆلگۈنچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش بولسا، بىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ۋە تىنچ يولدا دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىمىز ئەمەلگە ئاشمىغاندا ئاندىن قوللىنىدىغان ئەڭ ئاخىرقى تاللاش يولىمىز".
قورال كۈچى ئىشلىتىشتىكى 3 خىل شەرت
بىز ئەزەلدىن قورال كۈچى ئىشلەتمەيمىز دەپ ۋەدە بېرىپ باقمىغان. ھەر قانداق بىر ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەرگە يول قويمايدۇ.
ۋاڭ جاۋگو يەنە، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" لايىھىسىنىڭ مەزمۇنلىرىنى چۈشەندۈرۈپ كېلىپ، خىتاينىڭ تۆۋەندىكىدەك 3 خىل شەرت ئاستىدا قورال كۈچى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىرىنچىسى، تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرى ھەر قانداق نام ۋە ئۇسۇل بىلەن تەيۋەننى خىتايدىن ئايرىپ چىقىش ئەمەلىيىتىنى پەيدا قىلغاندا. ئىككىنچىسى، تەيۋەننىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان چوڭ ۋەقە يۈز بەرگەندە. ئۈچىنچىسى بولسا، تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش شەرتى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغاندا.
تەيۋەن بۇ قانۇنغا كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈردى
تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" لايىھىسىنىڭ مەزمۇنلىرىغا كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. مۇئاۋىن كومىتېت رەئىسى چيۇ تەيسەن، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇننى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق "جۇڭخۇئا مىنگو" نىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ھەمدە ئىككى قىرغاقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بۇ، ھازىرلا رايوننىڭ ۋەزىيىتىدە جىددىيلىك پەيدا قىلىپ بولدى. شۇنداقلا بۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بىز تەرەپنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۈر قانۇننى تۇرغۇزۇشى توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى".
تەيۋەن خەلقى بۇنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدۇ
تەيۋەن خەلقى ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ "بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش" پىرىنسىپىنى قوبۇل قىلمايدۇ.
تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيۇ تەيسەن باياناتىدا يەنە، ۋاڭ جاۋگونىڭ "تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش ئۇسۇلى بىلەن تەيۋەن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش" قارىشىغا قارشى چىقىپ، تەيۋەننىڭ ھەرگىزمۇ بۇنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى تەيۋەن يەنى جۇڭخۇئا مىنگونىڭ ھازىر ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"تەيۋەن خەلقى ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ ‘بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇشئ پىرىنسىپىنى قوبۇل قىلمايدۇ. تەيۋەننىڭ كەلگۈسى چوقۇم 23 مىليون تەيۋەن خەلقىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشى كېرەك. شۇڭا خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ ھەقىقەتنى چوقۇم قوبۇل قىلىشى لازىمدۇر".
چيۇ تەيسەن يەنە، تەيۋەندە ھازىر خىتاينىڭ مەزكۈر "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" غا قارىتا تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ "يۈتۈۋېلىشقا قارشى قانۇن" تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئاۋازلارنىڭمۇ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن، خىتاي ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىۋاتقان قانۇننىڭ تەيۋەن خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئەركىن تاللىشىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا خىتاينى قايتا ئويلىشىشقا چاقىردى
بىز تىنچ يولدىن باشقا ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەشكە ئۇرۇنىدىغان ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىمىز.
"دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" لايىھىسىنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا قارىتا ئامېرىكا ئاق ساراي سەيشەنبە كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاق ساراي باياناتچىسى سكوت ماكلىلان بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى ماقۇللاشنى قايتا ئويلىشىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"بىز تىنچ يولدىن باشقا ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەشكە ئۇرۇنىدىغان ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىمىز. بىزنىڭ مەيدانىمىز ھەممىگە ئېنىق، بىز "بىر جۇڭگو" پىرىنسىپىنى تەكىتلەيمىز ۋە تەيۋەننىڭ مۇستەققىلىقىنىمۇ قوللىمايمىز. ئەمما بىز تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر تەرەپلىمە ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرىمىز"
ئامېرىكا تەيۋەن ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە
سكوت ماكلىلان يەنە، ئىككى قىرغاقنىڭ دىئالوگنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولۇپ قېلىشىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەتتا مۇشۇ سەۋەبتىن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان 15 يىللىق قورال سېتىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىغا كۈچلۈك قارشى چىقتى. شۇنداقلا يېقىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ پىكىردە ئورتاق بىرلىشىپ، مەزكۇر چەكلىمىنى بىكار قىلىپ خىتايغا قورال سېتىپ بېرىشكە ئارىلاشقان ياۋروپا دۆلەتلىرىگە جازا قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. (پەرىدە)