خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى ماقۇللىدى

0:00 / 0:00
npc_flagburning_150.jpg
14-مارت كۈنى، تەيۋەندىكى مۇقتەقىللىقنى ياقىلىغۇچىلار تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ سىرتىدا خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نىغا قارشىلىق بىلدۈردى. AFP

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا يېپىلدى. قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى كۈن تەرتىپ بويىچە ۋەكىللەر "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇن لاھىيىسى" نى ماقۇللاپ، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ تەيۋەنگە قارشى ھەربىي ھۇجۇم قوزغاش ھەرىكىتىنى قانۇنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن بولدى. قانۇن لايىھىسى ماقۇللانغان شۇ كۈنى رەسمى كۈچكە ئىگە بولغان.

قوراللىق قىسىملارغا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى

مەزكۇر قانۇننىڭ روھى بويىچە، ئەگەر تەيۋەننى تىنچ ۋاسىتىلەر بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش يوللىرى تۈگىسە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىغا تەيۋەننى قوراللىق ئىشغال قىلىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ. جەمئىي 10 ماددىدىن تەركىپ تاپقان قانۇن لايىھىسىنىڭ ئەڭ نازۇك بۆلۈمى 8 - ماددىسى بولۇپ، مەزكۇر ماددىدا تەيۋەننى غەيرىي تىنچلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ماددىلار تىلغا ئېلىنغان. قانۇن لايىھىسىدە، غەيرىي تىنچ ئۇسۇللارنىڭ تىنچ يوللار بىلەن بىرلىككە كەلۈتۈرۈش ئاقمىغان ئەھۋال ئاستىدا تەدبىقلىنىدىغانلىقىنى شۇنداقلا مەزكۇر قانۇننىڭ پۈتۈنلەي تەيۋەن بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لۈشيۇليەن: مەزكۇر قانۇن ئۇرۇش قىلىش يوليورۇقى

تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جوڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. چەتئەلنىڭ ئارلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بىز چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ ئارلىشىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز. بىراق چەتئەللىكلەرنىڭ ئارلىشىشىدىن قورقمايمىز.

مەزكۇر قانۇن تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۈ شيۇليەن، ب د ت نى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىنى تەنقىد قىلىشقا چاقىردى. ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى سالۋادور، گۇئاتىمالا قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىش سەپىرىدىكى لۈ شيۇليەن، ھەپتە ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ خيۇستون شەھىرىدە توختاپ ئۆتكەندە، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى " ئۇرۇشقا يول - يورۇق بېرىش قانۇنى،" دەپ ئاتىدى.

مەزكۇر قانۇننىڭ قانۇنغا ئەمەس سىياسى باياناتقا ئوخشايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن لۈ شيۇليەن، تەيۋەن خىتاي قانۇننىڭ ئوبيېكتى ئەمەس شۇنداقلا ئاتالمىش "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" تەيۋەندە ئاقمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ ، ب د ت مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىختىلاپلارنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان خىتاينى تەنقىد قىلىشى كېرەك،" دەپ تەكىتلىگەن.

ۋېن جياباۋ: بۇ قانۇن ئىككى قىرغاق مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىدۇ

CHINA_NPC_TAIWAN_12-200.jpg

بىراق خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى "ئۇرۇش قانۇنى ئەمەس،" دەپ ئاقلىدى. ئۇ، دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەزكۇر قانۇن تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىدىغان، تەيۋەندىكى مۇستەقىلچى كۈچلەرگە قارشى تۇرىدىغان شۇنداقلا تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىقنى قوغدايدىغان قانۇن، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

" بۇ قانۇن ئىككى قىرغاق مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىدىغان ۋە ئىلگىرى سۈرىدىغان قانۇن، بۇ تەيۋەن خەلقىغە قارىتىلغان ئۇرۇش قانۇنى ئەمەس، بەلكى تىنچلىق بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنى."

ۋېن جياباۋ، چەتئەللىكلەرگە رىقابەت ئېلان قىلدى

ۋېن جياباۋ يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى س ن ن مۇخبىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىدى. س ن ن مۇخبىرى ، قانداق ئۇسۇللارنىڭ غەيرى تىنچ ئۇسۇللار ھېساپلىنىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئەگەر جوڭگو ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدىكى بىر توقۇنۇشقا دۇچ كەلسە، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان ھەربىي قوشۇنلارنى قۇرۇپ چىقامدۇ؟ دېگەن سۇئاللارنى سورىغان. ۋېن جياباۋ مۇخبىرنىڭ كېيىنكى سۇئالىغا، " تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جوڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. چەتئەلنىڭ ئارلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بىز چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ ئارلىشىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز. بىراق چەتئەللىكلەرنىڭ ئارلىشىشىدىن قورقمايمىز،" دەپ جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا: مەزكۇر قانۇن تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن پايدىسىز

بىز جوڭگولۇقلارغا شۇنى ئېنىق بىلدۈرىمىزكى، "تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى" بويىچە بىزنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىمىز بار.

ئامما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن پايدىسىز، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى مىكلىلان، تەرەپلەرنى تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتمەسلىككە چاقىردى. مەزكۇر قانۇننى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىسىز، دەپ تەكىتلىگەن مىكلىلان مۇنداق دەيدۇ:

"بىز ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك قەدەم باسماسلىقى ياكى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش يولىدا بىر تەرەپلىمىلىك قارار چىقىرىپ، سۈركىلىشنى كۈچەيتىۋەتمەسلىكى كېرەك، دەپ قارايمىز. مانا بۇ بىزنىڭ 'دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى ' چىقىرىش پايدىسىز، دەپ قارىشىمىزدىكى سەۋەبلەر."

جۈمە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس "ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى" نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، " بىز جوڭگولۇقلارغا شۇنى ئېنىق بىلدۈرىمىزكى، 'تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى' بويىچە بىزنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىمىز بار،" دەپ كۆرسەتتى.

"تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى" بويىچە ئامېرىكا تەيۋەننى قوغداشنى ئۈستىگە ئالغان. رايىس، ئامېرىكا رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتى ئا ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن پايدىسىز،" دېگەن.

رايىس، دۈشەنبە كۈنى خىتاي، ياپونىيە ، جەنۇبىي كورىيە ، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە قىلىدىغان زىيارىتىنى باشلىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايىسنىڭ خىتايدىكى زىيارەت كۈنتەرتىپى، شىمالى كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى، تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىشى مۇمكىن.

"دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" دۈشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا نۆلگە قارشى 2896 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان. (ئەركىن)