"ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسى رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق"

0:00 / 0:00

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسىنى شەرقى ياۋروپاغا كېڭەيتىش پىلانى رۇسىيىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.

30 - ئاپرىل، ئاق سارايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئامېرىكا ياۋروپا يۇقرى دەرىجلىك دۆلەت ئەربابلىرى ئۇچرىشىشنىڭ بىرىنچى كۈنى گېرمانىيە باش مىنىستىرى Angela Merkel ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنى باشقۇرۇلدىغان بومبا - قالقان سىسىتېمىسى پىلانى جەھەتتە، رۇسىيە بىلەن دىئالوگ ئورنىتىشقا دەۋەت قىلغان.

بۇش: "بومبا - قالقان سىستېمىسى رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق"

بۇ ھەقتە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر پىلانى رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق دەپ كۆرسىتىپ، بۇ جەھەتتە رۇسىيىنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى كۆلەملەشتۈرگەن بولۇپ، 1983- يىلى مارتتا، پرېزىدېنت رونالد رېگان بۇ تەتقىقات تۈرىگە مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسى مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن كۆرۈنەرلىك ئۇتۇق قازىنالماي كەلگەن ئىدى.

غەلبىلىك سىناق

ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتى 1- ماي تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى، 26-ئاپرىل، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسى تەتقىقات جەمئىيىتى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسى جەھەتتە ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ تىز سۈرئەتلىك چوڭ ئۇرۇش پاراخوتى USS Lake Erie، پاراخوت سېستىمىسى ۋە ئۇرۇش ئەترىتى ئوخشاش ۋاقىتتا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى بايقاش، ئىز قوغلاش ۋە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغان ۋە بايقالغان نىشاننى غەلىبىلىك تار‏ - مار قىلغان.

باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسى تەتقىقاتىغا مەسئۇل خادىم R.A Brad Hicks مۇنداق دېدى: "بۈگۈنكى سىناق، باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسىنىڭ ھەقىقىي ئىلاستىكلىقى ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى."

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مەزكۇر سىستېمىنى ياۋروپا ئەللىرىگىچە كېڭەيتىش پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە چىخسىلۋاكىيىگە رادار تەكشۈرۈش سىستېمىسى ۋە پولشىغا 10 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى توسۇش سىستېمسى ئورنىتىش پىلانى ھەققىدە ئۇزۇندىن بېرى مۇزاكىرە قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسى ئەسلىھەلىرىنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قۇرۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا، باشقا ياۋروپا ئەللىرىنى قوغداپلا قالماي ئىراندىن كېلىدىغان تەھدىتكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.

رۇسىيەنىڭ قارشىلىغى

ئەمما، ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پوتىن ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر پىلانىغا قارشى پىكرىنى ئىپادىلەپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كىيىن تۈزۈلگەن ياۋروپاغا ھەربى قوشۇن كىرگۈزۈش چەكلىمىسى بېكىتىلگەن مۇھىم بىر كېلىشىمنى تىلغا ئېلىپ تەھدىت سالغان.

ھازىر ئامېرىكا بۇنىڭغا قارىتا رۇسىيىنىڭ ماقۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

بۇ ھەقتە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار باش كاتىپى كاندىلىزا رايس، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسىنى شەرقى ياۋروپا ئەللىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى رۇسىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك سىستېمىسىغا تەھدىت ئېلىپ كىلىدۇ دېسە بەك "كۈلكىلىك" بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسىنى شەرقى ياۋروپاغا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى جەھەتتە گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ دەۋەت قىلىشى ئارقىسىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى پوتىن بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: " ئۇ مېنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى پوتىن بىلەن ئۆزۈمنىڭ مەزكۇر پىلانلىرى ئۈستىدە تېخىمۇ ئېنىق پىكىر ئالماشتۇرۇشۇمنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى، مەن ئۇنىڭ پىكرىنى تولىمۇ ئورۇنلۇق دەپ بىلدىم. بىزنىڭ قالقان سىستېمىسىنى قۇرۇش مۇددىئايىمىز بولسا ئەلۋەتتە، مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ غەربىي ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئامېرىكىغا دۈشمەنلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن. روشەنكى رۇسىيە بۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىچە قاراشتا بولۇۋاتىدۇ".

جورج بۇش يەنە، رۇسىيىگە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گەيتنى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتكەنلىكىنى ھەمدە رۇسىيىنىڭ بۇ پىلانغا قاتنىشىشى چوقۇم ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئەلۋەتتە رۇسىيىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، كۆرسەتتى.

ئەمما موسكۋا ئامېرىكىنىڭ بۇ پىلانلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە ئىراندا يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (جۈمە)