مېكسىكا قولتۇقىغا "كاترىنا" چاپقۇنىدىن كېيىن "رىتا" كېلىۋاتىدۇ


2005.09.23

ئامېرىكا ھاۋا رايى مۇلازىمەت تارماقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "رىتا" ناملىق دېڭىز چاپقۇنى ھازىر ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا قولتۇقىغا قاراپ كېلىۋاتىدۇ. 23 - سېنتەبىر كېچە ياكى 24 - سېنتەبىر سەھەردە تېكساس شىتاتىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشى مۇمكىن.

ئاھالىلەر كۆچۈرۈلمەكتە

"رىتا" نىڭ يۆنۈلىشىدىن قارىغاندا، تېكساس شىتاتىنىڭ گولۋىستون شەھىرى ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىمالى بار. 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى "كاترىنا" دېڭىز چاپقۇنى مىكىسكا قولتۇقىغا ھۇجۇم قىلغاندا نيۇئورلىن شەھرى ئېغىر زەخمىلەنگەن ئىدى. ھازىر "رىتا" دىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن تېكساس شىتاتىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى گولۋىستون، خيۇستون شەھەرلىرىدىن مىليونلىغان ئاھالە شىمال تەرەپكە قاراپ كارۋان بولۇپ كۆچمەكتە.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "رىتا" چاپقۇنى مېكسىكا قولتۇقىغا يېقىنلىشىۋاتقاندا، بۇ رايوندىكى نېفىت ئايرىش شىركەتلىرى ئىشتىن توختىغان. ئۇلار ئادەتتە ھەر كۈنى 560 مىڭ باك نېفىت ئايرىيتتى. دېڭىزدا نېفىت بۇرغۇلايدىغان ئىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى باشقا رايونلارغا كۆچۈرۈلگەن. پەقەت تېكساس شىتاتىدىلا ، ھەركۈنى 350 مىڭ باك نېفىت ئايرىدىغان ئېكسان - موبىل شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 نېفىت شىركىتىنىڭ 16 سى "رىتا" دىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋاقتىنچە ئىشتىن توختىغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئەمما "رىتا" چاپقۇنى بۇ رايوندىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. شۇڭلاشقا ھازىر نېفىت باھاسى ئۆرلىمەي بەلكى ئازراق تۆۋەنلىگەن. لوندوندىمۇ ھەر بىر گالون گاز باھاسى ئامېرىكا دوللىرى ھېسابىدا 59 سېنت تۆۋەنلىگەن.

ئېچىنىشلىق ئەسلىمە

ئەسلىمىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر "رىتا" چاپقۇنى كېلىۋاتقان گولۋىستون شەھىرى بۇنىڭدىن 105 يىل بۇرۇن، 1900 - يىل 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى نامسىز دېڭىز چاپقۇنىغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭدىكى 37 مىڭ نوپۇستىن 6000 ئى ئۆلۈپ كەتكەن. 3600 تۇرالغۇ تەرك بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، 1902 - يىلى بۇ شەھەر 5 مېتىر ئىگىزلىكتىكى توغان بىلەن ئىھاتىلەپ چىقىلغان. بۇ توغان ئەينى ۋاقىتتىكى چاپقۇن سەۋىيىسىدىكى 4 مىتىر 80 سانتىمىتىرلىق سۇنى توسىۋالالايتتى. ئەسلىمىلەردە ئېيتىلىشىچە، 1900 - يىلى ئۇچتۇمتۇت كەلگەن نامسىز چاپقۇندا ئۇچرىغان زىيان مۇداپىئە سېستىمىسىنىڭ ناچارلىقىدىن بولغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ھاۋارايىشۇناس ئىشاق كلاين ئەپەندى چاپقۇننى " ئىسسىق شامال" دەپ قاراپ، ئۆزى كۆچۈپ چىقمىغان. نەتىجىدە ئۇنىڭ 50 كىشىلىك جەمەتىدىن ئاران 18 كىشى ساق قالغان. ئەمدى ئۇنىڭدىن 105 يىل كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ھاۋا رايى خادىملىرى سۈنئى ھەمرا بىلەن رەسىمگە ئېلىش، دوپلېر راداردا ئۆلچەش، تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلار بىلەن چاپقۇن ئىچىگە ئۆلچىگۈچ ئەسۋاپلارنى تاشلاپ ئۆلچەش قاتارلىق ۋاستىلارنى قوللىنىپ چاپقۇندىن ئالدىن مەلۇمات بېرىدۇ. بۇ قېتىم گولۋىستون شەھىرىنىڭ باشلىقى لىدا توماس خانىم 48 سائەت بۇرۇنلا شەھەر خەلقىغە 80٪ ئاھالە كۆچۈپ چىقىشى كېرەك دەپ جاكارلىغان.

ئۈمىدلىك ئىزدىنىشلەر

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، "كاترىنا" چاپقۇنىدىن كېيىن يەنە "رىتا" چاپقۇنىغا دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلەر "چاپقۇن كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى يوق قىلىش، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ھۇجۇم كۈچىنى ئاجىزلىتىش" توغرىسىدىكى ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما ئالىملارنىڭ قارىشىچە، چاپقۇن ناھايىتى قۇدرەتلىك تەبىئى ھادىسە، ئۇنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنۇش بىھۇدە. بۇرۇن بەزى كىشىلەر چاپقۇن يېتىپ كەلمەستىن بۇرۇن ئۇنى يوق قىلىش مۇمكىن ياكى قۇدرىتى شۇنىڭغا باراۋەر كېلىدىغان ھاۋا رايى ياكى باشقا بىرخىل جىسىم بىلەن ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىن، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرگەن.

بىر قېتىملىق چاپقۇندا 749 ئادەم چىقىم بولغاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى پرېزىدېنت ئېزىنخاۋىر بۇ تەسەۋۋۇرنى سىناق قىلىشنى قوللاپ، ئۇنىڭغا نەچچە مىليارد دوللار ئاجراتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئالىملىرى بۇ ھەقتە 20 نەچچە يىل سىناق ئېلىپ بېرىپ ئۈنۈمگە ئىرىشەلمىگەندىن كېيىن، بۇ خىيالدىن ۋاز كەچتى.

"رىتا" تىز سۈرئەتتە كەلمەكتە

ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، "رىتا" دېڭىز چاپقۇنىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلىقى 560 كىلومىتىر، ئۇنىڭدىن تارقىلىدىغان ئىسسىقلىق 200 مىگاۋات ئېلېكتىر كۈچىگە تەڭ، ئۇ ھەر 20 مىنۇتتا بىر قىتىم پارتلاپ تۇرىدۇ، پارتلاش قۇۋىتى 10 مىليون توننىلىق يادرو بومبىسىنىڭ ئىقتىدارىغا تەڭ. بۇنداق تەبىئىي ھادىسىگە قارىتا "كۈچىنى ئاجىزلىتىش تەدبىرى" قوللىنىشنى ئويلاش ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بىر خىل شىرىن ئارزۇ - ھەۋەستىن ئىبارەت، خالاس. شۇڭلاشقا ئامېرىكىلىقلار تەبىئەتنىڭ كۈچىگە تەن بېرىدۇ ۋە "ياراتقان ئىگەم ئامېرىكىنى ئۆز پانايىدا ساقلىغاي" دېگەن ئارزۇ- ئۈمىدىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېكساسنىڭ گولۋىستون، خيۇستۈن شەھرىدىن شىمالغا قاراپ ماڭغان مىليونلىغان كۆچمەن ئاپتوموبىللىرى 45 - نومۇرلۇق شىتاتلار ئارا داغدام يولغا لىق تولدى. "رىتا" چاپقۇنى ھازىر تېكساسنىڭ 300 نەچچە كىلومېتىر جەنۇبىدىن سائىتىگە 135 دېڭىز چاقىرىمى ئىلگىرىلەيدىغان شامال چىقىرىپ، يۈنۈلۈشى بەزىدە ئازراق ئۆزگىرىپ، ئومۇمەن شىمالغا قاراپ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئەتراپقا ئاللىقاچان تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلارنى ۋە ئۇچۇر -ئالاقە گۇرۇپپىلىرىنى ئەۋەتتى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 800 نەپەر قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەسكىرى تىز قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىشقا تەييار. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.