خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئاۋازىنى كۆتەرمەكتە


2006.11.21
xoten-balilar-200.jpg
13 – ئۆكتەبىر كۈنى بىرقانچە ئۇيغۇر بالىلىرى خوتەندە> AFP

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، خىتاي ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىگىلىگەن بوستون گلۇب گېزىتىنىڭ ئىلگىرى بېيجىڭدا تۇرغان مۇخبىرى جاھانگىر پوچانىڭ مەزكۇر گېزىتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان ئىككىنچى ماقالىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

جاھانگىر پوچا 11‏-ئاينىڭ 5‏- كۈنى بوستون گلۇپ گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە سوزۇلغان تۇرۇبىلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايلىقىنى خىتايغا يۆتكىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھېسىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ بېسىمى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتمەكتە

ئۇ، 11‏-ئاينىڭ 19‏-كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بولسا، ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان نارازىلىقى ئۈستىدە توختالغان.

جاھانگىر پوچا ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ:

"ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ كۈنسېرى كۆچىيىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت مول نېفىت ۋە تەبئىي گاز زاپىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئوبدان بىلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بېسىمىغا قارشى ئۇيغۇلار ئارىسىدا نارازىلىق ھەرىكىتىمۇ كۈچەيمەكتە. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە دادىللىق بىلەن نارازىلىق بىلدۈرىدىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بېرشىنى تەلەپ قىلىدىغانلار باغانسېرى كۆپەيمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرىدىغانلارنىڭ كۆپىيشىدە، ھەم ۋەتەن ئىچىدە، ھەمدە ۋەتەن سىرتىدا جاسارەتلىك ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇھىم رول ئوينىماقتا".

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋە ئىسلام دىنىدىن ئايرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مەسچىتگە كىرىشىنى، دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشىنى چەكلىگەن. خوتەندىكى بىر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رامىزان ئىيىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەدبىرلەر ئېلىپ، ئۇلارغا كۈندۈزى تاماق يىگۈزۈش ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ماقالىسدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمىنىڭ ئوچۇق- ئاشكارا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن جاھانگىر پوچا مۇنداق دەيدۇ:

"ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاي كومپارتىيە سىكېرىتارى ۋاڭ لېچۇەن، ئاشكارا ھالدا، ئۇيغۇرلار خىتايچە ئۆگىنىشى ھەمدە خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، دەپ باياناتلار بەرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋە ئىسلام دىنىدىن ئايرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مەسچىتگە كىرىشىنى، دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشىنى چەكلىگەن. خوتەندىكى بىر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رامىزان ئىيىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەدبىرلەر ئېلىپ، ئۇلارغا كۈندۈزى تاماق يىگۈزۈش ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە".

خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى ئىسلامغا يېقىنلاشتۇرماقتا

ماقالىسىدە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللىكلەر بىلەن سۆزلىشىشىتىن قورقىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جاھانگىر پوچا، ئۆتكەن ئاي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن بىر نەچچە مىنۇت سۆزلەشكەن ئابدۇل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، " ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي چەتكە قېقىلىۋاتىدۇ " دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. جاھانگىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇلنىڭ سۆزلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەر-يېزىلىرىنىڭ تار كوچىلىرىدا ۋە كونا بىنا ئۆيلىرىدە كىشىلەر بىر - بىرىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاۋاتقان شىكايەتلەرنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.

ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياستىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنىغا تېخىمۇ كۆپ يېقىنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن جاھانگىر پوچا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىسلامىي ئۇسۇلدا كىيىنگەن ئاياللارنىڭ سانىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ۋە جۈمە كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئىبادەت قىلغۇچىلار بىلەن تولۇپ تاشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

جاھانگىر پوچانىڭ ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق بوستون گلۇب گېزىتىدە ئېلان قىلغان بۇ ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر قاتارلىق يېڭى نەسىل ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى بىر تەرەپتىن ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى جاسارەتلەندۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەللەردە ئۇيغۇر مەسلىسىنىڭ تونۇلۇشىغا ھەمدە ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىگە سەۋەب بولغان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.