خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە 10 مىليون مو بوز يەر ئاچماقچى


2004.12.14

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تورلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر مەلۇماتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم ۋە ئىلى دەريا ۋادىلىرىدىن يەنە 10مىليون مو بوز يەر ئېچىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بەش يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانچىلىق تېرىلغۇ يەر مەيدانىنى 30 مىليون موغا يەتكۈزمەكچى ئىكەن.

تەڭرىتاغ تور بېتىدە يېقىندا بۇنىڭغا دائىر بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى دەريا ۋادىسىدا كەڭ كۆلەمدە بوز يەر ئېچىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.

بوز يەر ئېچىش - خىتاي نوپۇسىنى كۆپىيىش، مۇھىت بۇلغاش

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەللىك يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن جەمى 16 مىليون مو بوز يەر ئاچقان بولسا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە، غەربىي شىمالنى ئېچىش باھانىسىدا كەڭ كۆلەملىك بوز يەر ئېچىشنى ئېلىپ باردى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەخسۇس ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دېھقانچىلىق يەر مەيدانىنىڭ كۆلىمى 21مىليون 37 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا يەنە بىر مىليون مو يەر يېڭىدىن ئېچىلغان. ئۇيغۇر ئېلىدە تېز سۈرئەتتە، پىلانلىق ۋە پىلانسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بوز يەر ئېچىش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۇرغۇن سۇ ۋە تۇپراق بايلىقلىرىنى بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچراتماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ھەققىدىكى دوكلاتلاردىن مەلۇم بولغاندەك، نۆۋەتتە تارىم ۋە ئىلى دەرياسى ئوخشاشلا ئېغىر ئېكولوگىيىلىك مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلمەكتە. دەريا ۋادىلىرىمۇ تۇپراقنىڭ قۇملىشىش ۋە شورلىشىش مەسىلىلىرىگە يولۇقماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا 5 مىليونغا يېقىن دېھقاننىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەل بولمىدى، بوز يەر ئېچىشقا توسالغۇ بولىدىغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رېئالنى ئامىللار بار شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە 10 مىليون مو بوز يەر ئېچىشنى پىلانلىشىدا نىمە سەۋەپلەر بار ؟

بوز يەر ئېچىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى قاراشلار

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى "يەر ئىسلاھاتىدا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش" قارارىنى ئوتتۇرغا قويدى، ۋېن جاباۋ "جوڭگو يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېغىر ئاشلىق كرىزىسىگە دۇچ كەلدى. بىر مىليارد ئۈچ يۈز مىليون نوپۇسىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەڭ جىددى مەسىلىنىڭ بىرى. نۆۋەتتە سانائەتلىشىشنىڭ ۋە مۇھىت مەسىلىلىرىنىڭ تەسىرىدە خىتاينىڭ دېھقانچىلىق تېرىلغۇ يەر مەيدانلىرىنىڭ قىسقىرىشى ناھايىتى تېز بولۇپ 7 يىلدا يۈز مىليون مو تېرىلغۇ يەر ئازلىدى. شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇسى بارغانچە ئاشماقتا، نوپوس ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرسىدىكى تۇراقسىز نىسبەت ئۇزاق مەزگىلگىچە داۋام قىلىشى مۈمكىن بۇنىڭ ئۈچۈن يەر ئىسلاھاتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك" دەپ ئوتتۇرغا قويغان.

بەزى كۆزەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئاشلىق ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تارىم ۋە ئىلى دەرياسى ۋادىلىرىدە يەنە 10مىليون مو بوز يەر ئاچماقچى بولغانلىقىمۇ، خىتاي ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان ئاشلىق كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دەپ قارىماقتا.

بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئېليار ئەپەندى، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يەنىمۇ كۆپ بوز يەر ئېچىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئارتۇق نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىمەكچى شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نوپۇس، سىياسىي، ئىقتىسادى جەھەتلەردىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلماقچى" دىگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.

ئۇيغۇر دېھقانلار ئەندىشىدە

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلى ۋە تارىم دەريا ۋادىلىرىدا يەنە 10 مىليون مو بوز يەر ئېچىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىمۇ ئەندىشە ھەم گۇمانلارنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە رادىئومىزغا تېلېفون ئۇلىغان بىر ئۇيغۇر خىتايلارنىڭ پۇل بولىدىغان ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا مەجبۇرى ھالدا ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن زىرائەتلەرنى تېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئېليار ئەپەندى ۋە مەزكۇر دېھقاننىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقانلىرىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.