ساقچىلار گۇاڭجۇنىڭ ياۋتەي بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى ئۇرۇپ تارقىتىۋەتتى
2006.05.12
8- ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 6 ئەتراپىدا خىتاي ساقچىلىرى گۇاڭجۇنىڭ ياۋتەي بازىرىدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردە جان بېقىۋاتقان 300 دىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى بازاردىن قوغلاپ چىقارغان ھەمدە ئۇلارنى ئۇرۇپ ئاز دېگەندە بەش نەپەر ئۇيغۇرنى ئېغىر يارىلاندۇرغان.
تاياق يېگەن ئۇيغۇرلارنىڭ داۋالىنىشى رەت قىلىنغان
ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى 100 ئەتراپىدا خىتاي ساقچىسى گۇاڭجۇنىڭ ياۋتەي بازىرىغا قوللىرىدا كالتەكلەرنى كۆتۈرگەن ھالدا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كېلىپ، ياۋتەي بازىرىدىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇششاق تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تارقىتىۋىتىشكە ئۇرۇنغان. ساقچىلار ئۇلارنىڭ جابدۇقلىرىنى چىقىپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنى قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىغان. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قېچىپ كېتىپ ساقچىلارنىڭ تايقىدىن قۇتۇلغان.
نەتىجىدە ئونلىغان ئۇيغۇر يارىلانغان بولۇپ، ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئازدېگەندە بەش ئۇيغۇر دوختۇرخانىدا داۋالانغان. ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، بىر قىسىم دوختۇرخانىلار يارىلانغان ئۇيغۇرلارنى داۋالاشنى رەت قىلغان.
خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 8- ماي كۈنىدىكى ھۇجۇمىدا ئېغىر يارىلانغان ساقچىلارنىڭ تاياقلىرىنىڭ زەربىسىدە باش كۆزى يېرىلىپ كەتكەن 60 ياشلىق ئەخەتنى ساقچىلار ئۆزى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، بېشىنى تاڭغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقىرىۋەتكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، ساقچىلارنىڭ 8- ماي كۈنىدىكى ھۇجۇمىدا قول، پۇتلىرى سۇنغان غۇلجىلىق ئابدۇرازاق تېخى ھوشىغا كېلەلمىگەن ھەمدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تايىقىنىڭ زەربىسىدە قوۋۇرغىلىرى سۇنغان قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسى ئاۋات يېزىلىق ئەلى ئابلىز، ھازىرغىچە گۇاڭجۇ يىشۆيۇەن دوختۇرخانىسىدا ئورنىدىن قوپالماي ياتماقتا. يەنە 8- ماي كۈنىدىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدا ئېغىر يارىلانغان يەكەنلىك سابىق سادىق دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.
ئۇيغۇرلارغا قايتا ھۇجۇم
10- ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 ئەتراپىدا يەنە 100 گە يېقىن خىتاي ساقچىسى بۇ بازارغا كېلىپ، قايتىدىن تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىغان ئۇيغۇرلارنى قوغلىغان.
ئىگىلىشىمىزچە، ئىككى كۈندىن بېرى، گۇاڭجۇنىڭ ياۋتەي بازىرى ۋە بازار ئەتراپىدا پۇقراچە كېيىنگەن ساقچىلار بازارغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ قوغلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بازارغا كېلىشىگە روخسەت قىلمايۋاتقان ئىكەن.
12- ماي كۈنى خىتاي ساقچىلىرى ياۋتەي بازىرىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بېرى بولغان 23 ياشتىكى ئەخمەتجاننى قاتتىق ئۇرۇپ، ماڭالماس ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. گەرچە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمى جەريانىدا يارىلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پۇلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ياكى ئېھتىيات قىلىپ داۋالىنىشقا دوختۇرخانىغا بارالمىغان.
ۋەقە شاھىتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 8- ماي كۈنىدىن بېرى گۇاڭجۇنىڭ ياۋتەي بازىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تارقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىدە يارىلانغان ئۇيغۇرلار، دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش ئۈچۈن پۇل تاپالمىغانلىقتىن، گۇاڭجۇنىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ- پۇشقاقلىرىدا، سەرسان بولۇپ يۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قوۋۇرغىلىرى سۇنغان، بەزىلىرىنىڭ قول- پۇتلىرى سۇنغان، بەزىلىرىنىڭ باشلىرى يېرىلغان بولۇپ، ئۇلار قايسى يەرگە بېرىشىنى، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي يۈرمەكتە. (قانات)
گۇاڭجۇدا توقۇنۇش
on the Web
خىتايدىكى توقۇنۇشلار
- مۇخبىرىمىزنىڭ دۇڭجۇدىكى نەق مەيدان تەكشۈرۈشىدىن مەلۇماتلار
- دۇڭجۇ يېزىسىدا يەنە ئىككى نەپەر نامايىشچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى
- گۇاڭدوڭدا ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش
- خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشىدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى ئاشماقتا
- گۇيلىندە ھەربىيلەر ئادەم ئۇرۇپ، مىڭلىغان پۇقرالارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى