خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىدا نېمە سەۋەب بار؟


2007.01.31

CHINA-XINJIANG-MIGRANT-J-41.jpg
خىتاينىڭ گەنسۇ، خۇنەن ۋە خېنەن قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن ئاققۇنلار 1998-يىل ئۈرۇمچىدىكى بىر كوچىدا ئىش ئىزدەش تاختىلىرىنى ئېسىشى تۇرماقتا. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيگۇر ئېلىدە بوز يەر ئېچىشنى ئاشلىق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار بۇنىڭ كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. AFP

مەلۇم بولغاندەك ئۇيغۇر ئېلى نۆۋەتتە خىتاينىڭ نېفىت ھەمدە پاختا بازىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تور بېتىدە 28 - يانۋاردا ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن ئاشكارلىشىچە ئۇيغۇر ئېلى ئەمدى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرماقچى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەنە 23 مىليون مو بوز يەر ئېچىشنى پىلانلاپ بەزى جايلاردا بۇ پىلانى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە باشلىغان.

يېڭى ئېچىلماقچى بولغان بوز يەرلەر، ئالتاي تاغلىرىنىڭ ئېتىكىدىكى بىر قىسىم بىنەم جايلار، ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى يەتتە ناھىيە، بايىنغۇلىن ئاپتونۇم ئوبلاستىدىكى بەزى يايلاقلار، ئاقسۇنىڭ 8 ناھىيىسى، ئالتاينىڭ بۇرچىن، قابا ناھىيىلىرىگە تەۋە بىنەملىكلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدىكەن. شۇنداقلا بوز يەر ئېچىش ۋەزىپىسى ئاساسەن خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.

بىڭتۈەندىكى بىر خىتاي دېھقاننىڭ ئېيتقانلىرى

ئۇيغۇر ئېلىدە قالايمىقان بوز يەر ئېچىشتىن ئېكولوگىيىلىك بۇزۇلۇش ھەمدە سۇ مەنبەسى يېتىشمەسلىككە ئوخشاش ئېغىر مەسىلىلەر كېلىپ چىقىۋاتقان پەيتتە، خىتاينىڭ بۇ جايدا يەنە يېڭىدىن 23 مىليون مو دەك زور دائىرىدە بوز يەر ئېچىشتا مەزكۇر مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلماقچى؟ بۇ ھەقتە جاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى ئىشخانىسىغا تېلېفون ئۇلىغان بولساقمۇ ئۇلار تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.

بىز يەنە ئاقسۇ ۋىلايىتى ئەتراپىغا جايلاشقان بىڭتۇەن 1 - دىۋىزىيىسىنىڭ بوز يەر ئېچىش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق:

‏- ياخشىمۇ سىز؟ ‏- سىز قايسى ئورۇندىن ‏؟ ‏- مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن. ‏- ھە گەپ قىلىڭ. ‏- ئاڭلىشىمچە ھۆكۈمەتتىن يەنە 23 مىليون مو بوز يەر ئېچىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتىكەنغۇ، بۇنىڭدىن خەۋىرىڭلار بارمۇ؟ ‏- يەر ئېچىشنى دەمسىز. ئەمدى باشلىدۇق. ‏- سىلەرنىڭ دىۋىزىيە قانچىلىك بوز يەر ئاچماقچى؟ ‏- بىز - 1 دىۋىزىيەنىڭ 6 - ئىشلەپچىقىرىش مەيدانى ھەقىچان ئوتتۇز قىرىق مىڭ مو يەرنى ئاچىمىز. 1 - دىۋىزىيەنىڭ ئاچىدىغان ئومۇمىي بوز يەر مەيدانى ئۈچ تۆت يۈز مىڭ موغا بارامدىكىن. ‏- سىلەر سۇ مەنبەسىنى قانداق ھەل قىلىۋاتىسىلەر؟ ‏- ئاساسلىق تارىم دەرياسىغا تايىنىمىز. ھازىر سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى جىددى، شۇڭا يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلنىش تېخنىكىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ھازىر بار بولغان سۇ ۋە تۇپراق ھەقىقەتەن چەكلىك جىددى. ‏- ئۇنداق بولسا يەنە شۇنچە كەڭ بوز يەرنى يېڭىدىن ئېچىشقا سۇ مەنبەسىنى قانداق ھەل قىلماقچىسىلەر؟ ‏- ھازىر بۇ يەرنى ئاچماقچى بولساق ئاساسەن يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش ھەمدە تېمىتىپ سۇغۇرۇش تېخنىكىلىرىنى ئۆستۈرۈپ سۇ تېجەش كېرەك بولمىسا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا سۇ ئىنتايىن قىس تېخنىكا يېتىشمىسە مەسىلە چىقىدۇ. ئېچىلىدىغان بوز يەرلەر ئاساسەن پاختا ھەم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دېھقانچىلىق مەيدانى قىلىنىدۇ. - ئەگەر قالايمىقان بوز يەر ئېچىشنى بايقىساڭلار قانداق بىر تەرەپ قىلىسىلەر؟ ‏- مەن بۇ قالايمىقان يەر ئېچىش دېگەننىڭ قانداق ئۇقۇملىقىنى بىلمىدىم، ئىشقىلىپ بىز بىڭتۇەن دېھقانلىرى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىكار قالغان يەرلەرنى ئېچىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا تىرىشىمىز. بۇمۇ دۆلەتنىڭ پىلانى بويىچە بولىۋاتقاندىكىن، دېمىسىمۇ شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېچىلماي قالغان جايلار ئاساسەن قۇملۇقلار. قۇملۇقلار بىكار تۇرۇپ ئېكولوگىيىگە ھېچ پايدىسى يوق، ئۇنى بوز يەرگە ئايلاندۇرساق،، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى كۆتۈرۈلسە، شىنجاڭنىڭ ھەمدە جوڭگونىڭ تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق دەپ قارايمىز. ئەمدى دۆلەتكە ئېلىپ كېلىدىغان مەنپەئەتىنى ئېيتساق، شىنجاڭدا ھازىر ۋەزىيەت ياخشى ئىچكىرىدە يەر قىس بىر ئائىلىگە ئاران نەچچە پۇڭدىن توغرا كېلىدۇ، ئۇلار شىنجاڭدا يەر ئاچسا ئاز بولغاندا يەتتە سەككىز مو ھەتتا ئوتتۇز قىرق مو يەرگە ئىگە بولىدۇ ئەمەسمۇ، بۇ دېگەن ھەسسىلەپ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ- دە، نوپۇسىمۇ كۆچۈپ كېلىپ دۆلەتنىڭ بېسىمىنى كېمەيتىدۇدە. - ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلق بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى بىلەن يەرلىرىنىڭ كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئىگىلىنىشىنى قوبۇل قىلامدۇ؟ ‏- ئەلۋەتتە بۇ دېگەن مىللىي مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك، ئۇلار ئەلۋەتتە سىلەر خىتايلار كېلىپ بىزنىڭ يەرلىرىمىزنى ئىگىلىۋالدىڭلار دەپ قارايدۇ. بۇ بىر مىللەتچىلىك ئىدىيىسى. ئەمەلىيەتتە بىزمۇ شىنجاڭلىق چۈنكى بىز شىنجاڭنى ئېچىۋاتقان ئىككىنچى ئەۋلاد. مېنىڭ دادام 1956 - يىلى خېنەندىن كەلگەن. مەن مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. مەن ئۆزۈمنى شىنجاڭلىق دەپ قارايمەن. بىز شىنجاڭنى ئېچىشتا تۆلىگەن بەدىلىمىزگە قارىغاندا ھېچقانچە مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىدۇق، بىز يەنىلا تېخى تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ ئۇلىنى قۇرۇش باسقۇچىدا كېتىۋاتىمىز.

بوز يەر ئېچىشمۇ ياكى كۆچمەن يۆتكەشمۇ؟

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكەن ھەپتە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا خىتاي دۆلەتلىك دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىغا: "خىتاي چەتئەللەردىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىش بىلەنلا دۇچ كېلىۋاتقان جىددى ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس" دەپ بىلدۈرگەن ئىدى. چۈنكى خىتايدا، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ قىسقىرىشى، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تاشلاپ بارغانچە شەھەرلەرگە كىرىشى شۇنداقلا نوپۇسنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىدەك سەۋەبلەر بىلەن، 2007 - يىلى خىتايدا ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسى يەنىمۇ جىددى تۈس ئالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى يۈزلىنىۋاتقان ئاشلىق جىددىيلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللانماقچى بولغان تەدبىرلىرى ئىچىدە بوز يەر ئېچىشنى كۈچەيتىشنىمۇ ئوتتۇرغا قويغان.

نۆۋەتتە خىتايدىكى ئاشلىق باھاسىدىمۇ پەۋقۇلئاددە ئۆسۈش كۆرۈلدى. يەنى نۆۋەتتە ئاشلىق باھاسى 2006 - يىلىغا قارىغاندا 2. 7% ئۆرلىگەن. خىتايدا مانا مۇشۇنداق ئاشلىق مەسىلىسى جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە 23 مىليون مو بوز يەر ئاچىدىغانلىقى ھەمدە بۇنى مەخسۇس ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادى ئاشلىق بازىسى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى ئۇيغۇرلاردا يەنە نارازىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈۋالغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ئىككى مەسىلىنى باغلاپ مۇلاھىزە قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇپ: "خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 23 مىليون مو بوز يەر ئېچىشىنى، خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنىڭ بىر چارىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قوسىقىنى بېقىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ، كۆپ نوپۇسنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەيدۇ، بۇ خىل سىياسەت بىلەن يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى خىتايلار تەرىپىدىن ئىگىلىنىپلا قالماي، يەر يېتىشمەسلىك، سۇ يېتىشمەسلىك، ئېكولوگىيە بۇزغۇنچىلىقى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ. خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەر جەھەتتىن يەنىمۇ ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن" دېدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.