خىتايدىكى بۇلغانغان سۇ مەسىلىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىندى


2006.08.31

سەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئاخبارات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان سۇ مەسىلىسى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاينىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرى جيۇ باۋشىن" سۇ پۈتۈنلەي بۇلغىنىپ كەتتى " دېگەن بىر جۈملە سۆز بىلەنلا خىتايدىكى سۇ مەسىلىسىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ھالەتتە قالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە " سۇنىڭ بۇ ھالەتتە بۇلغىنىپ كېتىشىدىكى سەۋەپ 3 چوڭ بولغىنىش مەنبەسىنىڭ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمىغانلىقىدىن " دەپ تەكىتلەپ، " شەھەرلەردىكى كېرەكسىز سۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كونترول قىلىنمىغان، سانائەت رايونلىرىدىن چىققان بۇلغانغان سۇ كونترول قىلىنمىغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يېزا ئىگىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇلغانغان سۇمۇ كونترول قىلىنمىغان" دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي دۆلەت قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ھازىر 300 گە يېقىن شەھەردە ك پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىدىغان زاۋۇت بولمىغان ھەمدە ئاز دېگەندە 30 دىن ئارتۇق شەھەرلەردىكى تەخمىنەن 50 دىن ئارتۇق پاسكىنا سۇ بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتلار ئىشلەش ئىقتىدارىدىن قالدۇرۇلغان.

خىتايدا نېمە ئۈچۈن سۇ بۇ قەدەر بۇلغىنىپ كەتكەن ؟

ئامېرىكا يەرشارى تەتقىقات ئورگىنى "ۋىلسون مەركىزى" نىڭ مەسئۇلى جېنىف خانىم خىتايدىكى سۇنىڭ ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى :

"خىتايدا نېمە ئۈچۈن سۇ بۇ قەدەر بۇلغىنىپ كەتكەن ؟ " دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. يېقىندا مەتبۇئاتلاردا، سانائەت ساھەسىدىكى بۇلغىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم ۋەقەلەر ئاشكارىلانغان. خىتاينىڭ كۆپ ساندىكى خىمىيىۋى زاۋۇتلىرى دەريا بويلىرىغا سېلىنغان، شۇڭا بۇلغىنىشى ئېھتىمالىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن بۇلتۇر خاربىننىڭ سوڭخۇاجاڭ دەرياسىدا يۈز بەرگەن خىمىيىۋى بۇلغىنىش ئاپىتىنىڭ ئۆزى بۇ جەھەتتە، دەلىل ئىسپات بولالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتايدا ھازىر پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم ئەسۋابلار ئىنتايىن كەم بولماقتا. ھازىر خىتايدىكى شەھەرلەرنىڭ 3 تىن بىر قىسمى يەر ئاستى سۈيىنى ئىستىمال قىلىدۇ. لېكىن يەر ئاستى سۇنىڭ تەركىبىدە تازىلاپ بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغان زەھەرلىك ماددىلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقانچىلىقتىن كېلىپ چىققان تۈرلۈك بۇلغانغان ماددىلار پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زور زىيان يەتكۈزمەكتە".

خىتايدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ 90% ى بۇلغىنىپ بولغان

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە كېلىۋاتقان تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە، سۇ مەسىلىسىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ھەر قايسى شەھەر ۋە يېزىلاردىكى دەريا ئېقىنلارنىڭ سۈيى پۈتۈنلەي بۇلغىنىپ كەتكەن. بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر غۇلجىلىق دېھقان ئايال ئۆزى تۇرىۋاتقان جايدىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، مۇھىتنىڭ ئىنتايىن زور دەرىجىدە بۇلغۇنۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بولۇپمۇ سۇنى بۇلغىنىش ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، ئۇنى زىرائەتلەرگە ئىشلىتىشكىمۇ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا يەرشارى تەتقىقات ئورگىنى "ۋىلسون مەركىزى" نىڭ مەسئۇلى جېنىف خانىم خىتايدىكى يەر ئاستى سۇنىڭ ئىنتايىن زور دەرىجىدە بۇلغانغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى :

"خىتايدا ھازىر 90% كە يېقىن يەر ئاستى سۇنىڭ ھەممىسى دېگىدەك بۇلغىنىپ بولدى. خىتايدىكى ئىچىملىك سۇنىڭ 70% كە يېقىنى يەر ئاستى سۇ مەنبەسىدىن كەلگەن. شۇڭا ھازىر خىتايدىكى ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىمۇ كىشىنى ئىنتايىن زور ئەندىشىگە قويىۋاتىدۇ "

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، مۇھىت ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى يىلدىن يىلغا ئېغىرلاشماقتا. بۇ ھەقتە، خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە بۇندىن ئىلگىرى ئېتراپ قىلىشنى خالىمىغان بولسىمۇ، خەلقئارا بېسىم ۋە ھەقىقەت ئالدىدا، ھازىر ئېقرا بولۇشقا مەجبۇر بولماقتا. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.