ئۇيغۇرلارمۇ ياۋروپا پارلامېنتىدا ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرەلەمدۇ؟

0:00 / 0:00

"ياۋروئاسىيا كۈن تەرتىپى" ناملىق تور بېتىدە 10-ئاينىڭ 5- كۈنى "بولغارىيە تۈكلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا ھەققىنى ئىزدىمەكتە" ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولغارىيە تۈركلىرى ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن ناسىف مۇتلۇ ۋە شۇكرۇ ئالتاي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى بۇلغارىيىنى كۆزىتىش كومىتېتىدا يىغىن چاقىرىلغانلىقىغا ئورۇن بېرىلگەن.

بۇ يىغىندا بولغارىيە تۈركلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدىن 1984 - 1989 يىللىرى ئارىسىدىكى بولغارىيە كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركلەرگە قىلغان زۇلۇمى ئۈچۈن سابىق كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىرىنى خەلقئارا سوتقا تارتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىغا ئورۇن بېرىلگەن. خەۋەردە بۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە، بولغارىيىدە كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان مەزگىلدە بولۇپمۇ، 1984 يىلىدىن 1989-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركلەرگە ئېلىپ بارغان بېسىم سىياسىتى تەكشۈرۈلۈپ، دوكلات تەييارلانغاندىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىدا مۇزاكىرە قىلىپ بۇ ھەقتە قارار چىقىرىلىدىغانلىقى يېزىلغان.

بولغارىيە تۈركلىرى ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ئەشرەپ قاھرامان ئەپەندى سابىق بولغارىيە كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركلەرگە ئېلىپ بارغان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"1984-1989 يىللىرى ئارىسىدا بولغارىيىدە ئۇ ۋاقىتتا ھۆكۈمەت بېشىدا بولغان تودور جىۋكوفنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ 350 مىڭ تۈرك تۈركىيىگە كۆچۈپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى. بۇنى بولغارىيە ھۆكۈمىتى مەجبۇرى قوغلاپ چىقاردى دېسەكمۇ بولىدۇ. 1984-يىلىدا بولغارىيە ھۆكۈمىتى دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر بېسىم سىياسىتى ئېلىپ باردى. بولغارىيىدە ياشاۋاتقان 2 مىليون تۈركنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىپ، بولغارچە ئىسىم قويۇشقا مەجبۇر قىلدى، بىز تۈركلەر بولغارىيىنىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى چىقتۇق. بۇلاردىن باشقا مىللىي مائارىپىمىزنى مەنئىي قىلدى، توغرىسى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى كۈچەيتتى. بۇ سىياسەتكە قارشى چىققان كىشىلەرنى كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئويدۇرما سوت مەھكىمىلىرىدە سوتلاپ لاگىرلارغا سولاپ تەن جازاسى بەردى. 1991-يىلىدىكى بولغارىيە ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى رەسمىي قوبۇل قىلدى. ئەمما بىز مىڭلارچە كىشى ئۇزۇن يىل بۇ لاگىرلاردا تەن جازاسىغا ئۇچرىدۇق، يۈز مىڭلارچە كىشى كۆچۈشكە مەجبۇر قالدۇق. بىز بولغارىيىدە بۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغان تۈركلەر نامىدىن ياۋرۇپا پارلامېنتىغا ئەرز قىلدۇق، بىزگە بۇ زۇلۇمنى راۋا كۆرگەن كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىنىڭ سوتقا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز."

"يېقىندىن بېرى بولغارلار 2006 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ستراسبۇرگدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا تۈركلەرگە قىلغان زۇلۇمىنىڭ بىر ئىنسانلىق ئەيىبى ئىكەنلىكىنى رەسمى قوبۇل قىلدى. كوممۇنىست تۈزۈمى ۋاقتىدا بىزگە قىلغان پۈتۈن بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى بىر مىللىي قىرغىنچىلىق دەپ قوبۇل قىلدى. ھازىر بۇلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر كومىتېت قۇرۇلدى، 2008 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ دوكلات ھازىرلانماقچى."

بەزى مۇتەخەسسىسلەر سابىق بولغارىيە كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركلەرگە ئېلىپ بارغان سىياسىتىنىڭ بۈگۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارمۇ كەلگۈسىدە ياۋرۇپا پارلامېنتىغا ئوخشاش يەرلەرگە ئەرز قىلىپ ئۆز ھەققىنى ئىزدىيەلەمدۇ؟

بۇ ھەقتە ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ( ئەركىن تارىم)