ئۈرۈمچىدىكى شىمىگو دەرياسى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانماقتا


2005.07.13

11 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شىمىگو يېزىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان شىمىگو دەريا ئېقىنى ئەتراپىدا خىلمۇ خىل دۇكانلار ۋە چوڭ- كىچىك زاۋۇتلار سېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر زاۋۇتلاردىكى پاسكىنا سۇلار بىۋاستە بۇ ئېقىنىغا تۆكۈلۈپ كەلگەن.

دەريا ئەخلەت تۆكۈش ئورنىغا ئايلانغان

بۇنى ئاز دەپ، شىمىگو يېزىسىدىكىلەر مەزكۇر دەريا ئېقىنىنى مەخسۇس ئەخلەت تۆكۈش ئېقىنغا ئايلاندۇرۇۋالغان. ئۇلار ھەر تۈرلۈك تاشلاندۇق نەرسىلەرنى سۇ بويلىرىغا دۆۋىلەپ، پاسكىنا سۇنى بىۋاستە مۇشۇ دەريا ئېقىنىغا باشلايدىكەن. ھەتتا ئىككى دېھقان ئائىلىسى مەزكۇر دەريا ئېقىنى ئۈستىگە ھاجەتخانا سالغان بولۇپ، گەندە - سۈيدۈك قاتارلىقلار بىۋاستە سۇغا چۈشكەن.

مەزكۇر دەريا ئېقىنى بويىغا سېلىنغان پىلاستىك ماتېرىياللار پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ئەتراپىدىكى 30 نەچچە تۈپ قاراياغاچ دەرىخى پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، شىمىگو رايونلۇق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇ شۆفىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەل مۇشۇ بۇلغانغان سۇ تۈپەيلىدىن بۇ يەردىكى دەل - دەرەخلەر قۇرۇپ كەتكەن ئىكەن.

تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، شىمىگو دەريا ئېقىنىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى، ئەتراپتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە زور تەسىر يەتكۈزگەن.

نورمال ئوقۇتۇشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن

شىمىگو دەريا ئېقىنى مەزكۇر جايدىكى 64 - باشلانغۇچ مەكتەپ قوروسى ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتكەچكە، تۆۋەن سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى داۋاملىق بۇ سۇدا قول يۇيۇدىكەن. ھەتتا مېۋە -چىۋىلەرنىمۇ مۇشۇ سۇدا يۇيۇپ يەيدىكەن. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپ ئىچىنى كېسىپ ئۆتكەن بۇ سۇنىڭ پۇرىقى ئىنتايىن سېسىق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار دەرس ۋاقتىدا دېرىزىلەرنى ئېچىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىكەن.

ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ جاۋابى

بىز مەزكۇر رايوندىكى دەريا ئېقىنىنىڭ بۇ دەرىجىدە بولغانغانلىقىدىكى سەۋەبلەرنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىش ئۈچۈن، شىمىگو رايونلۇق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر نەپەر ئىشخانا خادىمى بۇخىل ئەھۋالنىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ھەمدە مەزكۇر ئىدارە يېقىندىن بۇيان شىمىگو ئەتراپىدىكى رەسمىيىتى يوق قانۇنسىز سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنى چېقىپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، لېكىن بەزىبىر زاۋۇت - كارخانىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ۋە سودا سانائەت ئىدارىسىنىڭ تەستىقى كېرەكلىكىنى مەلۇم قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئىشخانا خادىمى ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ شىمىگو دەرياسى بويىدا ئويناپ چوڭ بولغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئەينى چاغدا، مەزكۇر دەريا ئېقىنى ئەتراپى ئائىلىلىكلەر ناھايىتى ئاز بولغان، مۇھىتى ئىنتايىن گۈزەل بىر باغچا ئىكەنلىكىنى، كېيىن بولسا ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن تەڭ، سېمونت زاۋۇتى ۋە توقۇمچىلىق فابرىكىسى، يىمەك ئىچمەك دۇكىنى قاتارلىق چوڭ - كىچىك زاۋۇتلار كەينى - كەينىدىن سېلىنىپ، مۇھىتنىڭ زور دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

شىمىگو رايونلۇق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇ شۆفىڭنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر مەزكۇر دەريا ئېقىنى ئەتراپىدىكى 5 كىلومېترلىق جاينىڭ ئۆزىگە سېلىنغان ھەر خىل چوڭ - كىچىك زاۋۇتلار سانى 60 قا يەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە: بىر بۆلۈم ئىدارە ۋە شەخسىلەر دەريا ئېقىنى ئەتراپىغا قانۇنسىز ھالدا نۇرغۇن قۇرۇلۇشلارنى سالغان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.