خىتاينىڭ خاربىن شەھىرى دەريا سۈيىنىڭ بۇلغىنىش تەھدىتى ئاستىدا قالدى


2005.11.23

خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى سۇڭخۇئاجياڭ دەرياسى بويىدىكى نېفىت - خىمىيە زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، دەريا سۈيىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي دۆلەتلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، سۇڭ خۇاجياڭ دەرياسىنىڭ سۇ تەركىبىدىكى زەھەرلىك بېنزول مىقتارى، مەملىكەتلىك نورمال ئۆلچەمدىن 108 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. دائىرىلەر دۈشەنبە كۈنى خاربىن شەھىرى بويىچە سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ تۆت كۈن توختايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، دەريا سۈيىنىڭ ۋاقتىنچە بۇلغىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خاربىنلىق پۇقرالاردا ئالاقزادىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.