ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا


2006.02.07

يېقىندا ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىۋاتقان ئۇلۇق ئېرا گېزىتىدە، خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىقتىسادنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان مۇھىتنى ئاسراش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكتىن، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇلغىنىش كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ مۇھىت پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋە شۇنداقلا كەڭ ئاممىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. ماقالىدە يەنە، خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسى پەقەت بولغىنىش مەسىلىسىلا بولۇپ قالماي بەلكى جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پىلتىگە ئايلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دۇنيا بويىچە ئەڭ

رويترس ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر دۇنيادا ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان شەھەردىن 30 ئى بار ئىكەن ھەمدە بۇلارنىڭ 20 سى خىتايدا ئىكەن.

ئۇلۇق ئېرا گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم تەرەققى قىلغان سانائەت رايونلىرىدا خىمىيە زاۋۇتلىرى كۆپلەپ سېلىنىۋاتقانلىقتىن، مەزكۇر جايلارنىڭ سۇ مەنبەسى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان بولۇپ، پەقەت ئىچىملىك سۇلا ئەمەس بەلكى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان سۇمۇ پۈتۈنلەي بۇلغانغان.

مەسىلەن مەزكۇر جايدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، تېرىلغۇ يەردىن ئۆسۈپ چىققان كۆكتاتلارنى خاتىرجەم ئىستىمال قىلىشقا بولمىغان، چۈنكى مەزكۇر جايدىكى كۆكتاتنى ئىستىمال قىلغۇچىلار ئارىسىدا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن. بۇخىل ئەھۋالدىن قاتتىق نەپرەتلەنگەن يەرلىك خەلق" بىزگە سالامەتلىك كېرەك، بىزگە ساغلام ئەۋلاد كېرەك " دەپ نامايىش قىلىشقا باشلىغان. لېكىن يەرلىك ھۆكۈمەت نامايىشچىلارنى توسۇش ئۈچۈن مەخسۇس ساقچى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى قاتتىق باستۇرغان. ئۇيغۇر ئېلىدە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى خىتايدىكى بۇلغانغان شەھەرلەر ئارىسىدا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. لېكىن مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە مەزكۇر جايدىكى مۇھىتنى ئاسراش ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرمەكچى بولغىنىدا، تېلېفوننى ئالغان مەزكۇر ئىدارە خادىمى جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا "سىز نەنىڭ مۇخبىرى ؟ نەدىن تېلېفون قىلىۋاتىسىز ؟" دەپ سورىغان. مۇخبىرىمىز ئۇنىڭغا" مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى، ئامېرىكىدىن تېلېفون قىلىۋاتىمەن" دەپ جاۋاب بەرگىنىدە، ئۇ "ئۇنداقتا سىز، بۇنداق سوئاللارنى ئىدارە باشلىقلىرىدىن سوراڭ، چۈنكى تۈزۈم بويىچە، بىزنىڭ بۇنداق سۇئاللارغا جاۋاب بېرىش ھوقۇقىمىز يوق" دەپ ئۆزىنى

گەرچە مەزكۇر ئىدارە خادىمى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسىمۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ياشاۋاتقانلار ھاۋانىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلماقتا.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە داۋالىنىش ئۈچۈن كەلگەن بىر بىمار مەزكۇر شەھەر ھاۋاسىنىڭ غۇلجا شەھىرىنىڭكىدىنمۇ بەكرەك بۇلغانغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئۇ غۇلجا ھاۋاسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن كۆپ پاكىز ئىكەنلىكىنى ئېييتى.

سۇنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر

مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە پەقەت ھاۋالا بۇلغىنىپ قالماي ھەتتا ئىچىملىك سۇمۇ ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدە ئۆزلىكىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇنىڭ بۇلغىنىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، زاۋۇتلارنىڭ بۇلغان سۇلارنى قالايمىقان قويۇپ بېرىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت مەسىلىسى پەقەت تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردىلا ئەمەس، بەلكى نامرات يېزىلاردىمۇ ناھايىتى ئېغىر بولماقتا. رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە كەلگەن تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە ھۆكۈمەت ھازىر كۆپلىگەن يېزىلاردا تۇرۇبا ئۇرنۇتۇلغان بولسىمۇ، بىر قىسىم يېزىلاردا دېھقانلار سۇ پۇلىنى ئېشىنالمىغانلىقتىن كۆل سۈيى ئىچىدىغان ئەھۋال تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.

دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدا مەيلى ھاۋا ياكى سۇ بولسۇن، ھەر ئىككىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ھەمدە خىتايدىكى پاكىز سۇ ئىستىمال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايۋاتقانلارنىڭ سانى 300 مىليوندىن ئاشقان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.