خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت ۋە ئىچىملىك سۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانماقتا


2006.03.20

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت مۇھىتنى قوغداش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پەن چۇ يېقىندا ئامېرىكا گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا شۇنى ئاشكارىلىدىكى، خىتايدا ھازىر پاسكىنا سۇ ئىستىمال قىلىۋاتقان دېھقان ئائىلىسىنىڭ سانى 340 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، بۇلتۇر 11 ‏- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، خىتايدا جەمى 70 قېتىمدىن ئارتۇق دەريا ‏- ئېقىن بۇلغىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

خىتاي دۆلەت مۇھىتنى قوغداش باش ئىدارىسى باشلىقى پەن چۇنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر مۇھىت مەسىلىسى ھەقىقەتەن بىر كرىزىسقا ئايلانغان، بولۇپمۇ سۇ مەنبەسى كرىزىسى تېخىمۇ بالدۇر يېتىپ كەلگەن. پەن چۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي تەرەققىياتى كەلگۈسى 15 يىل ئىچىدە يەنىلا مۇشۇ قېلىپتا داۋاملاشسا، خىتايدىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى ھازىرقى ھالىتىنى 4 ھەسسە قاتلايدىكەن.

مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ھازىرقىدەك داۋاملاشسا كەلگۈسىدە ئىنسان ياشاش مۇمكىن ئەمەس

خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسىگە ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي زىيالىيسى جىن يى ئەپەندى خىتاي دۆلەت مۇھىتنى قوغداش ئىدارىسى باشلىقى پەن چۇنىڭ مۇھىت ھەققىدە قىلغان سۆزىگە باھا بېرىپ "خىتايدىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش ھالىتى ھەقىقەتەن پەن چۇ ئەپەندى دېگەندەك، ھەتتا ئۇنىڭ دېگىنىدىنمۇ ئېغىر بولماقتا. چۈنكى مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، كەلگۈسىدە خىتايدىكى مۇھىتتا ئىنساننىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ۋېرجىنيا ئىشتاتىدىكى خەلقئارا خىتاي مۇھىت فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خې پىڭ خىتايدىكى سۇنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

"بۇندىن ئىلگىرىمۇ خىتايدىكى يەر ئاستى سۇنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس مەلۇماتلار بېرىلگەن. مەسىلەن مۇھىتنى ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مەلۇم قىلغىنىدەك، ھازىر خىتايدا يەر ئاستى سۇنىڭ 90% ئى پۈتۈنلەي بۇلغىنىپ بولغان. ھەممىمىزگە ئايانكى يەر ئاستى سۇ بىر ‏- ئىككى كۈن ئىچىدە بۇلغىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ بۈگۈنكى دەرىجىدە بۇلغىنىپ كېتىشىگە ئۇزۇن مۇددەت ۋاقىت كېتىدۇ. دېمەك بىز بۇنى ئىقتىسادنىڭ مۇھىتقا بولغان بىۋاستە تەسىرى دەپ قارىساق بولىدۇ "

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋالمۇ ناھايىتى ئېغىر

خىتايدىكى مۇھىت ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئوخشاشلا ئەكس ئەتمەكتە. مەسىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى سادىق ئەپەندى ئۈرۈمچىدىكى مىچۈئەن دەرياسىنى مىسالغا ئېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دەريالارنىڭ كۆپ ساندىكىسىنىڭ بۇلغىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇنداق بولۇشى ئەتراپتىكى توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىدىن چىققان بوياق سۇلىرىنىڭ بىۋاستە دەريالارغا تۆكۈلىۋاتقانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇھىت مۇتەخەسسىسى سادىق ئەپەندى سۆزىدە يەنە ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردا ئىچىملىك سۇنىڭ ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بولغانغانلىقىنى ھەتتا بۇ سۇنىڭ دېھقانچىلىققا ئىشلىتىشكىمۇ بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتاي شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خىتايدىكى مۇھىت ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىدا ئاشكارىلىشىچە، 1969 ‏- يىلىدىن باشلاپ تا يېقىنغا قەدەر، گۇئاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ساۋ گۈئەن دېگەن يېرىدىكى ساڭبا ئىسىملىك بىر كەنتتە، ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى بىلەن، ئىچىملىك سۇ ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان بولۇپ،ئۇنى ئىستىمال قىلغان مەزكۇر كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ ئاز دېگەندە 10 % ئى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ كەنتتە تېخى بۇ يىل 2 ‏- ئايدا يېڭى سۇ ئامبىرى قۇرۇلغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ پاكىز سۇ ئىچىش ئېھتىمالى ئەمدىلا ئەمەلگە ئاشقان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.