ئۇيغۇر ئېلىدە دەريا كۆللەرنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر بىر مەسىلىگە ئايلاندى
2006.08.10
خىتاي مۇھىت ئاسراش باش ئىدارىسى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئورۇنلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي مۇھىت ئاسراش ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ مەنبەلىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى كونتورل قىلىشتا جىددى تەدبىر قوللىنىشقا ئاگاھلاندۇرغان. چۈنكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق دەريا ھەم كۆللەردە ئېلىپ بارغان مەخسۇس تەكشۈرۈشىدىن باغراش كۆلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 8 كۆل ھەم سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقى مەلۇم بولغان.
تەڭرىتاغ تور بېتىدە چارشەنبە بۇنىڭغا دائىر بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 26 كۆل ۋە دەريادا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇلارنىڭ سۇ سۈپىتى كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ئومۇميۈزلۈك ناچار چىققان. بۇلارنىڭ ئىچىدە باغراش كۆلى، تۈمەن دەرياسى، سايرام ھەمدە قاناس كۆللىرىنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىلىرى بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، سۇ بۇلغىنىشىغا سەۋەپ بولغان ئاساسلىق ئامىل، مۇھىت قوغداش قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنىڭ ياخشى ئىجرا قىلىنماسلىقى ۋە خىلاپلىق ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى ئىكەن.
باغراش -تاتلىق سۇ كۆلىدىن تۇزلۇق كۆلگە ئايلىنىپ قالدى
ئاچچىق مىسال، بولۇپمۇ خىتايدىكى ئىككىنچى چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى ھېسابلانغان، شۇنداقلا گۈزەللىكى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاۋايى دەپ نام ئالغان باغراش كۆلى ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ مۇھىم تاتلىق سۇ كۆلى بولسىمۇ، نۆۋەتتە بۇ كۆل يىلىغا 480 مىليون توننا پاسكىنا سۇ ۋە 7 مىليون توننا سانائەت كېرەكسىز سۇلارنىڭ قويۇلىشى ھەمدە ھەددىدىن زىيادە كۆپ ساياھەت ئەخلەتلىرى تۈپەيلى تۇزلۇق كۆلگە ئايلىنىپ قالغان. بۇ كۆلنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى كۆنچى دەرياسى ئەتراپىغا ئاساسەن خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى بىرىنچى دېۋىزىيىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرى ھەمدە ئېلېكتىر ئىستانسىسى قەغەز زاۋۇتى ھەمدە باشقا زاۋۇت كارخانىلارنىڭ قويۇپ بەرگەن كېرەكسىز سۇلىرىنى پۈتۈنلەي كۈنچە دەرياسىغا قويىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان باغراش كۆلىنىڭ بېلىقچىلىق مەيدانى قىلىنىپ ساياھەتچىلەرگە كەڭ ئېچىۋېتىشى بىلەنمۇ مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە8دە بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان بولۇپ يېقىندا مەخسۇس باغراش كۆلى ساياھەت رايونىغا ھاۋا قاتنىشىمۇ يولغا قويۇلغان ئىدى.
باغراش كۆلى ھازىر خىتايدىكى ئىككىنچى چوڭ قومۇش ئىشلەپچىقىرىش مەيدانى بولغاندىن سىرت ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ بېلىقچىلىق مەيدانىنىڭ بىرى قىلىپ ئېچىلماقتا. شۇنداقلا ئىلگىرى باغراش يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ئاساسەن تارقاقلىشىپ كۆلنى ئاساسەن خىتايلار مونوپۇل قىلىۋالغان ئىكەن.
باغراش كۆلى يەنە ئاققۇ، تۇرنا قاتارلىق ئوتتۇز نەچچە خىل قىممەتلىك ياۋايى ھايۋان ھەم ئۇچار قاناتلارنىڭ ماكانى بولۇپ كەلگەن، كۆل ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان كۆل سۈيىنىڭ ھەم مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئېغىرلىشىشى بىلەن بۇ جانىۋارلارمۇ ئازايغان.
باغراشنىڭ بارغانچە بۇلغىنىشى كونتورل قىلىنمىدى
1997 - ھەم 1998 - يىللىرى باغراش كۆلىدە سۇ بۇلغىنىش سەۋەبىدىن 80 توننا ئەتراپىدا بېلىقلار ئۆلۈپ كۆلنى ئادەم تىنغۇسىز ھالدا سېسىقچىلىق قاپلىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
بەزى ھۆججەتلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە خىتاي مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى 2004 - يىلىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنى بىڭتۇئەن مەيدانلىرىدىن ھەمدە زاۋۇتلاردىن قويۇپ بېرىلگەن كېرەكسىز پاسكىنا سۇلارنىڭ كۆنچى دەرياسىغا قويۇپ بېرىلىشى بىلەن باغراش كۆلىنىڭ ئېغىر بۇلغانغانلىقىنى بۇنى تۈزەش ئۈچۈن جىددى تەدبىر ئېلىشىنى ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن 600مىليون يۈئەن ئاجراتقان.
بۇ جەرياندا گەرچە كورلىدىكى ئۈچ چوڭ قەغەز زاۋۇتى 2000 - يىلى قويۇپ بېرىدىغان كېرەكسىز سۇ مىقدارىنى ھەم بۇلغىنىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش بۇيرۇقى بىلەن تاقىۋېتىلگەن بولسىمۇ كېلىن ئۇزۇنغا بارماي تېخىمۇ كېڭەيتىپ قۇرۇلۇپ باشقىدىن ئىش باشلىغان. بۇ خىلدىكى زاۋۇتلار بارلىق كېرەكسىز زەھەرلىك سۇلىرىنى پۈتۈنلەي كۆنچى دەرياسىغا قويۇپ بەرمەكتە. ئىككى يىلدىن كېيىنكى يېقىنقى تەكشۈرۈشتە باغراشنىڭ بۇلغىنىشى كونتورل قىلىنماي ھەتتا تېخىمۇ ئېغىرلىغان ئىكەن.
باغراش كۆلىنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشى يەنە تارىم دەرياسى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان سەۋەبنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
بىز باغراش كۆلى جايلاشقان كورلا شەھرىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ باغراش كۆلىنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى ھەققىدە جاۋاب ئېلىشقا ئۇرۇنغان بولساقمۇ ئەمما ئۇلار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، " باغراش كۆلىنىڭ مۇھىت مەسىلىسى بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز" دېدى.
غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ ئېلىپ كەلگەن تەسىرى
بەزى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى دەريا كۆللەرنىڭ بۇلغۇنىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە غەربنى ئېچىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەندىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەللىك يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن جەمى 16 مىليون مو بوز يەر ئاچقان. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەخسۇس ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دېھقانچىلىق يەر مەيدانىنىڭ كۆلىمى 21مىليون 37مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا يەنە بىر مىليون مو يېڭىدىن ئېچىلغان. ئۇيغۇر ئېلىدە تېز سۈرئەتتە، پىلانلىق ۋە پىلانسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بوز يەر ئېچىش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۇرغۇن سۇ ۋە تۇپراق بايلىقلىرى بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچراتماقتا.
سۇ قىس بولۇش بىلەن تەڭ چەكلىك سۇ مەنبەلىرىمۇ بۇلغاندى
ئۇيغۇر ئېلى مۇھىت ئاسراش تور بەتلىرىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ مەنبەلىرىنىڭ مۇھىتى ئاسراش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىلىرى نەچچە ئون تۈرگە بارىدۇ. ئەمما مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلماسلىق ۋە بۇ قانۇننى ياخشى ئىجرا قىلماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دەريا-كۆللەرنىڭ سۇ مۇھىتى كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە بۇلغانماقتا. بۇ قېتىم تەكشۈرۈشتە بۇلغىنىش دەرىجىسى ئېغىر چىققان باشقا كۆل دەريا ھەمدە سۇ ئامبارلىرىنىڭ بۇلغىنىش سەۋەبلىرىمۇ يۇقارقىدىغا ئوخشاش بولۇپ ئاساسەن ئادەملەر ھەمدە كېرەكسىز سۇلار تەرىپىدىن بۇلغانغان. ئۇيغۇر ئېلىدە ئەسلىلا سۇ مەنبەسى كەمچىل بولغاندىن سىرت ئاساسلىق تاتلىق سۇ يەنى ئىچىملىك سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقى مۇھىت ئاسراش ئورۇنلىرىلا ئەمەس، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭمۇ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىت دوكلاتلاردىن مەلۇم بولغاندەك، نۆۋەتتە تارىم ۋە ئىلى دەرياسى ئوخشاشلا ئېغىر ئېكولوگىيىلىك مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلمەكتە. دەريا ۋادىلىرىمۇ تۇپراقنىڭ قۇملىشىش ۋە شورلىشىش مەسىلىلىرىگە يولۇقماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا 5مىليونغا يېقىن دېھقاننىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەل بولمىدى. ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ بايلىقى قىس بولۇش بىلەن بىرگە، سۇنى ئىسراپ قىلىش ئەھۋالى ئېغىر بولماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو ئىستانسىسى ئېلان قىلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2004-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئاپتونوم رايوننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ ئىشلىتىش مىقدارى 2 مىڭ 500 كۇپ مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن خىتايدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيىنىڭ 5 ھەسسىدىن كۆپرەك كېلىدىكەن.
بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەر بولسا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا سۇ تېجەش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇش قارىشى كەمچىل بولۇپ، سۇ تېجەش تۈزۈلمىسى ۋە سۇ تېجەش تەدبىرلىرى مۇكەممەل ئەمەس ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىشلىتىش مىقدارىغا قاراپ ھەق ئېلىش، پىلان نورمىسىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىشكە قارىتا ھەق قوشۇپ ئېلىش تۈزۈلمىسىمۇ ياخشى ئەمىلىلىيەشمىگەن.
شۇنداقلا سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئارقىدا بولغانلىقتىن، بىرلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھەر ئون مىڭ يۈئەنلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى يارىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارى پۈتۈن خىتايدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيىدىن زور دەرىجىدە يۇقىرى بولغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە شەھەرلەردىن چىققان پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىپ قايتا پايدىلىنىش نىسبىتى ئاران 12% بولماقتا. بۇنىڭغا قوشۇلغان سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىش مەسىلىسى نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ جىددى تەدبىر قوللىنىشنى كۈتۈۋاتقان تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلانغان. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت مەسىلىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا
- خىتاي ئىقتىسادىدىكى يوشۇرۇن مەخپىيەتلىك
- خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھىتنى قوغداش ھەققىدە مەخسۇس ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى
- خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش ھەققىدە نۇرمۇھەممەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- سەنشا بوغۇزى خەلققە نىمە ئېلىپ كەلدى؟
- يەر شارىنىڭ كىلىماتىدىكى بىنورمال ئىللىش قانداق بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟
- خۇ جىنتاۋ كېلەر ئايدىن باشلاپ دەريا ۋە كۆللەردىكى سۇنى دېھقانلارغا ساتماقچى
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت ۋە ئىچىملىك سۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا