
خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر خىمىيىلىك زاۋۇت پارتلاپ كېتىپ، زور مىقداردىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ سوڭ خۇئاجاڭ دەرياسىغا ئېقىپ كىرىپ كېتىشى نەتىسىجىدە يېقىندا خاربىن شەھىرىدە بىر مەزگىل كۈندىلىك ئىچىملىك سۇ توختىتىلغان شۇنىڭدەك سوڭ خۇئاجاڭ دەرياسىنىڭ بۇلغىنىشى تۈپەيلىدىن جەمىيەتتە تۈرلۈك ئىنكاسلار پەيدا بولغان ئىدى.
سوڭ خۇئاجاڭ دەرياسى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئامۇر دەرياسىغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە پۇقرالىرىدىمۇ جىددىيلىك يۈز بېرىپ، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئامۇر دەرياسىغا قويۇلۇشى بىلەن مەزكۇر دەريا ۋادىسىدىكى خابوروۋسكىي قاتارلىق چوڭ كىچىك رۇسىيە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بۇ ماددىلاردىن زەھەرلىنىپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش ئەھۋالى كېلىپ چىقتى. بۇ مەسىلە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە باغلىنىشلىق ھالقىلىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى
رۇسىيىلىكلەرنىڭ جىددىيلىشىشى ۋە ئىنكاسلىرى كۈچەيمەكتە
رۇسىيىنىڭ خاباروۋسكىي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ئىنتېرنەت سەھىپىسىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، خاباروۋسكىي شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەركىبىدە قۇرۇلغان جىددىي ھالەت كومىسسىيەسى 1-دېكابىر كۈنى يىغىن ئېچىپ، يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ۋەزىيەت ئاستىدا 2 -3 سوتكا ئاھالىلارنىڭ ئىچىملىك سۈيى توختىتىلسا، ئاھالىلارنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلىنىش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەن.
ئۇلار، مەكتەپلەر، دوختۇرخانىلار ۋە بالىلار يەسلىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئاممىۋى ئورۇنلارنىڭ زاپاس سۇ ساقلىشىنى بەلگىلىگەن شۇنىڭدەك يەنە زاپاس سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك چارىلارنى بېكىتكەن. يەرلىك ھۆكۈمەتتىن باشقا شۇ جايدا تۇرۇشلۇق رۇسىيە ئارمىيىسىمۇ ئىچىملىك سۇلارنى چەككىلەش ھەم تازىلاش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتقان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھازىر جىددىيلەشكەن پۇقرالار ئۆزلىرىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن زاپاس سۇ تەييارلىقىنى ئېلىپ بارماقتا.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئولېگ ساۋىننىڭ خاباروۋسكىيدىن بەرگەن ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، پۇقرالاردا بىر خىل ئاجايىپ قورقۇنۇچ ۋە جىددىيلىك پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇلار خىتايدىن كېلىۋاتقان بۇ زەھەرلىك ماددا ھەققىدىكى ئەمەلىي ئۇچۇرنى ھۆكۈمەتنىڭ يوشۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىمۇ غۇلغۇلا قىلىشماقتا.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيىدىكى "تىنچ ئوكيان يۇلتۇزى "گېزىتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتايدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان زەھەرلىك ماددىلار بەلكى 9-11-دېكابىر كۈنلىرى ئامۇر دەرياسىغا قويۇلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما باشقا رۇسىيە مەنبەلىرى مەزكۇر ماددىلارنىڭ ھازىر ئامۇر دەرياسىغا قويۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
رۇسىيىلىكلەرنى قورقۇتقان سەۋەب-بۇلغۇنۇشنىڭ تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشىدۇر
رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ سوڭ خۇجاڭ دەرياسىغا قۇيۇلۇپ، رۇسىيە تەۋەسىگە ئېقىپ كېلىۋاتقان "بېنزول" دەپ ئاتالغان زەھەرلىك ماددىنىڭ ئادەملەردە راك كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى، مەزكۇر ماددىلارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقلىنىدىغانلىقى، ھەتتا بېلىقلارنىڭمۇ زەھەرلىنىپ، كېسەل مىكروپلىرىنى ئېلىپ يۈرۈشى مۇمكىنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن تەخمىنەن ئۈچ يىلغىچە ئامۇر دەرياسىنىڭ بېلىقىنى يېيىشكە بولمايدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. رۇسىيە تەرەپ ھازىر بۇ ساھەدىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارنى كۈچەيتكەن.
مەزكۇر بۇلغۇنۇش رۇسىيىلىكلەرنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتكەن
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خاباروۋكسىي قاتارلىق جايلاردىكى پۇقرالاردا شۇ جايدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە نارازى بولۇش كەيپىياتى كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، ھەتتا مەزكۇر بۇلغۇنۇشنىڭ خىتايلار بىلەن رۇسلار ئارىسىدا مىللىي توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بارلىقى پەرەز قىلىنماقتا. چۈنكى، خاباروۋسكىي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئىككى ئىنتېرنەت تورىنى تاقىۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى سەۋەب، مەزكۇر تور بەتلەردە خىتاينى تىللايدىغان، ھەتتا خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشنى تېما قىلغان مۇنازىرىلەر كۈنسايىن كۆپىيىشكە باشلىغان.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، بۇ جايلاردىكى رۇسىيىلىكلەردە خىتاي تەھدىدى كۆز قارىشى ئەزەلدىنلا مەۋجۇت بولۇپ، خىتاينىڭ سودا جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ھەممە ياقنى خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ساقتا ماللىرىنىڭ قاپلاپ كېتىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرى ئاللىقاچان رۇسىيىلىكلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى. بۇ قېتىمقى سۇ بۇلغۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، رۇسىيە پۇقرالىرىدىكى خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىك ئىدىيىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇلغۇيۇشقا قاراپ يۈزلىنىشى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
ئامېرىك ئاۋازى رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىنىڭ رۇسىيىدىكى مۇستەقىللىق گېزىتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خاباروۋسكىي شەھىرىدە ھازىر تۈرلۈك غۇلغۇلىلار تەرەققى قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ھەتتا خەلق ئىچىدە خىتاينىڭ مەخپىي خىمىيىلىك قوراللىرىنىڭ ۋە ياكى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ زەھەرلىك راكېتا ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان خام ئەشياسىنىڭ سوڭخۇئاجاڭ دەرياسىغا قۇيۇلۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلارمۇ تارقالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە رۇسىيىلىكلەردە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىدا "قەستەنلىك ۋە دۈشمەنلىك يوشۇرۇنغان" دەيدىغان قىياسلارمۇ مەيدانغا چىققان.
ئۆزلىرىنىڭ زەھەرلىنىپ قېلىشىدىن قورققان بىر قىسىم خاباروۋسكىي پۇقرالىرى رۇسىيىنىڭ باشقا جايلىرىغا كۆچۈشكە باشلىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار تارقالماقتا.
خاباروۋكسىي قەيەردە؟
خابوروۋسكىي رۇسىيىنىڭ يىراق شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى ھەمدە خاباروۋسكىي ئۆلكىسىنىڭ (چېگرا رايونىنىڭ ) مەركىزى. بۇ شەھەر ئۇسسۇرىي دەرياسى بىلەن ئامۇر دەرياسىنىڭ بىرلىشىدىغان يېرىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ نوپۇسى 600 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇ رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقى بىلەن شىمالىي، شەرقىي سىبىرىيە رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئايروپىلان قاتنىشىنىڭ تۈگۈنى شۇنىڭدەك يىراق شەرقنىڭ مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزى بولۇش بىلەن رۇسىيە ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. رۇسىيە ئۇچۇرلىرىغا قارىغان تەخمىنەن بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق رۇسىيە پۇقراسى ئامۇر دەرياسىنىڭ مەزكۇر زەھەرلەنگەن سۈيى بىلەن تەمىنلىنىدىكەن. خاباروۋسكىي شەھىرى 1858-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رەسمى شەھەر قىلىپ بېكىتىلگەن. مەزكۇر شەھەر ئىككى دۆلەت چېگرىسىغا جايلىشىش بىلەن خىتاي-رۇسىيە ھەربىي-سىياسىي ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئالدىنقى سەپلىك رولغا ئىگە.
رۇسىيىدىكى مۇستەقىللىق گېزىتى بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھازىر خىتايدا پارىخورلۇق ھەم چىرىكلىكنىڭ ئەۋجى ئېلىشىنىڭ مۇھىتنىڭ بۇلغۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ پەقەت رۇسىيىلىكلەر ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئالدى بىلەن خىتايلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ ئېغىر تەھدىد ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى ھېسابلىنىدىغان رۇسىيىدىن مۇنداق ئېغىر ئاپەتنىڭ دائىرىسى ۋە ئەمەلىيىتىنى يوشۇرغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيىدىن مەزكۇر بۇلغىنىش ۋەقەسى سەۋەبى بىلەن ئەپۇ سورىغان ، يەنە باشقا ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي بۇ ۋەقەدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان ئاقىۋەتلەر ئۈچۈن رۇسىيىگە تۆلەم تۆلەشكە رازى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرگەن. (ئۈمىدۋار)