تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دانىيە ئەلچىخانىسىغا خەت يازدى

0:00 / 0:00

دانىيىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە "ئۆزىنى ئېسىپ ئولتۇرۇۋالدى" دەپ ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ياش بۇرھان زۇنۇننىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىدىكى شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى دانىيىنىڭ تۈركىيىدىكى ئەلچىخانىسىغا، تۈركىيە پارلامېنتى، ئاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا خەت يېزىپ، دانىيىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە "ئۆزىنى ئېسىپ ئولتۇرۇۋالدى" دەپ ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ياش بۇرھان زۇنۇننىڭ ئۆلۈم سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ تۈركىيىدىكى شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سىيىت تومتۈرك ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا تەييارلىغان پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.