مەرھۇم بۇرخان زۇنۇننىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن نورۋىگىيە ئۇيغۇرلىرى نامايىش قىلدى

0:00 / 0:00
burhan-zunun.jpg
مەرھۇم بۇرخان زۇنۇن. UAA

مەرھۇم بۇرخان زۇنۇن ئەپەندىنىڭ دانىيە تۈرمىسىدە قازا قىلغانلىقى خەۋىرى، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك دىققەت – ئېتىبارىنى تارتىپ كەلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائال ھەرىكەت قىلىشى بىلەن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى قاتارلىق بىر قاتار خەلقئارالىق تەشكىلاتلار دانىيە ھۆكۈمىتىگە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ، مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم سىرىنى ئاشكارىلاشنى قەتئى تەلەپ قىلغان ۋە دانىيە ساقچىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

مەرھۇم بۇرخان زۇنۇننىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئەللەردىكى دانىيە ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىش قىلىش پىلانى، مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

بۈگۈن نورۋىگىيىدىكى 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ، پايتەخت ئوسلودىكى دانىيە ۋە نورۋىگىيە ئەلچىخانىلىر ئالدىدا تىنچلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان. بۇ نامايىشنى نورۋىگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىگەن.