بۇرھان زۇنۇننىڭ ئۆلۈمى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا چۆمدۈردى

0:00 / 0:00
burhan.jpg
مەرھۇم بۇرھان زۇنۇن ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىلىرىغا ھېرىسمەن بىر يىگىت ئىدى.

ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سىياسىي پاناھلىق تەلەپلىرى رەت قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار، نۆۋەتتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇرھان زۇنۇن مانا مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى ياش ھاياتىدىن ئايرىلدى.

گېرمانىيىدە سىياسىي پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىنغانلىقتىن، نورۋېگىيىگە بېرىپ قايتا سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر ياش بۇرھان زۇنۇننىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپى نورۋىگىيە تەرىپىدىنمۇ رەت قىلىنغان. چارىسىز قالغان بۇرھان، گېرمانىيە بىلەن نورۋىگىيە ئارىسىدا ئۇياقتىن - بۇياققا قېچىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. بۇ جەرياندا ئۇ دانىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە تۈرمىدە قازا قىلغان. بىراق ساقچىلارنىڭ "ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى " دېگەن ھۆكۈمى نۆۋەتتە، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن، دانىيە ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر سىرلىق ئۆلۈمنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېچىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ، خەتمە-قۇرئان ئوقۇپ، نەزىر ‏- چىراق ئۆتكۈزمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ فوندى رەئىسى ئابلىكىم ئىدرىس ھەمدە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى شۇنىڭدەك مەرھۇم بۇرھان زۇنۇننىڭ قېيىن ئاكىسى ھۈسەن ئەپەندىلەر بىر قانچە كۈندىن بېرى دانىيىدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ، بۇ ئۆلۈم ۋەقەسىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدە سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، دانىيە ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، بۇرھان زۇنۇننىڭ ئۆلۈم سەۋەبلىرى توغرىسىدا ئېنىق جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ ئارىدا يەنى 11 ‏- يانۋار كۈنى شۋېتسىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، ستوكھولم شەھىرىدە 200 گە يېقىن ئۇيغۇرنى بىر ئارىغا جەم قىلىپ، مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر ‏- چىراق ئۆتكۈزدى.

ئىگىلىشىمىزچە، دانىيىدە بۇ پاجىئەلىك ئۆلۈمنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ۋەكىللىرى دانىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئېنىق بىر جاۋاپ ئېلىپ ئۈچۈن پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

بۇرھان زۇنۇننى، يېقىندىن تونۇيدىغان، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇري تۈركەل ئەپەندى بۇ ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ، بۇرھان زۇنۇنننىڭ ئۆلۈمىدىن كۆڭلىنىڭ ناھايىتى يېرىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇرھان زۇنىننىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس ئەدەپ ئەخلاق ۋە پەزىلەتلىك يىگىت ئىكەنلىكىنى، ئەسلەپ ئۆتتى.

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى فارۇخ ئەپەندى، شىۋىتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، بۇرھان زۇنۇن ئۈچۈن نەزىر ئۆتكۈزگەندىن باشقا يەنە، يېقىن ئارىدا شىۋىتسىيىدە تۇرۇشلۇق دانىيىنىڭ باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.