مەرھۇم بۇرھان زۇنۇن دانىيىدە دەپنە قىلىندى
2006.01.16
يېقىندا دانىيىنىڭ پادىبورگ شەھىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە بۇرھان زۇنۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق. ئىگىلىشىمىزچە بورھان زۇنۇن 2001- يىلى قازاقسىتان ئارقىلىق گېرمانىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان بولۇپ، سىياسىي پاناھلىق تەلىپى گېرمانىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن، نورۋىگىيىگە بېرىپ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان. لېكىن نورۋىگىيە دائىرىلىرى ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ گېرمانىيىگە قايتۇرىۋەتكەن. بورھان زۇنۇن گېرمانىيىدىن دانىيە ئارقىلىق قايتا نورۋىگىيىگە بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا دانىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. دانىيە ساقچىلىرى ئۇنى خىتايغا قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بورھان زۇنۇننىڭ ئۆلۈمى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈردى. يېقىندا ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان بورھان زۇنۇننىڭ قېيىنئاكىسى ھۆسەيىن ئەپەندى ۋە مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرى بورھان زۇنۇننىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ۋە مەرھۇمنىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن دانىيىگە بارغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، بورھان زۇنۇننىڭ پاجىئەلىك ئاقىبىتىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.