نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار مەرھۇم بۇرھان زۇنۇننىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى


2006.12.26
burhan-zunun-150.jpg

بۇندىن بىر يىل بۇرۇن يەنى، 2005-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۇنى مەرھۇم ۋەتەندىشىمىز بۇرھان زۇنۇن دانىيەدە تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى. ئەينى چاغدا بۇ پاجىئەلىك ئۆلۇم ۋەقەسى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك زىلزىلە پەيدا قىلىپ، ھەممە ئادەم مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن چۇڭقۇر ماتەمدار بولغان ئىدى. كىشىنى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدىغىنى مەرھۇمنىڭ مېيىتىنى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ۋەتەنگە ئېلىپ كېتىش، ياكى ھېچ بولمىسا ئۇيغۇر جامائىتى كۆپرەك ئورۇنلاشقان گېرمانىيە ياكى نورۋېگىيىگە ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلىشقىمۇ مۇمكىن بولماي، ئىلاجىسىز مەرھۇمنىڭ مېيىتى دانىيەنىڭ ئۇدىنسە شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

مانا ئارىدىن توپ –توغرا بىر يىل ئۆتتى. مەرھۇمنىڭ ئاتا-ئانىسى ھېلىغىچە پەرزەنتىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش ئىمكانىغا ئېرىشەلمىدى. بۇرھان دەپنە قىلىنغان ئۇدىنسە شەھرىدە ئۇيغۇر جامائىتى يوق. بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋاكالىتەن مەرھۇمنىڭ يېقىن ئۆتكەن دوستلىرى ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھپەرلىرىدىن بولۇپ توت كىشى 24-، 25 –دېكابىر كۈنلىرى دانىيەگە بېرىپ، مەرھۇمنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى ۋە مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا تىلاۋەت قىلدى.

دۇئا تىلاۋەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۈگۈنكى قەبرە يوقلاشقا كەلگەن، بۇرھاننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى يېقىن ئۆتكەن دوستلىرى مەرھۇمنىڭ ئېسىل ئەخلاقى-پەزىلىتى، گۈزەل ئادىمىيلىك خىسلەتلىرىنى چۇڭقۇر سېغىنىش بىلەن ياد ئەتتى.

بۇرھان زۇنۇننىڭ ئۆلۈمى ئادەتتىكى ئۆلۈم ئەمەس بەلكى بىر پاجىئە ئىدى. چۈنكى ئۇ ۋەتەندىكى بېسىم ۋە تەقىپلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دېموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇقنىڭ بۆشىكى سانالغان ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كېلىپ، بىخەتەر بىر ھاياتلىق ماكانى ئىزدىگەن ۋە ئاخىردا بۇ يولدا ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ پاجىئەگە دۇچار بولغان ئىدى. شۇڭا بۇ پاجىئە يالغۇز مەرھۇم بۇرھان زۇنۇندىن ئىبارەت بىر شەخسنىڭ پاجىئەسى ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان كۈلپەتلىك تەقدىرنىڭ بىر پارچىسى ئىدى.

مەرھۇم بۇرھان زۇنۇن يالغۇز ئىمان – ئېتىقاتلىق، ئېسىل ئەخلاقى –پەزىلەتلىك بىر ئىنسان بولۇپلا قالماي يەنە بىلىملىك ۋە چۇڭقۇر پىكىرلىك يىگىت ئىدى. ئۇ بىزگە ياۋروپاغا كەلگەندىن كېيىنكى مۇساپىرچىلىق ھاياتتا باشتىن كەچۈرگەنلىرى، كەلگۈسى ھەققىدىكى ئارزۇ-ئىستەكلىرى، ھاياتلىق، ئادىمىيلىك ۋە ۋەتەن –مىللەت ھەققىدكى پىكىر –چۇشەنچىلەرنى ئىپادىلەپ ، كۈندىلىك خاتىرە، ماقالە ۋە شېئىر شەكىلدە يازغان بىر بۆلەك يازمىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. بىز بۈگۈن مەرھۇمنىڭ نورۋېگىيىدىكى ۋاقتىدا يېزىپ قالدۇرغان "مۇھاجىرەتتىكى ھېسلىرىم" ناملىق يازمىسىنى دىققەت ئەتىبارىڭلارغا سۇنماقچىمىز.

مۇھاجىرەتتىكى ھېسلىرىم

بۇرھان زۇنۇن (1977. 06. 09-2006. 12. 29)

burhan-zunun-qebretash-200.jpg
مەرھۇم بۇرھان زۇنۇننىڭ قەبرە تېشى

"توت يىلدىن بەرى ۋەتەنسىزلىك ھېسلىرىغا ھەمرا بولماقتىمەن. ئەركىنلىك بوغۇلغان دىيارىمدىن ئەركىن سانالغان تاشقى دۇنياغا چىكىپ، نۇرغۇن بىلىشلەرگە ئىگە بولدۇم. توھگرا كەلگىنىمىز بىر رەڭگا-رەڭ دۇنيا، ھەر خىل مىللەتلەرنى ، ھەر خىل كىشىلەرنى، ھەر خىل مىجەزلەرنى كۆردۇق، ۋە كۆمەكتىمىز. ھايات قايغۇسىنىڭ كانۇنىيەتلىرىنىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇق. ئەمما غايەت زور مەيۇسلىكلەر ئىچىدە ئوز-ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىپ ياشاپ كەلمەكتىمىز. دېمەك ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى رەھىمسىز تەرەپلىرى، بىلىشىمىزنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ ئارتىپ بارماقتا، مۇساپىرچىلىق بىزنى ئەڭ دەھشەتلىك سىناقلىرى بىلەن سىنىماقتا، ۋەتەننىڭ قەدرى بارغانسىرى بىلىنمەكتە. بەلكىم بۇ ياقا-يۇرتلاردا بىزچىلىك غەم-غۇسسە تارتقان باشقا بىر مىللەت بولمىسا كېرېك. بىزدەك ھەسرەتلەرگە كۆمۈلگەن ئىككىنچى بىر يۇرەك ئىگىلىرى بولمىسا كېرەك! ھېچكىمگە يۈرىكىمىزدىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىساقمۇ، يۈرۈش تۇرۇشلىرىمىز، خۇرسىنىش ئىچىدىكى سوز جۈملىلىرىمىز، دۇنيانىڭ يىتىم مىللىتى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا، ھەقىقى ۋەتەنسىزلىكنىڭ ئازابىنى، سىرتقى دۇنيادا تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلىۋاتىمىز".

ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن مۇقەددەس ئانا ۋەتىنىمىزنى تاشلاپ بۇ قەدەر رىيازەتلەرنى چېكىشنى تاللاپ ئالدۇق؟! ھاياتى كاپالىتىمىز ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق، كەلگۈسىمىزنىڭ قايغۇسى بىزنى بۇ يەرلەرگە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. دۇنيانى كۆردۇق، دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ مۇيەسسەر بولغان ئەڭ شەرەپلىك ھەقلىرىنىڭ بىزدە بولمىغانلىقىدىن كۆڭلىمىز بەكمۇ يېرىم بولماقتا. بىز تۇرىۋاتقان جايلاردىكىكى ئەركىن دۆلەت پەرزەنتلىرىنىڭ ھايات مەنزىرىسى، بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ھەسرەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتماقتا. مۇستەقىل دۆلىتى بولمىغان مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ، بەخت ئۆلچەملىرىدىن قانچىلىك ئۇزاق ياشايدىغانلىقىنى، دۇچ كېلىۋاتقان ھەر ئىشىمىزدا ھېس قىلىپ يېتىۋاتىمىز. ئەمما بىز دەردىمىزگە سەمىمىيەتلىك قىلمايۋاتىمىز، يۈرىكىمىزنىڭ ھەقىقى نىدالىرىغا قۇلاق سالمايۋاتىمىز، بەلكىم بۇ ئازابلىق تۇيغۇلىرىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن تىرشىۋاتىمىز. ئەمما بۇ مۇمكىنمۇ؟ بۇ ئازابلارنىڭ سەۋەبى، بىزنىڭ مىللى تەقدىرىمىز ئەمەسمۇ؟ يۈرىكىمىزگە مەڭگۈلۈك ئىزىنى سالغان مىللى كىملىكىمىزنى، مەھكۇملۇق قىسمىتىمىزنى قەلبىمىزدىن شۇنچە ئاسان ئۆچۈرىۋىتەلىشىمىز مۇمكىنمۇ؟

ھەر بىرىمىزنىڭ ئىچىدە گۈزەل ئىستەكلىرىمىز، بۇيۇك ئارزۇ ئارمانلىرىمىز بار. بىزنى بۇ ھاياتقا باغلاپ تۇرغىنىمۇ دەل مۇشۇ ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز. ئاقىۋەتتە بىز يەنىلا ئەركىنلىك ئىزدەپ يۈرگەن كىشىلەربىز. ئەگەردە بىز ئەركىنلىكنىڭ مەنىسىنى بۈگۈنمۇ ئېنىق ھېس قىلالمىغان بولساق، ئۇ ھالدا بىزگە قانداقتۇر بىر نەرسە يېتىشمىگەن بولىدۇ. بىلىشىمىز كېرەككى ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق-ھوقۇقلىرىمىز پەقەت ۋە پەقەتلا مىللىتىمىزنىڭ بىر پۈتۈن ھورلىكى ۋە سائادىتىدىن كېلىدۇ! بۇنىڭ ئۈچۈن سەمىمىيىتىمىزگە بىر ئاز كۇلاك سالايلى! مىللى ئىستىقبالىمىز ئۈچۈن قايغۇرايلى، قورقۇنچاقلىقىمىز ۋە روھى غالبىيەتچىلىگىمىز ئۇستىدىن غالىپ كېلەيلى!"

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.