" شىنجاڭ ناخشىلىرى" ئۇيغۇرلاردا زوق ئەمەس "ئوق" پەيدا قىلدى (1)


2007-05-15
Share

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەڭرىتاغ تور بېتى، شىنجاڭ رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە تورى قاتارلىق، خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن بىۋاستە باشقۇرۇلىدىغان تور بەتلەردە "شىنجاڭ ناخشىلىرى" نامىدا مەخسۇس كۆزنەكلەر ئېچىلغان بولۇپ، بۇ كۆزنەكلەرگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ناخشىچىلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى، ئۇيغۇر ئاھاڭىدا ئىشلەنگەن خىتايچە تېكىست سېلىنغان "شىنجاڭ ناخشىلىرى" قويۇلغان بولۇپ، تورداشلارنىڭ مەزكۇر ناخشىلارنى باھالىشى ئۈچۈن بېلەت تاشلاش ساندۇقلىرىمۇ قويۇلغان ئىكەن.

غەيرى مەقسەتتىكى ئۇيغۇرچە ئاھاڭ، خىتايچە تېكىستلىك ناخشىلار، ئۇيغۇرلاردا بىزارلىق ۋە نەپرەت پەيدا قىلماقتا

تور بەتتە چۈشەندۈرۈشىچە، مەزكۇر ناخشىلار ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى سىرتقا تەشۋىق قىلىش، ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشكە قىزىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ئىشلەنگەن مەخسۇس تەشۋىقات ناخشىلىرى ئىكەن. مەزكۇر، ئۇيغۇر ئاھاڭى، خىتايچە تېكىست بىلەن ئىشلەنگەن شىنجاڭ ناخشىلىرى، ئۇيغۇرلارغا بەدىئىي زوق بېرەلمىگەندىن سىرت،ئۇلاردا ھەتتا بىزارلىق، نەپرەت ھەم نارازىلىق پەيدا قىلغان. ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە بەس ‏- مۇنازىرە ھەم تالاش -تارتىشلار داۋام قىلماقتا ئىكەن.

ئاڭلاۋاتقىنىڭلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىقات بۆلۈمى باشقۇرۇشىدىكى تور بەتلەرگە قويۇلغان شىنجاڭ ناخشىلىرى كاتىگورىيىسىدىكى ناخشىلاردىن ئارىيىلەر. نۆۋەتتە مەزكۇر ناخشىلارنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايچە ئاخبارات،تەشۋىقات، ساياھەت تور بەتلىرىدىن باشقا يەنە، خىتايدىكى داڭلىق تور بەتلەر بولغان شىنخۇئا تورى، خەلق تورى قاتارلىق 30دىن ئارتۇق تور پونكىتلىرىدىكى " شىنجاڭ ناخشىلىرى " كۆزنىكىدىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە، كىنو نازارىتى، تەڭرىتاغ تور بېتى، شىنجاڭ تېلېگىرافى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ 2006 - يىلى 8 ‏- ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك "سېھرى كۈچكە تولغان شىنجاڭ " نامىدا شىنجاڭ mv ناخشىلىرى تور ۋە تېلېۋىزىيە مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى، مەزكۇر مۇسابىقىگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۈزدىن ئارتۇق ناخشىچىلارنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،گەرچە ناخشىلارغا تۈرلۈك ئاجايىپ كۆرىنىشلەر يېڭى ئۇسلۇب ھەم زامانىۋىي تېخنىكىلار ئارقىلىق كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ناخشىلار ئاساسەن خىتاي تېكستلىرىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ناخشا ئاھاڭلىرىغا سېلىپ ئورۇنلانغان ناخشىلار.

مۇسابىقىدىن كېيىن بۇ ناخشىلار تورداشلارنىڭ باھالىشى ئۈچۈن نۆۋەتتە خىتاي تور بەتلىرىگە قويۇلغاندىن سىرت،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۈندە بىر ناخشا نۆۋەت بىلەن ئاڭلىتىلغان ۋە يەنە، خىتايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك بەش تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىمۇ شىنجاڭ mv ناخشا مۇسابىقە جەريانى كۆرسىتىلگەن.

تەڭرىتاغ تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن ئېلانلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە،مەزكۇر پائالىيەتنىڭ باش ئۇيۇشتۇرغۇچىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مەزكۇر " شىنجاڭ تېلېۋىزىيە كۆرۈنۈشلۈك يەنى mv ناخشىلىرى" مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى مەقسىدى، ناخشا ‏- مۇزىكا سەنئىتىدىن ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سېزىمى بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە ناخشا ‏- مۇزىكا سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىياپىتى، تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتلىرىنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل باياشات تۇرمۇشىنى سىرتقا نامايەن قىلىش ھەمدە يېڭىلىق يارىتىش ئىكەن.

mvنىڭ تولۇق ئاتىلىشى "music video" بولۇپ" ئۇ mtv دىنمۇ كەڭرەك دائىرىدە بولۇپ تېلېۋىزىيە بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ يەنى كىنو، قول تېلېفون، تور قاتارلىقلار ئارقىلىقمۇ تارقىتىشقا بولىدۇ، mv ئۇيغۇر تىلىدا "مۇزىكا كۆرۈنمە چاستوتىسى" دېيىلىدۇ.

گەرچە ئۇيغۇر ئېلى ناخشىچىلىرى ئورۇنلىغان ناخشىلارنىڭ بۇ خىل ئۇنىۋېرىسال زامانىۋىي تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق كەڭ تارقىلىپ تەشۋىق قىلىنىشى خىتاي دائىرىلىرى تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىنى تاشقى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى دەپ قارالغان بولسا،ئۇيغۇرلاردا ئەكسىچە ھالدا ئىنتايىن كۈچلۈك قارشى ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى. بەزى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە مەخسۇس بۇ ھەقتە تورداشلار مۇنازىرىلىرى داۋام قىلماقتا.

بىزارلىق ۋە نارازىلىق پەيدا قىلغان نۇقتىلار

تور بەتلەردە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان "شىنجاڭ mv ناخشىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردا مۇنازىرە قوزغىغان تەرەپلىرىنى مۇنۇ بىر قانچە تەرەپكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

1 - ناخشىلاردا پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ئېلى مۇزىكىلىرىغا خىتايچە تېكىست سېلىنىشى، بۇنىڭدا ھەتتا بەزى داڭلىق ئۇيغۇر ناخشىلىرى پۈتۈنلەي تەرجىمە قىلىنىپلا قويۇلغان.

2 - ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ناخشىچىلىرىنىڭمۇ پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا ئېيتىشى، ئۇيغۇرلاردا داڭلىق ناخشىچىلىرىمىزمۇ خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاندىمۇ دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا قىلغان.

‏ ‏3 - قىلچە ئىستېتىك تۇيغۇ بولمىغان پەقەتلا ساياھەتچىلەرنى قىزىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان قەستەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈك،ھەجۋىي كۆرسىتىدىغان ناخشىلارنىڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلىشى.

‏4 - ناخشىلارغا كىرىشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىدىن يىراق بولۇشى.

‏5 - ناخشىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا، مىللىي ئۆرپ ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ قىستۇرۇلۇشى. مەسىلەن، قەستەن ئۇيغۇر قىزلىرى، شىنجاڭ قىزلىرى چىرايلىق، قەشقەر قىزلىرى گۈزەل، ناز كەرەشمىلىك دەپ مەخسۇس داڭلىشى بولۇپمۇ خىتاي ناخشىچىلارنىڭ قەشقەر قىزىغا كۆيۈپ قالدىم دېگەندەك قوشاقلارنى قېتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا تەككەن.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نوقۇل سىياسىي ھەمدە ساياھەت تەشۋىقاتنى مەقسەت قىلغان بۇ mv ئەسەرلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاڭلىغۇچىلار بولۇپمۇ ئەدەبىيات ‏- سەنئەتچىلەر ئارىسىدىمۇ غۇلغۇلا قوزغىدى. كانادادا تۇرۇشلۇق،ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى كىلاسسىك ناخشىلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان دوكتور تامارا خانىم خىتايچە ئېيتىلغان ئۇيغۇر ناخشىلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بايان قىلدى.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە تېلېۋىزىيە رېجىسسورى بولۇپ ئىشلىگەن، كۆپلىگەن خەلقنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بىرقانچە ناخشا ئالبوملىرىنىڭ رېجىسسورى، ھازىر شىۋېتسىيىدە گۈزەل سەنئەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قەيسەر ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەشۋىقات تۈسىنى ئالغان mv ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكىنى كورسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سېھرى كۈچكە تولغان شىنجاڭ mv مۇسابىقىدە تاللانغان ناخشىلار دائىرىلەر تەرىپىدىن سەنئەت ساھەسىدە يېڭى ئۇسلۇب، يېڭى شەكىل يارىتىلغان شىنجاڭ ناخشىلىرى دەپ باھالىنىپ " يېقىن ئارىدا شىنجاڭ ناخشا جەۋھەرلىرى توپلىمى قىلىپ نەشر قىلىنىش پىلانلانغان. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت