"شىنجاڭ ناخشىلىرى" زوق ئەمەس "ئوق" پەيدا قىلدى (2)
2007.05.16
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەڭرىتاغ تور بېتى، شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە تورى قاتارلىق ، شىنخۇا تورى دېگەندەك ئۇيغۇر ئېلى ھەم خىتايدىكى ئوتتۇزدىن ئارتۇق تور بەتلەردە "شىنجاڭ ناخشىلىرى" نامىدا مەخسۇس كۆزنەكلەر ئېچىلغان بولۇپ ، بۇ كۆزنەكلەرگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ناخشىچىلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ، ئۇيغۇر ئاھاڭىدا ئىشلەنگەن خىتايچە تېكىست سېلىنغان "شىنجاڭ ناخشىلىرى" قويۇلغان.
تور بەتتە چۈشەندۈرۈشىچە، مەزكۇر ناخشىلار ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى سىرتقا تەشۋىق قىلىش، ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشكە قىزىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىشلەنگەن ، مەخسۇس تەشۋىقات ناخشىلىرى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاڭ لوبىڭنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكا ساھەسىگە سالغان بۇزغۇنچىلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھەربى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كومپوزىتورى ۋاڭلوبىڭ ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خەلق مۇزىكىلىرىغا خىتايچە تېسكتلارنى كىرگۈزۈپ ئىشلەپ ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى سۈپىتىدە ئېلان قىلىپ ھەتتا چەتئەل شېركەتلىرىگە سېتىپ نەپ ئالغانلىقى سەۋەبلىك ، خەلق ئارىسىدا ناخشا ئوغرىسى ئاتىلىپ قاتتىق نەپرەت قوزغىغان .
ئەمما، خىتاي دائىرلىرى ھازىرغا قەدەر ۋاڭلوبىڭنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سەنئەت ساھەسىگە تۆھپە قوشقان سەنئەتكار ساناپ كەلگەندىن سىرت ئۇنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ ناخشا مۇزىكىسىنى ئوغرىلاش، بۇزۇش ئەنئەنىسىنىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ مىساللىرىنى خىتايدىكى ھەر قايسى تور بەتلىرىگە كىرىپ شىنجاڭ mv ( مۇزىكا كۆرۈنمە چاستوتىسى)ناخشىلىرىنى بېسىپلا بىلەلەيمىز.
ناخشىلار پەقەت خىتايچە ئوقۇلغاندىلا قارشى ئېلىنامدۇ؟
ھازىر خىتايدىكى ئوتتۇز نەچچە تور بەتكە قويۇلغان بۇ شىنجاڭ ناخشىلىرى گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قازاق ، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مۇزىكىلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ناخشىلار بولسىمۇ ،ناخشىنى ئورۇنلىغۇچى ئارتىسلار مەيلى قانداقلا مىللەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بىردەك خىتاي تىلىدا ئورۇنلىغان.
گەرچە بۇ ناخشىچىلارنىڭ يۇقىرى ئورۇنلاش سەنئىتى ،ماھارىتى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆرۈنۈشلەر زامانىۋى تېخنىكىلار بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن، يېڭىچە ئاڭ، يېڭىچە ئۇسلۇبلار يارىتىلغانلىقى خىتاي ۋە باشقا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەرنى ھەم ئۇلارنىڭ سەنئىتىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن زوق بېغىشلىيالىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۆز سەنئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان سەنئەت ئۈچۈن ئۆلۈپ سەنئەت ئۈچۈن تۇغۇلىدىغان بۇ سەنئەتخۇمار خەلق ئۈچۈن ، ئۆز مۇزىكا ناخشىلىرىنىڭ خالىغانچە شەكىللەردە ئۆزگەرتىلىپ شىنجاڭ ناخشىلىرى نامىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىلىشى ئۇيغۇرلاردا بۇ شىنجاڭmv شەكلىدىكى ناخشىلار زوق ئەمەس بەلكى ئوق پەيدا قىلماقتا.
ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا بىز چەـئەللەردىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى ئالغان ئىدۇق. " شىنجاڭ ناخشىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە خىتاينىڭ ئاسىمىلاتسىيەسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان شۋېتسىيىدىكى قەيسەر ئەپەندى، يۇقۇردىكى قاراشلارغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- " شىنجاڭ ناخشىلىرى" ئۇيغۇرلاردا زوق ئەمەس "ئوق" پەيدا قىلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن" دۇنيا ئاۋازلىرى " فېستىۋالىغا قاتناشتى
- ئۇيغۇر 12 مۇقامى ۋە دولان مۇقامى پارىژدا
- ناخشىچى سۇلتان كېرىموف ئۇيغۇرلارغا شەرەپ كەلتۈردى
- مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيىلەش مەركەزلىرى ئېچىلماقچى