بۇش جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلدى


2004.09.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا پرېزدېنتى جورج ۋ بۇش، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە پرېزدېنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، ناۋادا ئۆزىنىڭ يەنە داۋاملىق پرېزدېنت ۋەزىپىسىنى قولغا ئالسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى 4 يىل ئىچىدە ئورۇنلايدىغان پىلانلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

بۇش يەنە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسىدىكىلەرگە ۋە بارلىق ئامېرىكا خەلقىغە ۋەدە بېرىپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى 4 يىلدا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئامېرىكا خەلقىنىڭ باياشاتلىقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەمدە ئۆزىنىڭ مەزكۈر پرېزدېنت رىقابىتىنى ئېنىق ۋە ئاكتىپ پىلان بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇش سۆزىدە، " بۇ دېگەنلىك تېخىمۇ بىخەتەر دۇنيا بەرپا قىلىش شۇنداقلا تېخىمۇ ئۈمىدكە تولغان بىر ئامېرىكىنى بەرپا قىلىش دېگەنلىك. مەن يەنە، ھېسداشلىق تۇيغۇسى بىلەن ۋە كونسېرۋاتىپ جەمئىيىتىنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن رىقابەتكە چۈشتۈم. مېنىڭ قارىشىمچە، ھۆكۈمەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى يېتەكلەشلا ئەمەس بەلكى ياخشىلاشقا ياردەم قىلىشى كېرەك." دېدى.

بۇش يەنە، كەلگۈسى 4 يىل ئىچىدە، ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە باج قىسقارتىش، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆي-جاي سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش، كارخانىچىلارغا سودا پۇرسىتى يارىتىش، كىشىلەرنىڭ كەسپىي قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ پېنسىيە ۋە سەھىيە-ساغلاملىق تۈزۈمىنى ياخشىلاش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزدېنت بۇش يىغىندا، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدە تېررورلۇققا قارشى قەتئىي قايتماس ئىرادە بىلەن داۋاملىق كۈرەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنياغا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ، تېخىمۇ بىخەتەر ۋە دىموكراتىك دۇنيا بەرپا قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ پرېزدېنت كاندىداتى جون كەررىي (John Kerry ) نىڭ سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلدى.

بۇش سۆزىدە، " ئۇنىڭ باج ۋە دۆلەت خىراجىتى سىياسىتى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ پۇرسىتىنى كېڭەيتمەسلىك سىياسىتى زاماندىن قالدى. ئەمما بىز ھازىر كەلگۈسىگە يۈزلىنىۋاتىمىز ۋە ھەرگىز ئارقىمىزغا قايتمايمىز." دەپ كۆرسەتتى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلغان بۇش يەنە، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى 4 يىلدىن بۇيان سادىر قىلغان بەزى خاتالىقلىرىنىمۇ ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ بەزى سىياسەتلىرىنىڭ بارلىق ئامېرىكا خەلقى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە ئامېرىكا خەلقىنى بۇ قېتىملىق سايلامدا ئۆزى تەرەپتە تۇرۇشقا چاقىرىپ، "چۈنكى بىز رىقابەتكە قەيسەرلىك بىلەن يۈزلەندۇق. ھازىر بىز تارىخىي نىشانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. بىزنىڭ ئۇلۇغ كەلگۈسىمىز بولىدۇ. بىز كەلگۈسىدە تېخىمۇ بىخەتەر دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئۈمىدلىك ئامېرىكا دۆلىتىنى بەرپا قىلىمىز. ھېچقانداق نەرسە بىزنى بۇنىڭدىن توسۇپ قالالمايدۇ." دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكا پرېزدېنتى جورج ۋ بۇش سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ پرېزدېنت كاندىداتى جون كەررىي بۇشنىڭ سۆزىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇشنىڭ قۇرۇلتايدا قىلغان سۆزلىرىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ھەقىقەتەن يېڭى بىر يۆلۈنۈشكە يۈزلىنىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇشنىڭ خاتىرىسىنىڭ مەغلۇب بولغان بىر خاتىرە ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ كەڭ ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى كېلەچەك يارىتالايدىغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئامېرىكىنىڭ پرېزدېنت سايلىمى -11 ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇ چاققىچە بۇ ئىككى پرېزدېنت كاندىداتى ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شتاتلىرىغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلەپ، سايلام ئاۋازى توپلايدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.