بۇش يەنە بىر قارار پرېزىدېنتلىققا سايلاندى

0:00 / 0:00

بۇش سايلامدا غەلىبە قىلدى

bush250.jpg

سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا سايلىمىدا پرېزىدېنت جورجى بۇش، رەقىبى دېموكراتلار پرېزىدېنت نامزاتى جون كەررىينى مەغلۇپ قىلىپ، سايلامنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. جورجى بۇش ئومۇمى بىلەتنىڭ ٪ 51 گە ئېرىشىپ، ٪ 49 گە ئېرىشكەن جون كەررىينى مەغلۇپ قىلدى. جون كەررىي چارشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پرېزىدېنت بۇش بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سايلامدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى قوبۇل قىلغان.

جون كەررىي مەغلۇبىيىتىنى ئېتراپ قىلدى

جون كەررىي شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقى ۋاقتى بىلەن سائەت 2:00 لەردە ماسساچۇسېتس شتاتىنىڭ مەركىزى بوستوندا دېموكراتلارغا سۆز قىلىپ، سايلامدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

پرېزىدېنت بۇشنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەن جون كەررىي، جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلارنى ھەمكارلىققا چاقىرىپ، ئىراقتا غەلىبە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تېكىتلىدى. ئۇ " ئامېرىكا سايلىمىنىڭ ياخشى تەرىپى بار دېيىلسە، سايلامدىن كېيىن ئۇتتۇرۇپ قويىدىغان بىر تەرەپنىڭ يوقلىقىدۇر. ئەتىگەن ئويغانغاندا ھەممىمىز ئوخشاشلا بىر ئامېرىكىلىق بولىمىز" دەپ كۆرسەتتى.

john-ed.jpg

ئۆزىنىڭ ھازىرمۇ ماسساچۇسېتس شتاتىدىن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن دېموكراتلار نامزاتى، "كۈرىشىمىز بۇ يەردە توختاپ قالمايدۇ، بەلكى داۋام قىلىدۇ" دەپ سۆزلىدى. قوللىغۇچىلىرىنىڭ سايلام جەريانىدىكى تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان جون كەررىي، سايلام جەريانىدا ئامېرىكا خەلقىنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ " سايلام يەنە بولىدۇ، غالىبىيەت ۋاقتى كېلىدۇ، سىلەرنىڭ غەيرىتىڭلار ۋە سايلام بىلىتىڭلار دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىمىز" دىدى. ئۇ ئاخىرىدا " تەڭرى ئامېرىكىنى پاناھىدا ساقلىسۇن" دەپ خىتاپ قىلدى.

بۇش ئامېرىكىلىقلارنى ئىتتىپاقلىققا چاقىردى

جون كەررىيدىن كېيىن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 لەر بىلەن بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ غالىبى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ئامېرىكا خەلقىغە سۆز قىلدى. پرېزىدېنت بۇش، دىموكراتلار پرېزىدېنت نامزاتى جون كەررىينى سايلام جەريانىدا جۇشقۇن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش بىلەن ماختاپ، " ئامېرىكا جاكارلىدى، مەن خەلقىمنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدى ۋە ئىشەنچىسىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم" دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئىشەنچ بىلەن ئۆزلىرىگە ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى ئارتىلغانلىقىنى ئىلگىرىسۈرگەن جورجى بۇش، بۇ يولدا ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، " بىز بىر دۆلەت، بىزنى ئورتاق ئاساسى قانۇن ۋە ئورتاق تەقدىر باغلاپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ بىرلىك ۋە ھەمكارلىقىمىز ئاستىدا ئامېرىكىنىڭ ئۇلۇغلىقىنىڭ چېكى يوق" دەپ ئەسكەرتتى.

جورجى بۇش " بۇ دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۈچلىك ۋە ياخشى بولۇشى ئۈچۈن مەن سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارغا مۇھتاج" دەپ كۆرسەتتى. پرېزىدېنت بۇش بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك سايلام ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، كەلگۈسى 4 يىل ئىچىدە ئامېرىكا ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش، سالامەتلىك سۇغۇرتىسىنى ئىسلاھ قىلىش، مائارىپنى ياخشىلاش جەھەتلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىراق ۋە ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ نامزاتلار ھەققىدىكى قارىشى پەرقلىنىدۇ

بۇ قېتىمقى سايلام مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى دۇنيانىڭ ئەڭدىققىتىنى قوزغىغان سايلام بولدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوف، سايلامدا جورجى بۇشنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە مۇۋاپىق دەپ كۆرسەتتى.

بىراق بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنت نامزاتلىرى مەسىلىسىدىكى مەيدانى باشقىچە بولۇپ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى قىلغان تېلېفون زىيارىتىمىزدە ئۇلار ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.