ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر پرېزىدېنت بۇشنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى


2005.11.07

ئامېرىكا پرېزىدېنت جورجى بۇش كېلەر ھەپتە جەنۇبىي كورىيىدە چاقىرىلىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كوڭ چۈئەن، پرېزىدېنت بۇشنىڭ زىيارىتى 19 - نويابىردىن 21 - نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەر ئىككىلا تەرەپ ھازىرغىچە پرېزىدېنت بۇشنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپى ۋە سۆھبەت تېمىسى توغرىسىدا ئىلگىرلىگەن ھالدا مەلۇمات بەرمىدى.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ستاپان خاردلېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاق ساراي پرېزىدېنت بۇشنىڭ زىيارىتى توغرىسىدا پەيشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىدىكەن. ئۇ، دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزغا ھازىرچە زىيارەت توغرىسىدا مەلۇمات بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلدى.

رابىيە قادىر: پرېزىدېنت بۇش خۇ جىنتاۋغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى خىتاينى زىيارەت قىلغاندا دائىم تەكىتلىنىدىغان ئەنئەنىۋى تېما. پرېزىدېنت بۇش خىتاي زىيارىتىنى باشلاش ھارپىسىدا خەلقئارا تەشكىلاتلار، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ئەركىنلىك ھەققىدىكى چاقىرىقىغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر، دۈشەنبە كۈنى پرېزىدېنت بۇشنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكى ۋە تەبئىي بايلىقىغا ئۆزلىرىنى ئىگە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ پرېزىدېنت بۇشنىڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دائىر تەلەپلەرنى سۇنىدىكەن. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى " شەكلى ئۆزگەرگەن تۈرمە" دېدى.

لودى گيارى: دالا لامانىڭ مەقسىدى خىتاينى پارچىلاش ئەمەس

تىبەتلەر بولسا پرېزىدېنت بۇشنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلماقتا.

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما، بۇ يەردىكى 10 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا پرېزىدېنت بۇش ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى زاتلار بىلەن ئۇچرۇشىدۇ.

دالاي لامانىڭ ۋەكىلى لودى گيارى، تىبەت روھانى داھىسىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، " مەن شۇنى ئېيتالايمەنكى ، دالاي لاما بۇ يەرگە خىتاينى پارچىلاش ياكى ئۇنى تەنقىدلەش ئۈچۈن كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىدىكى مەقسىدى، خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىش، خىتاينىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا ياردەم بەرگۈچى كىشى بولۇشنى ئۈمىد قىلىش،" دەيدۇ.

لودى گيارىنىڭ تەكىتلىشىچە، دالاي لاما زىيارەت جەريانىدا پرېزىدېنت بۇش، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىغا بۇ ئۈمىدىنى يەتكۈزىدىكەن. ئۇ، "دالاي لاما بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، پرېزىدېنت بۇشقا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆزىنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سەمىمىيىتى ۋە ۋەدىسىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى يەنە بىر قېتىم ھاۋالە قىلىدۇ " دېدى.

خىتاي ئەلچىخانىسى: دالاي لاماغا تۇتقان سىياسىتىمىز ئۆزگەرمىدى

گەرچە دالاي لاما مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاماغا تۇتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى چۇ ماۋمىڭ، " 14 - دالاي لاما نوقۇل دىنىي زاتلا ئەمەس، ئۇ بىر سىياسى سەرگەردان،" دەيدۇ. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا تەكىتلىگەن.

چۇ ماۋمىڭ، "جوڭگو ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ ھەر قانداق دۆلەتتە بۆلگۈنچىلىك قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش يولىدا سىياسى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۇرىدۇ. جوڭگو ھۆكۈمىتى ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ھەرقانداق ناملاردا بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، دالاي لامانى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشىغا ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرۇشىشىغا قارشى تۇرىدۇ،" دەيدۇ.

ئەنئەنىۋى ئىختىلاپلاردا بۆسۈش خاراكتىرلىك ئىلگىرلەش بولۇشى ناتايىن

كۆزەتكۈچىلەر، پرېزىدېنت بۇشنىڭ زىيارىتى جەريانىدا خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى تەيۋەن مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك قاتارلىق ئەنئەنىۋىي ئىختىلاپلاردا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولۇشى ناتايىن، دەپ قارىماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇشنىڭ زىيارىتى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسۋىتى سودا - ئىقتىسادى، پۇل - مۇئامىلە ۋە ھەربىي ئىشلاردا جىددىي سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلد يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، بېيجىڭ دائىرىلىرىدىن خىتاي ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتىرىشنى تەلەپ قىلغان. گەرچە ئىككى تەرەپ دۈشەنبە كۈنى توقۇلما بۇيۇملار ئېكسپورت مەسىلىسى بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلىش باسقۇچىغا كېلىپ قالغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئىختىلابى يەنىلا مەۋجۇت. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.