
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش دۈشەنبە كۈنى خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 8 كۈنلۈك شەرقىي ئاسىيا سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى موڭغۇلىيىنى قىسقا مۇددەتلىك زىيارەت قىلىپ، موڭغۇلىيە پارلامېنتىدا ئۇلانباتۇرنىڭ ئىراق ئۇرۇشىدا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ماختىدى.
موڭغۇلىيە، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ھەرىكىتىنى قوللىغان ۋە ئىراققا قوشۇن ئەۋەتكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇش، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ھېنرىي ۋاللېس 1944 - يىلى موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلىپ 61 يىلدىن كېيىن مەزكۇر دۆلەتنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا رەھبىرى.
موغۇلىيە بىلەن دوستلۇق
بۇش شۇ كۈنى موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى نامبار ئېنخى بايار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن موڭغۇلىيە مىللىي پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى كوممۇنىزمدىن ۋاز كېچىپ ، غەرب ئىستىلىدىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىك سايلام يولىغا ماڭغان موڭغۇلىيىنى ماختىدى.
بۇش، "موڭغۇلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما شاتاتلىرى دېموكراتىيە داۋاسىدا ئوخشاش مەۋقەدىكى قېرىنداشلار" دەيدۇ. ئۇ يەنە " سىلەر ئاسىيانىڭ قەلبىدە ئەركىن جەمئىيەت قۇرۇپ، رايون ۋە دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئۆلگىسىنى ياراتتىڭلار" دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ، رادىكال ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنى تەنقىد قىلدى. بۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رادىكال ئىسلامى ئىدېئولوگىيە كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىگە ئوخشاشلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىكەن. ئۇ، " چۈنكى ئۇلار ئېرىشمەكچى بولغان ھوقۇق ئۇنىۋېرسال ئەركىنلىك چۈشەنچىسىگە ماس كەلمەيدۇ " دەيدۇ.
خىتاي بىلەن خەلق پۇلى قىممىتى ھەققىدە كېلىشەلمىدى
پرېزىدېنت بۇش موڭغۇلىيىگە كېلىش ئالدىدا شەرقىي ئاسىيا سەپىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم بېكىتى خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋلارنى خىتايدا دىنىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەركىنلىكنى كېڭەيتىشكە ئۈندىگەن ئىدى.
خۇ جىنتاۋ، ئامېرىكا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ماللىرىغا بازىرىنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلىسىدە كېلىشەلمىگەن.
بۇش، " بىز خىتاي بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ بۇ يىل 7 - ئايدا خەلق پۇلىنى ئەركىن قويۇۋېتىش ۋە بازارلاشتۇرۇش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرىمىز " دەپ كۆرسەتتى. ئەمما خۇ جىنتاۋ، ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل خىتاي بىلەن بولغان سودىدا 200 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقان سودا قىزىل رەقىمىنى قانداق ئازايتىدىغانلىقىغا دائىر تەپسىلىي ئەھۋاللارنى تىلغا ئالمىغان.
بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ ئۇچراشقان شۇ كۈنى خىتاي دائىرىلىرى 2006 - يىلدىن 2008 - يىلغىچە ئامېرىكىدىن 70 دانە بوئېن بەلگىلىك يولۇچىلار ئايرۇپىلانى سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇش خىتاينى ئەركىنلىك يولىدا داۋاملىق تارىخىي بۇرۇلۇش ياساشقا چاقىردى
پرېزىدېنت بۇش مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشى كېرەك، دەيدۇ. بۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ خۇ جىنتاۋ بىلەن سىياسىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇش "خىتايدا ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە دىنىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم شۇنداقلا بىز خىتاينى ئەركىنلىك يولىدا داۋاملىق تارىخىي بۇرۇلۇش ياساشقا چاقىرىمىز" دېدى.
بۇش خانىمى لاۋرا بۇش بىلەن بىللە ، بېيجىڭدىكى ۋاگاڭ چېركاۋىغا يەكشەنبىلىك ئىبادەت ئۈچۈن بارغاند " سىلەرمۇ بىلگەندەك بۇ جەمئىيەت تېخى يېقىنغىچە كىشىلەرنىڭ ئاشكارا ئىبادەت قىلىشىغا يول قويمايتتى. مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن توپلانغان خرىستيان مۇخلىسلىرىنى قورقۇتماسلىقى كېرەك. ساغلام جەمئىيەت ھەر خىل دىنىي ئېتىقادلارنى قارشى ئالىدۇ. بۇ جەمئىيەت كىشىلەرگە ئىبادەت ئارقىلىق ئىچكىي دۇنياسىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك " دەيدۇ.
بۇش خىتاي رەھبەرلىرىنى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن تىبەتنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى. بۇش مۇنداق دەيدۇ: " مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى تەكلىپ قىلسا ئاقىلانە ھەرىكەت قىلغان بولىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا دالاي لاما ئاق سارايدا ماڭا قىلغان سۆزلىرىنى بىۋاستە خىتاي رەھبەرلىرىگە ئېيتالىشى مۇمكىن. دالاي لاما تىبەت مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىش خىيالىدا ئەمەس "
خۇ جىنتاۋ، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسۋىتىنىڭ ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىياتى دەۋىرنىڭ تەلىپى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى، دەپ تەكىتلىگەن. بۇش، شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، بېيجىڭنىڭ 6 دۆلەت سۆھبىتىگە ساھىپخانلىق قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، " ئامېرىكا بىلەن خىتاي يادرو قوراللاردىن خالى تىنچ كورىيە يېرىم ئارىلىنى ئۈمىد قىلىدۇ " دېدى.
دىنىي ئېركىنلىك
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ۋاگاڭ چېركاۋىغا بېرىپ يەكشەنبىلىك ئىبادەتكە قاتناشقاندا، چېركاۋنىڭ زىيارەتچىلەر دەپتىرىگە " تەڭرى خىتاي خرىستيانلىرىنى پاناھىدا ساقلىسۇن " دەپ يازغان.
پرېزىدېنت بۇش خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى باشلاش ئالدىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئامېرىكا دائىرىلىرىنى بىئارام قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىسنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە " تېخىمۇ قاتتىق ئاۋاز بىلەن" دىققەت قىلىشنى كۈچەيتىدىكەن. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل 9 - ئايدا خىتاي دائىرىلىرىگە تاپشۇرغان تىزىملىكتىكى كىشىلىك ھوقۇق دىلولىرىغا قايتۇرغان جاۋابىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. رايىس، " بىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى كۆرمىدۇق " دەيدۇ. پرېزىدېنت بۇش شەرقىي ئاسىيادىكى سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى موڭغۇلىيىنى 4 سائەتلارچە زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى دۆلىتىگە قايتتى. (ئەركىن)