جورج بۇشنىڭ دۆلەت نۇتقى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا پەيدا بولغان ئىنكاسلار

0:00 / 0:00
BUSH01-28-07-200.jpg
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ 28 - يانۋاردىكى دۆلەتلىك نۇتۇق بەرىۋاتقان كۆرۈنۈشى. AFP Photo

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 1 ‏- ئاينىڭ 28 ‏- كۈنى كەچ سائەت 9 دا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا دۆلەت نۇتقى ئېلان قىلدى. بۇ جورج بۇشنىڭ 2009 ‏- يىلى 1 ‏- ئايدا پرېزىدېنتلىق مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان ئاخىرقى قېتىملىق دۆلەت نۇتقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جورج بۇش بۇ قېتىم دۆلەت نۇتقى ئېلان قىلغاندا، بۇ يىل پرېزىدېنتلىققا نامزات كۆرسىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن پالاتا ئەزالىرىمۇ دۆلەت مەجلىسى زالىغا كېلىپ ئۇنىڭ نۇتقىنى ئالقىشلىدى.

'ۋاشىنگتون پوست' گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، 2007 ‏- يىلى ئامېرىكىدا جورج بۇشنى قوللاش نىسبىتى %30 غا چۈشۈپ قالغان بىر يىل بولغان ئىدى.

'ئىراققا ئەسكەر كۆپەيتىش پىلانىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى'

پرېزىدېنت جورج بۇش بۇ قېتىم ئېلان قىلغان دۆلەت نۇتقىدا ئىراققا ئەسكەر كۆپەيتىش پىلانىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكىنى، ئەل-قائىدىچىلەر ئىراقتىن قاچقانلىقىنى، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ 20 نەچچە مىڭ ئەسكىرى ئىراقتىن قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى، بۇ يىل ئوتتۇرا شەرقتە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىشتىن ئۈمىد بارلىقىنى بايان قىلدى.

'ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قايتىدىن يۇقىرى ئۆرلىشىدىن ئۈمىد بار'

جورج بۇش دۆلەت نۇتقىدا يەنە، ھازىر ئامېرىكىدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتى تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قايتىدىن يۇقىرى ئۆرلىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 150 مىليارد دوللارلىق باج قايتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى. جورج بۇش ئىقتىسادنى قوزغىتىش پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ھازىر ھەممەيلەن بىرلىككە كېلىش لازىملىقىنى، ھەتتا 2010 ‏- يىلىغىچە باج قايتۇرۇش پىلانىنى مەڭگۈلۈك باج قايتۇرۇش پىلانىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

'پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىش مەسىلىسىدە خىتاي تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك'

جورج بۇش بۇ قېتىمقى دۆلەت نۇتقىدا، كېلەركى بىر يىللىق خىزمەتلەر ھەققىدە توختالغاندا 'كىيوتو كېلىشىمى' دە تەرەققى قىلغان سانائەت دۆلەتلەرنىڭ زەھەرلىك گاز قويۇۋىتىشىنى چەكلەپ، خىتاي ۋە ھىندىستاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۇنداق قاتتىق چەك قويۇلمىغانلىقى ئادىل بولمىغان دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا، ئۇ خىتايدىن پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىش مەسىلىسىدە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

'دۆلەت ئىچىدە قىزىل رەقەم كۆپەيدى، ئىراقتا زور بەدەل تۆلىدۇق'

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە ‏-‏ دېموكراتلاردىن كەنساس شىتاتىنىڭ باشلىقى كەسىرىن جورج بۇشنىڭ دۆلەت نۇتقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ 'ئالدىنقى بەش يىلدا بىز ناھايىتى زور بەدەل تۆلىدۇق، كۆپ ئەسكىرىمىز ئىراقتا ھاياتىدىن ئايرىلدى، تاشقى سىياسەت جەھەتتە ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق' دېدى. دېموكراتلاردىن سايلانغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى روبېرت جورج بۇشنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قوزغىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان باج قايتۇرۇشنى مەڭگۈلەشتۈرۈش پىلانىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ ' دۆلەت ئىچىدە مالىيىدە قىزىل رەقەم تېز كۆپىيىۋاتقاندا ئىراقتا يۈز مىليونلىغان پۇل ئىسراپ قىلىندى' دېدى.

'جورج بۇش تازا ئەقىللىق ئىشتىن بىرنى قىلدى'

جۇمھۇرىيەتچىلەردىن سايلانغان جورجىيە شىتاتىنىڭ باشلىقى جېك كېڭستون 'پرېزىدېنت جورج بۇش تازا ئەقىللىق ئىشتىن بىرنى قىلدى، بۇ پىلان بۇنىڭدىن كېيىنكى 11 ئاي ئىچىدە يولغا قويۇلىدۇ، ئۇ بىر يېڭىچە پىلان' دېدى.

'بۇشنىڭ نۇتقى سايلامغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن'

شىنخۇا تورىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ دۆلەت نۇتقى ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى جورج بۇشنىڭ دۆلەت نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەتلەرگە قارىتا 'ئىراقتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى'، 'ئىچكى سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولۇشى ناتايىن'، 'سايلامغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن' دەپ قارىغان. (ۋەلى)