پرېزىدېنتى جورج بۇش پراگا شەھىرىدە دۇنيا دېموكراتىيىسى ھەققىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى


2007.06.08

BUSH-IN-PRAGUE1-200.jpg
پرېزىدېنت بۇش چېختىكى يىغىندا، بارلىق سىياسى مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى سورىدى. Czech Republic 05 June 2007. US President George W. Bush called Tuesday for the "immediate and unconditional release" of many dissidents in countries such as Belarus, Myanmar, Cuba and Vietnam. / AFP PHOTO/Jim WATS

گېرمانىيىدە ئېچىلىدىغان سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياۋروپاغا كەلگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، 5 - ئىيۇن، پراگا شەھىرىدە دېموكراتىيە ۋە بىخەتەرلىك باش تېما قىلىنغان خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن، ئۆز دۆلەتلىرى ۋە ياكى رېجىم ئاستىدىكى خەلقلىرىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان دېموكراتىيە كۈرەشچىلىرىگە دۇنيا دېموكراتىيىسى ھەققىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى.

سۆز بېشىدا بۇش: "ئەتە مەن 8 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىمەن ھەمدە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىمەن. ئەمما، بۈگۈن چۈشتىن كىيىن مەن، ئۇنىڭدىنمۇ غايەت زور كۈچكە- يەنى ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى كۈچىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى ئەر-ئاياللار بىلەن بىرگە تۇرماقتمەن،"دەپ يىغىن ئەھلىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ھۆرلۈك دۇنيانى مەڭگۈلۈك تىنچلىققا ئېلىپ بارىدىغان يۇلدۇر

يىغىن ئەھلىنىڭ 17 دۆلەت ۋە 5 قىتئەدىن كەلگەن ئۆكتىچىلەر، دېموكراتىك پائالىيەتچىلەر ئىكەنلىكىنى، گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە، ئوخشىمايدىغان دىنى ئېتىقادقا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىر خىل مۇددىئا ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغانلىقنى تەكىتلىگەن بوش: "ھەمدە سىلەر دۇچ كېلىدىغان رىقابەتمۇ ھەرخىل. ئەمما، ھۆرلۈكنىڭ ھەربىر ئىنسان بالىسىنىڭ سۈلھى تەلەپ قىلمايدىغان ھوقۇقى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر قايتماس ئىشەنچ سىلەرنى بۇ يەرگە جەم قىلدى. مانا شۇ ھۆرلۈك دۇنيانى مەڭگۈلۈك تىنچلىققا ئېلىپ بارىدىغان يۇلدۇر دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېموكراتىيە مۇساپىسىنى تىلغان ئېلىپ: "توماس ماساريك 90 يىل ئىلگىرى ، 'ھازىرقى زامان دېموكراتىيە غايىسى،' ئاساسىدا چېخوسلوۋاكىيىنىڭ مۇستەقىللىقنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمما بۇ دېموكراتىيە باشتا ناتسىستلارنىڭ كىيىن كوممۇنىستلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى،"دېدى.

ئۇ يەنە نۇرغۇنلىغان كوممۇنىست دۆلەتلىرىنىڭ ئاخىرىدا دېموكراتىيىگە تەسلىم بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ: "كوممۇنىستلاردا تارىخنىڭ يۆلىنىشىنى بىلەلەيمىز دەيدىغان بىر جاھانگىرلىك ئىدېئولوگىيىسى بار ئىدى. ئەمما، بۇ ئىدېئولوگىيە ئاخىرىدا، ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدىغان، ئەۋلادلىرىغا ھەقىقەتنى ئۆگىتىدىغان ئاددىي خەلق تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى،"دېدى ۋە، "ئەركىنلىك قارشىلىققا ئۇچرىشى، كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن. لېكىن، ئەركىنلىكنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ،"دەپ ئەركىنلىكىنىڭ بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئىنسانىي ئەركىنلىك بولسا كىشىلىك ھوقۇققا ئېرىشىشتىكى بىرىدىن بىر يول

Rabiye-Bush-Rushen-150.jpg
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش رابىيە خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى مەدھىيىلىدى Photos are courtesy of UAA / Rushan

ئۇ ئەركىنلىككە ئىزاھات بېرىپ: "رادىكاللىققا قارشى تۇرىدىغان، يېڭىلمەس كۈچ، ئوق ياكى بومبا ئەمەس بەلكى ئەركىنلىككە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىلتىجا قىلىش. ئەركىنلىك بولسا ياراتقۇچى ئىگىسىنىڭ ئىرادىسى ۋە ھەربىر روھنىڭ تەشناسى. ئەركىنلىك بىر جەمئىيەتنى ھەققانىيەتكە ئېلىپ بارىدىغان يول. ئىنسانىي ئەركىنلىك بولسا كىشىلىك ھوقۇققا ئېرىشىشتىكى بىرىدىن بىر يولدۇر،"دەيدۇ.

پرېزىدېنت بۇش "ئەركىنلىكنى كېڭەيتىشنى پەقەت بىر خىل ئەخلاقى بۇيرۇقلا ئەمەس،"دەپ ئېيتىپ، ئەركىنلىكىنىڭ ئىنسانلارنى قوغداشتىكى ئەڭ ئەقەللىي يول ئىكەنلىكنى كۆرسەتتى ۋە ،"مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى، مۇستەبىتلىك ۋە رادىكاللىقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۆزىنى بېغىشلىغان،"دېدى. بۇشنىڭ بۇ بايانلىرىغا ئالقىش ياڭرىتىلدى.

رابىيە قادىرغا ئوخشاش ئەر -ئاياللارنىڭ تالانتى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ زور بايلىقى

بۇش نۇقتىدا يەنە رابىيە قادىر خانىمنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ: "مەن بۈگۈن كۆرۈشمەكچى بولغان يەنە بىر ئىسيانكار بولسا، ئوغۇللىرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان، خىتايدىن كەلگەن رابىيە قادىر ،"دېدى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشلىرىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە خىتاينىڭ ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

پرېزىدېنت بۇش يەنە: "رابىيە قادىرغا ئوخشاش ئەر - ئاياللارنىڭ تالانتى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ زور بايلىقى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئارمىيىسىنىڭ قورال-ياراقلىرى ۋە ياكى يەر ئاستىدىكى نېفىتلىرىدىنمۇ قىممەتلىكتۇر،"دېدى ۋە ، "ئامېرىكا، سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى تۇنجۇقتۇرۇۋاتقان ھەرقانداق بىر دۆلەتنى، بۇنداق باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشقا، ئۆز خەلقىگە ئىشىنىشكە ۋە پۇقرالىرىغا تېگىشلىك ئەركىنلىكنى بېرىشكە چاقىرىدۇ،"دەپ خىتاب قىلدى. بۇشنىڭ بۇ سۆزلىرى ئالقىش سادالىرى قوزغىدى.

بۇش ، "بىز سىلەرگە زۇلۇم سالغان زالىملارنى ھەرگىز كەچۈرمەيمىز"

BUSH-XU-200.jpg
بۇش G 8 يىغىنىدا، خۇ جىنتاۋ بىلەن. US President George W.Bush (R) points to Chinese President Hu Jintao (L) at G8 summit in Heiligendamm, 08 June 2007 / AFP PHOTO TOSHIFUMI KITAMURA

بۇش ئەركىنلىكىنىڭ يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەردە بوغۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئۆزبېكىستاننىڭ ئىزچىل تۈردە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۈرمىلەرگە تاشلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما قىرغىزىستان قاتارلىق ياش دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا پرېزىدېنت بۇش يەنە، گەرچە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىغا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى تارقىتىش كۈرىشى مۈشكۈل بولسىمۇ يەنىلا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۈمىدلىك بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: "سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى جەريانىدا، بېرلىن تېمى مەڭگۈلۈك دەپ ئىشىنىدىغان كىشىلەرمۇ بولغان ئەمما تارىخ بۇنىڭغا باشقىچە جاۋاب بەردى،"دەيدۇ.

ئاخىرىدا بۇش يىغىن ئەھلىگە ، "مېنىڭ ئاشۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدا ئازاب چەككۈچى خەلقلەرگە ئېيتىدىغىنىم: بىز سىلەرگە زۇلۇم سالغان زالىملارنى ھەرگىز كەچۈرمەيمىز. بىز ھەر زامان سىلەرنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىڭلارنى قوللايمىز،"دېدى ۋە "مەن پراگادىن، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھەرگىز توختاپ قالمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ كەلگۈسىنىڭ سەرخىل ئادەملەرنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر جەزمەنلىك ئىچىدە قايتىدىغان بولىدۇ. ئەركىنلىك كۈچىدە يۇغۇرۇلغان ئېگىلمەس ئېتىقادىڭلار بىلەن سىلەر ئۆز خەلقىڭلەرگە ئىلھام بېغىشلايسىلەر، دۆلىتىڭلارنى يېتەكلەيسىلەر، ھەمدە دۇنيانى ئۆزگەرتىسىلەر،"دەپ سۆزىنى ئاياغلاشتۇردى.

بۇشنىڭ نۇتقى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىلكىگە چۆمدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.