بۇشنىڭ يېڭى ئىراق ئىستراتېگىيىسىنى ئىراق ھۆكۈمىتى قىزغىن قوللىدى، ئەمما بونىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئامىلىسى سوغۇق
2007.01.11
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش 10 - يانۋار كۈنى كەچتە تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلىپ، ئىراقتا يۈز بەرگەن خاتالىقلارغا ئۆزى جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى؛ ھازىر ئىراقتىكى قۇچقاچتەك ئۇچقۇر توپۇلاڭلارنى تىنجىتىش لازىملىقىنى؛ ئىراقتىكى ھازىرقى 132 مىڭ ئەسكەر سانىنى 153 مىڭغا كۆپەيتىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن 5 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان دېموكراتلار پرېزىدېنت بۇشنىڭ يېڭى ئىراق سىياسىتىنى تەنقىدلىدى
ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان دېموكراتلار پرېزىدېنت بۇشنىڭ يېڭى ئىراق سىياسىتىنى تەنقىدلىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى خاررى رېيت ئەپەندى 'پرېزىدېنت بۇش بۇيىل 11 - ئايدا ئېلىپ بېرىلغان ئوتتۇرا مەۋسۈملۈك پارلامىنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە ۋە ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرىغا پىسەنت قىلمىدى، ئىككى پارتىيە بىرلىكتە قۇرغان تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرگىمۇ پىسەنت قىلمىدى' دەپ نارازىلىق بىلدۈردى. كېڭەش پالاتا ئەزاسى بارەك ئوباما ئەپەندى 'ئامېرىكا ئىراقتىكى ئىچكى ئۇرۇشتا بالا باققۇچى بولمايمىز، بىز پرېرزىدېنت بۇشنىڭ ئىراققا ئەسكەر كۆپەيتىشىنى چەكلىشىمىز كېرەك' دېدى.
ئىراق ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيىسىنى تامامەن قوللايدۇ
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراقنىڭ باش مىنىسىتىرى نۇرى ئەل مالىكىنىڭ باياناتچىسى ناھىر ئەپەندى ' ئىراق ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيىسىنى تامامەن قوللايدۇ، ئىراققا ئەسكەر كۆپەيتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، چۈنكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى كۆپلەپ كەلسە، ئۇلارنىڭ ئىراققا ياردىمى كۆپ تېگىدۇ، ئىراق قىسىملىرىمۇ كۆپلەپ ھەربىي تەلىم ئالىدۇ' دېگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، شىئەلەردىن سايلانغان بىر پارلامىنت ئەزاسى 'ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ئەسكەر كۆپەيتىشىنىڭ ھاجىتى يوق' دېگەندە، سۈننىيلەردىن سايلانغان يەنە بىر پارلامىنت ئەزاسى 'ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر كۆپەيتىشى زۆرۈر، چۈنكى ئىراق قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش قابىلىيىتى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قوشۇننىڭ ئىچىگە توپۇلاڭچىلار سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان' دېگەن. كۇرتلاردىن سايلانغان بىر پارلامنت ئەزاسىمۇ، ئۆزىنىڭ بۇشنىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى، بۇ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىراق ھۆكۈمىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇشنىڭ ئىستراتېگىيىسىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلماقتا
ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ھازىر كەينى -كەينىدىن بايان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇشنىڭ يېڭى ئىراق ئىستراتېگىيىسىنى قىزغىن قوللىماقتا. ئەمما، خوڭكوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلماقتا. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاي ھۆكۆمىتى پرېزىدېنت بۇشنىڭ نۇتقىغا دېققەت قىلىۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىراقتا ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرۇۋاتىدۇ ۋە ئىراقنى قايتىدىن قۇرۇش ئىشى كۆپ خىل قېيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىراقتا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىراقلىقلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، ئىراقنىڭ ئىشىنى ئىراقلىقلار ئۆزى ئىدارە قىلىشى كېرەك' دېگەن.
كوندىلىزا رايس خانىم 'ئامېرىكا ئىراقتا مۇقىملىقنى بۇزغان دۆلەتلەرگە قارىتا تەدبىر قوللىنىدۇ' دەپ قايتىدىن تەكىتلىدى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش يېقىندا قىلغان بىر سۆزىدە ئىران ۋە سۈرىيىلەرنى ئىراقنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى كوندىلىزا رايس خانىم بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندىمۇ 'ئامېرىكا ئىراقتا مۇقىملىقنى بۇزغان دۆلەتلەرگە قارىتا تەدبىر قوللىنىدۇ' دەپ قايتىدىن تەكىتلىدى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن رايس خانىم بۇ سۆزنى قىلىشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇنلا، ئامېرىكا قىسىملىرى ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىراننىڭ ئىراقنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئەربىل شەھىرىدە تۇرىدىغان ئەلچىخانىسىدىن 5 كىشىنى قولغا ئالغان.
4000 ئامېرىكا ئەسكىرى ئىراقنىڭ ئەنبار ئۆلكىسىگە بارىدۇ
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ۋە ئاساسلىق ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ئامېرىكا ھۆكۆمىتىنىڭ يېڭى ئىراق ئىستراتېگىيىسىگە بولغان قارشىلىقلارغا رەددىيە بەردى. جورجى بۇش بۈگۈن 'ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشى ئىراقتىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى توسايدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ھۆكۈمىتىگە بەرگەن ۋەدىسى ئۇلارغا مەڭگۈ ياردەم قىلىۋىرىش ئەمەس، ئامېرىكا بۇ يىل ئىراقنىڭ مۇداپىئەسىنى تامامەن ئىراق قىسىملىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ' دېدى. ئۇ چارشەنبە كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان تېلېۋىزىيە نۇتقىدا، ئىراققا كۆپەيتىپ ئەۋەتىلىدىغان ئەسكەرلەرنىڭ 4000 ى ئەلقائىدىچىلەرنىڭ ئىراقتىكى ئەڭ چوڭ پائالىيەت مەركىزى بولغان ئەنبار ئۆلكىسىگە بارىدىغانلىقىنى تەپسىلىي ئېيتقان ئىدى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئىراقنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن دۆلەتلەرگە قاتتىق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئۇچۇر ۋاستىلىرى جورجى بۇش ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى ئىراق سىياسىتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئاشكارىلىدى
- بۇشنىڭ يېڭى ئىراق ئىستراتېگىيىسى قارشىلىققا دۇچ كەلمەكتە
- ئامېرىكا ئىراقتا يەنە ئەسكەر كۆپەيتمەكچى
- دېموكراتلار ئىراققا يەنە ئەسكەر ئەۋەتىشكە قارشى چىقتى
- ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى روبرت گەيتس ئىراقنى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش ئىراق مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى ستراتىكىيە بېكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- پرېزىدېنتى جۇرج بۇش ئىراق سىياسىتى ئۈچۈن سۆھبەت باشلىدى
- ئىراق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتى ئامېرىكا خەلقى كۈتكەن نەتىجىنى بەرمىدى