ئامېرىكا-ئافغانىستان رەھبەرلىرى تالىبانلارنى يوقىتىشقا بەل باغلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى


2007.08.07

Bush-Karzay-150.jpg
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ۋە ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي سۆزلىرىدىن كېيىن قول ئېلىشماقتا. Afghan President Hamid Karzai (R) and US President George W. Bush shake hands following a joint press conference 06 August 2007 at Camp David in Maryland. AFP PHOTO/Mandel NGAN

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىت كارزاي 8 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تالىبانلارنى يوقىتىشقا بەل باغلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ۋاشىنگتون سەھراسىدىكى كەمپدەۋىت پرېزىدېنت ئارامگاھىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك. بۇ سۆھبەتتىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش باياناتىدا 'تارىخ بىزنى ئەسەبىيلەرگە زەربە بېرىپ خەلقنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىرماقتا'، دېدى. شۇنداقلا تېررورچىلار ۋە تالىبان قالدۇقلىرى بىلەن بولغان كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىت كارزاي باياناتىدا بولسا، تالىبانلار ھازىر ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە تەھدىت بولالمايدۇ، ئەمما پەقەت ھالاك بولۇش ئالدىدا جان تالىشىۋاتقان بىر قىسىم كۈچ بولۇپ قالدى، بۇ كۈچ ھازىر بىگۇنا خەلقنى ئازابقا سېلىۋاتىدۇ، دېدى.

كارزاي: تالىبانلار ھازىر پەقەت بىگۇنا خەلققە، مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىلارغا، دىنىي زاتلارغا، خەلقئارادىن ياردەم بەرگىلى كەلگەن خىزمەتچىلەرگىلا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىت كارزاي باياناتىدا، 2001 ‏- يىلىدىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قوشۇن تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا نەتىجە ھاسىل قىلغان ئىدى. ئەمما تالىبان قالدۇقلىرى ھازىر قايتىدىن قوراللىنىپ ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاۋارە بولۇۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا ئافغانىستان خەلقى ئازاپ چېكىۋاتىدۇ، دېگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە،‏ تالىبانلارنىڭ ھازىر ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سېلىشقا قۇربى يەتمەيدۇ. ئەمما ئۇلار پەقەت بىگۇنا خەلققە، مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىلارغا، دىنىي زاتلارغا، ئېنجىنېرلارغا، خەلقئارادىن ياردەم بەرگىلى كەلگەن خىزمەتچىلەرگىلا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ.

بۇش: بۇ قېتىم قوللىنىلىدىغان ھەرىكەتتە ئەلقائىدىچىلەرنىڭ رەھبەرلىرى تۇتۇلۇپ سوتقا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

Rice-Gates-200.jpg
ئامېرىكا باش مىنىستىرى رايىس خانىم ۋە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس، پرەزىدېنتى بۇش ۋە ئافغانىستان پرەزىدېنتى خامىد كارزايلارنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. US Secretary of State Condoleezza Rice, Defense Secretary Robert Gates and National Security Advisory Steve Hadley wait for the arrival of Afghan President Hamid Karzai and US President George W. Bush for their joint press conference 06 August 2007 at Camp David. AFP PHOTO/Mandel NGAN

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇخبىرلار جورج بۇشتىن، ئەگەر ئوساما بىن لادىننىڭ پاكىستاندا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئىشەنچىلىك بولسا، پەرۋىز مۇشەررەپنى خەۋەرلەندۈرمەي تۇرۇپلا پاكىستانغا ھۇجۇم قىلىنامدۇ، دەپ سۇئال سورىغاندا، پرېزىدېنت بۇش بۇ سۇئالغا قارىتا "2001 ‏- يىلى 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئەلقائىدىچىلەرگە، تالىبانلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئافغانىستانغا كىرگەن ئىدى. لېكىن ھازىرغا قەدەر ئەلقائىدىچىلەرنىڭ رەھبىرى ئوساما بىن لادىن تېخىچە تۇتۇلمىدى، ئۇ يەنىلا پاكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايلاردىكى قەبىلىلەر رايونىدا يۇشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتسا كېرەك. بىزنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ياخشى، بىز ھازىر تۇتۇپ سوتقا تاپشۇرىمىز دەۋاتقان تېررورچىلار يەنىلا ئۇزۇندىن بۇيان پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەرەپنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن سۈيىقەست پىلانلاپ كېلىۋاتقان كىشىلەر. ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ئەنسىرەۋاتقان مەسىلە ئوخشاش. ئەمما بۇ قېتىم قوللىنىلىدىغان ھەرىكەتتە ئەلقائىدىچىلەرنىڭ رەھبەرلىرى تۇتۇلۇپ سوتقا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،" دېگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بۇ مەسىلىدە يەنە، ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ھەمكارلىقىنى تەشەببۇس قىلماقتا.

كارزاي باياناتىدا ئامېرىكا ۋە ناتو قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە بىگۇنا خەلقنىڭ زەخمىلىنىشىدىن ساقلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن

ئامېرىكا دۆلەت خەۋەرلىرى رادىئوسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىت كارزاي گەرچە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ پىكرىنى قىزغىن قارشى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە ناتو قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە بىگۇنا خەلقنىڭ زەخمىلىنىشىدىن ساقلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

جورج بۇش ئامېرىكا ۋە ناتو قۇشۇنلىرى ھەربىي ھەرىكەت قوللانغاندا، چۇقۇم ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىش كۆرىدۇ، دەپ ۋەدە بەرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى زاھىر تانىنمۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قويغان تەلىپىدە، ئامېرىكا ۋە ناتو قۇشۇنلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا يەرلىك خەلقنى خەۋەردار قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

‏-‏- ئەگەر مەن پرېزىدېنت بولسام، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىغان ئەھۋال ئاسىتىدا، ئەلقائىدىچىلەرگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىمەن، ‏-‏- دەيدۇ ئامېرىكىنىڭ 2008 ‏- يىللىق پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما

ئامېرىكىدىكى دېموكراتىك پارتىيە تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن 2008 ‏- يىللىق پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ بىرى بولغان باراك ئوباما ئەپەندى يېقىندا سايلام ئەھلىگە بەرگەن ۋەدىسىدە "گەرچە 2005 ‏- يىلى ئەل قائىدىچىلەرنى پۈتۈنلەي تازىلاشقا پۇرسەت چىققان بولسىمۇ، ئەمما ھەرىكەت قوللىنىلمىغانلىقى بىر چوڭ خاتالىق بولغان ئىدى. ئەمدى مەن پرېزىدېنت بولسام، پاكىستانغا يۇشۇرۇنغان ئەلقائىدىچىلەرگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ھەققىدە بىۋاستە بۇيرۇق چۈشۈرىمەن، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھاجەت ئەمەس،" دېگەن ئىدى.

بۇ كۆز قاراش ھازىرقى پەيتتە، ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ۋە ئافغانىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەل قائىدىچىلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە پرېزىدېنت بۇش ئۈچۈن بىر بېسىم شەكىللەندۈرگەن ئىدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.