بۇش خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00
BELGIUM-NATO-SUMMIT-200.jpg
2005-يىلى 22-فېبرال كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ناتو يىغىنىدىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا.AFP

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بريۇسسېلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىغا ئەزا 26 دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، ئەگەر ياۋروپا بىرلىكى بۇنىڭغا قارىماستىن خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

يىغىندىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋەلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان پرېزىدېنت بۇش بۇ ھەقتە يەنە توختىلىپ، خىتايغا قارىتىلغان قورال چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئاسىيا رايونىدىكى تەڭپۇڭلۇققا تەسىر كۆرستىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايغا قورال سېتىپ بېرىش، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرىدۇ

"بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە مۇنداق بىر چوڭ ئەندىشە بار. ئۇ بولسىمۇ، قورال سېتىش دېگەنلىكنىڭ ئۆزى قورال تېخنىكىسى سېتىپ بېرىش دېگەنلىك. بۇ ئەلۋەتتە خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ".

ياۋروپا بىرلىكى دۆلەتلىرى تېخى ھازىرغىچە 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسى سەۋەبىدىن خىتايغا بېرىلگەن 15 يىللىق قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا كېلىشمىگەن بولسىمۇ، ئەمما فرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ چەكلىمىنىڭ بىكار قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى. مەزكۇر دۆلەتلەر بۇ چەكلىمىنى بىكار قىلىشتا، ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكا ھەربىي تېخنىكىلىرىنىڭ خىتايغا سېتىلىپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىراق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئارقا-ئارقىدىن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بۇ جازانى بىكار قىلىشتا چوقۇم ئەستايىدىل ئويلىشىشىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر ياۋروپا بىرلىكى ئۆز ئالدىغا خىتايغا يېڭى ھەربىي ئېكىسپورتىنى باشلىسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارار ماقۇللاپ، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى 25 دۆلەتكە قارىتىلغان ھەربىي تېخنىكا ئېكىسپورتىغا چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ياۋروپا بىرلىكى ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىسىنى پەسەيتىدىغان يېڭى پىلان تۈزمەكچى

بۇ ھەقتە توختالغان پرېزىدېنت بۇش يەنە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىسىنى پەسەيتىدىغان بىر يېڭى پىلان تۈزۈپ چىقىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

قورال سېتىش دېگەنلىكنىڭ ئۆزى، قورال تېخنىكىسى سېتىپ بېرىش دېگەنلىك. بۇ ئەلۋەتتە خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

"ئۇلار ماڭا ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىسىگە قۇلاق سالغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايسنىڭ يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىدىنمۇ ئوچۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلار يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەيدانىنىمۇ ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى شۇڭا بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىسىنى پەسەيتىدىغان بىر يېڭى پىلان تۈزۈپ چىقىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇشۇنداق بولامدۇ-يوق. بۇنى يەنە كۆرەرمىز".

خىتايغا قارىتىلغان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن فرانسىيە پرېزىدېنتى جەك شىراك سەيشەنبە كۈنى بۇشقا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بۇ جازانى بىكار قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ۋە بۇنىڭدا ياۋروپا بىرلىكى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاقلىققا كېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئەمما ئۇ يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋەتنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، "بىزنىڭ ئارىمىزدىكى دوستلۇق ئىككى ئەسىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت ئورتاق قىممەت قارىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان. شۇڭا بۇ ئۇنداق ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ" دېدى.

بۇش: ناتو، دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ غەلىبىلىك ئىتتىپاقداشلار

بۇش ناتو رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە يەنە، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىراق ئارمىيىسىنى چېنىقتۇرۇشقا ياردەم قىلىدىغانغا كېلىشتى. سىياسىي ئانالىزچىلار بۇنىڭ، ئىراق ئۇرۇشى سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدا شەكىللەنگەن بىر قىسىم ئىختىلاپلارنىڭ ھەل بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەن ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تونى بلېرنىڭ بىر نەپەر باياناتچىسى بۇ ھەقتە، ناتو دۆلەتلىرىنىڭ ھازىر ئىراققا ياردەم قىلىش مەيلى بارلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىراق ئارمىيىسىنى چېنىقتۇرۇشقا مەلۇم دەرىجىدە خىراجەت ئاجرىتىشقا ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ناتونىڭ باش شىتابىدا سۆز قىلغان پرېزىدېنت بۇش يەنە، ناتو يەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى. ئۇ ناتونىڭ ھازىرغىچە نۇرغۇن ھەققانىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ناتونى " دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ غەلىبىلىك ئىتتىپاقداشلار" دەپ تەسۋىرلىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش سەيشەنبە كۈنى كەچتە ياۋروپا كومىتېتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى. بۇ، بۇش ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر چوڭ نەتىجە بولۇپ، ئانالىزچىلار ئاق ساراينىڭ بۇشنىڭ ياۋروپا زىيارىتىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. (پەرىدە)