بۇش تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى

0:00 / 0:00
bush-ned.jpg
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ۋاشىنگتوندىكى رونالد رېگان بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا ‎تېررورچىلىققا قارشى ‎ئۇرۇش توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ‎ئاقساراي رەسىمى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن شەرقىي ۋاقىت سائەت 10 دىن 15 مىنۇت ‎ئۆتكەندە، ۋاشىنگتوندىكى رونالد رېگان بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا تېررورچىلىققا قارشى ‎ئۇرۇش توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ‎

پرېزىدېنت بۇش سۆزىنىڭ بېشىدا 2001 - يىلى يۈز بەرگەن 11 -سېنتەبىر ۋەقەسىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ‎ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى ئەركىنلىكنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ‎كۆرەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:‎

‎ "بىز ئىنسانلار دۇچ كەلگەن بۇ ئەجەللىك خەتەرگە تاقابىل تۇرىمىز. بىز بۇ تېررورچىلىققا قارشى ‎ئۇرۇشتا يېڭىپ چىقمىغىچە، ھېرىپ قالمايمىز ۋە توختاپ قالمايمىز".‎

ئىسلام رادىكالچىلىرى ئىسلام دىنىنىڭ شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى

ئۇ سۆزىدە يەنە، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئامېرىكا خەلقى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغان ‎بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغان ئىسلامىي رادىكال تېررورچىلارنىڭ ‎ھازىر ئىراق قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىمۇ ‎تېررورچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنۇپ، گۇناھسىز خەلققە زىيان يەتكۈزۈشنى ‎پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، ئىسلام رادىكالچىلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئىسلام ‎دىنىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:‎

‎"بۇ ئۇرۇشچىلار، ئامېرىكىنىڭ ياكى ئىراقنىڭلا دۈشمىنى ئەمەس. ئۇلار، ئىسلامنىڭ ھەمدە ‎پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ دۈشمىنى".‎

بىز ئۆكتىچىلەر ۋە سۈرگۈندىكىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇپ باستۇرمىچى ھاكىمىيەتلەرگە قارشى ‎تۇرىمىز. چۈنكى بىز بۈگۈنكى بۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ، ئەتىكى كۈندە دېموكراتىك رەھبەرلەرگە ‎ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز.

پرېزىدېنت بۇش نۇتۇقىدا، ئىسلام رادىكالچىلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيىسى ھەققىدە بىر قانچە قېتىم ‎توختىلىپ، ئۇلارنىڭ كوممۇنىزم بىلەن بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ئورتاقلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەر ‎ئىككىلىسىنىڭلا مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق تىكلەشنى مەقسەت قىلىپ، ئۆزلىرىدىن باشقا ھەر قانداق ‎بىرىنىڭ ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:‎

‎"كوممۇنىزىمنىڭ ئىدېئولوگىيىسىگە ئوخشاش، بىزنىڭ بۇ يېڭى دۈشمىنىمىز ئەركىن ‎كىشىلەرنى كەمسىتىدۇ ھەمدە ئەركىن ياشاۋاتقان ئەر ۋە ئاياللارنى ئاجىز، چۈشكۈن دەپ ‎قارايدۇ".‎

بۇش سۆزىدە، 50 مىليون كىشىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشنىڭ ئۆزىنىڭ باتۇرلۇق ‎ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە دېموكراتىيىنىڭ دۈشمىنىگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈشنىڭ ‎باتۇرلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئىسلامىي رادىكال دەل كوممۇنىزىمنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئىدىيىسىگە ‎ۋارىسلىق قىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ چوقۇم مەغلۇبىيەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.‎

تېررورچىلارغا ياردەمدە بولىۋاتقانلار يەنىلا بار

بۇش نۇتۇقىدا، ئامېرىكىنىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تېررورچىلارغا قارشى ئۇرۇش ‎سېپىگە ئۆتۈپ، بۇ تۆت يىل جەريانىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا نۇرغۇن نەتىجىلەرنى ‎قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئەل قەئىدە تەشكىلاتىنىڭ 10 غا يېقىن تېررورلۇق سۈيقەستىنى ‎بىتچىت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشىنى بىر قىسىم ‎دۆلەتلەر قوللاپ -قۇۋەتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن سۈرىيە، ئىرانغا ئوخشاش بەزى دۆلەتلەرنىڭ ‎تېررورچىلارغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:‎

‎"ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، تېررورچىلىق قىلغۇچىلار بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلغۇچىلارنى ‎ۋە قانات ئاستىغا ئالغۇچىلارنى پەرقلەندۈرمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەر ئىككىلىسىلا قاتىلغا ‎ئوخشاشلا گۇناھكاردۇر".‎

شۇنداقلا ئۇ يەنە، رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ تېررورچىلارغا ياردەم قىلىشىغا، ئامېرىكىنىڭ ‎قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ‎

ئىراقتىكى دېموكراتىيە چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ ‎

بۇش سۆزىدە يەنە ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە توختىلىپ، " بەزى كىشىلەر ئىراقتىكى ھەر قايسى ‎تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارغا قاراپ، ئىراق دېموكراتىيىسىنى داۋالغۇشتا قالدى ‎دەۋاتىدۇ ، ئەمما دەل بۇ بەس-مۇنازىرە ۋە ھەر خىل پىكىرلەرنىڭ ئۆزى دېموكراتىيىنىڭ ‎ئەمەلىيلىشىشى ھېسابلىنىدۇ" دەپ بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۇ ئىراقنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن ‎قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:‎

بىز ئىنسانلار دۇچ كەلگەن بۇ ئەجەللىك خەتەرگە تاقابىل تۇرىمىز. بىز بۇ تېررورچىلىققا قارشى ‎ئۇرۇشتا يېڭىپ چىقمىغىچە، ھېرىپ قالمايمىز ۋە توختاپ قالمايمىز.

‎"بىزنىڭ ئىشەنچىمىز كامىل، بىزنىڭ قوشۇنىمىز ۋە ھەر بىر ئىراق خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ‎ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ. ئىراقتىكى دېموكراتىيە چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ".‎

بۇش سۆزىدە، ئىراقتا غەلىبە بولمىغىچە، تىنچلىق بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ‎پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ ‎ئەركىنلىك، دېموكراتىيىنى قوغدايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ يولدا پائالىيەت ‎قىلىدىغانلار بىلەن ئاداققىچە بىر يولدا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:‎

‎"بىز ئۆكتىچىلەر ۋە سۈرگۈندىكىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇپ باستۇرمىچى ھاكىمىيەتلەرگە قارشى ‎تۇرىمىز. چۈنكى بىز بۈگۈنكى بۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ، ئەتىكى كۈندە دېموكراتىك رەھبەرلەرگە ‎ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز". ‎

‎11 -سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ يىغىن، ئامېرىكىدىكى ‎دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ‎يىغىنغا يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ‎دونالد رامسفېلد ۋە ئامېرىكا قوراللىق قىسىم باش شىتاب رەئىسى گېنېرال پېتېر پېيس قاتارلىق ‎ئەمەلدارلار قاتناشتى. (پەرىدە)‎