جورج بۇش ئولىمپىك مۇراسىمىغا بارغاندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ


2008.02.29

BUSH-PRAGUE-200.jpg
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تۈنۈگۈن يەنى پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئولىمپىك مەزگىلىدىكى خىتاي زىيارىتى ئۈستىدە توختالدى. AFP Photo

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تۈنۈگۈن يەنى پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئولىمپىك مەزگىلىدىكى خىتاي زىيارىتى ئۈستىدە توختالدى. زىيارىتىنىڭ پەقەتلا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تاماشا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن جورج بۇش، مۇراسىمغا بارغاندا، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەلەن بورك: " بۇش پۇتبول ھەۋەسكارىلا ئەمەس، ئۇ بىر پرېزىدېنت"

سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەققىدە قوشما بايانات ئېلان قىلغاندىمۇ، رايىس، ئامېرىكىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ھەر ۋاقىت مۇھىملىق ئورنىنى يوقاتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. جورج بۇش تۈنۈگۈنكى سۆزىدە، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "ساغلام، پۈتۈن، ئىناق بىر جەمئىيەت دېگىنىمىز دىنىي ئەركىنلىككە يول قويۇلغان جەمئىيەتتۇر." جورج بۇش بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۆز خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن ئەندىشە قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاقسارايدىكى ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن ئەلەن بورك بۇ يىل 7 ‏-يانۋار كۈنى ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، جورج بۇش ئولىمپىك زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلغان. ئۇ شۇ ماقالىسىدە، جورج بۇشنىڭ ئولىمپىكنى تاماشا قىلىۋاتقاندا يالغۇز كالتەكتوپ ھەۋەسكارى ياكى پۇتبول قىزىققۇچىسى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى سۈپىتىدە تاماشا قىلىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن بۇشنىڭ چوقۇم خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە قارىتا ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىشى كېرەكلىكىنى؛ بۇنداق بولمىغاندا، بۇشنىڭ ئولىمپىك زىيارىتى، ئولىمپىكنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈپ خەلقئارادا نوپۇز تىكلىمەكچى بولغان خىتاينىڭ تۈگمىنىگە سۇ قۇيۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

جورج بۇش: " مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇشۇمغا مەن تەپ تارقۇدەك توسالغۇ يوق"

ئەلەن بوركنىڭ ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، خىتايدىكى 40 نەپەر سىياسىي ئۆكتىچى ئۆتكەن يىل مەركەزگە تەكلىپنامە سۇنغان، تەكلىپنامىدە، خىتاي خەلقىنىڭ ئولىمپىكتىن بەكرەك، ئىنسان ھەقلىرىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەكلىپنامىگە ئىمزا قويغۇچىلاردىن خۇ جيا، دۆلەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.

تۈنۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا بىر مۇخبىر بۇ مەسىلىنى جورج بۇشنىڭ ئېسىگە سالغان ۋە خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالىدىغان ‏- ئالمايدىغانلىقىنى سورىغان. جورج بۇش بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: "بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا مەن تەپ تارقۇدەك بىر توساق يوق، بەلكى، بۇ تۈر مەسىلىلەرنى خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆزلىشىشكە پۇرسىتىم بار دەپ قارايمەن."

" ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ"

جورج بۇشنىڭ بۇ سۆزلىرىنى بايان قىلىۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، جورج بۇشنى ئولىمپىك زىيارىتى داۋامىدا، خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلار بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىرغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: خىتايدا دىنىي جامائەتلەر قاتتىق زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەت بۇددىستلىرى ۋە تىزىملاتمىغان كاتولىك ۋە پروتىستان مۇخلىسلىرى زۇلۇم چېكىۋاتىدۇ.

جورج بۇش ئولىمپىك زىيارىتىدە، خىتايدىن، دىنىي پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان تىبەت، ئۇيغۇر ۋە باشقا مەھبۇسلارنى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىرىشى كېرەك. مەزكۇر باياناتتا يەنە، بۇشنىڭ ئىبادەت ئۈچۈن دىنىي مۇراسىملارغا قاتناشقاندا، خىتايغا بېقىندا چېركاۋلارغا ئەمەس، تىزىملاتمىغان چېركاۋلارغا بېرىشى تەۋسىيە قىلىنغان. باياناتتا يەنە، بۇشنى، 12 يىلدىن بېرى پىنھاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، تىبەتنىڭ دالاي لاما تاللىغان بەنچەن لاماسى گودىن چوكىينىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشقا چاقىرغان.

ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرىدىن رونالد رېگان، 1988 ‏-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلغاندا، سوۋېتتىكى 100 نەپەر سىياسىي ئۆكتىچى بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ يېتەكچىسى ئاندرى ساخاروۋنى گورباچىفقا تونۇشتۇرۇپ: "بۇ سىزنىڭ ۋەتەندىشىڭىز، شۇنداقلا خەلقىڭىزنىڭ پارچىسى" دېگەن. ئەينى چاغدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان بۇ كۆرۈشۈش، سوۋېت ئىتتىپاقىدا دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا قوزغاتقۇچ رول ئوينىغان دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، بىر قىسىم خەلقئارا جەمئىيەتلەر جورج بۇشنىڭ ئولىمپىك سەپىرى ئالدىدا چەتئەلدىكى خىتايغا قارشى ئۆكتىچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىنى، ئولىمپىك مەزگىلىدە بولسا خىتايدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ تەلەپلەر ئارىسىدا، جورج بۇشنىڭ ئولىمپىك سەپىرى ئالدىدا رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلىشىمۇ بار. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.