ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش خىتاينى تەيۋەندىن ئۆلگە ئېلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00
HKG2005111617428.jpg

بۇش بۇ سۆزلەرنى كيۇتودا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا ۋە شۇ كۈنى ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەكىتلىگەن. بۇش "زامانىۋى تەيۋەن ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە گۈللىنىشكە تولغان بىر جەمئىيەت. ئەركىنلىكنى پۈتۈن قاتلاملارغا ئومۇملاشتۇردى. تەيۋەن پۇقرالىرىغا گۈللىنىش ئاتا قىلىپ، ئەركىن ۋە دېموكراتىك خىتاي جەمئىيىتى بەرپا قىلدى،" دەيدۇ.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇ نۇتۇقى ئۇنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى سەپىرى جەريانىدا خىتاي توغرىسىدا سۆزلىگەن ئەڭ مۇھىم نۇتۇقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ ئىراق ھەرىكىتىدىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، كويزۇمى، ئامېرىكا ھۆكۈمىنىڭ ئىراق ھەرىكىتىنى قوللىغان ۋە 2004 - يىلى 1 - ئايدا بىر يىللىق مۇددەت بىلەن ئىراققا ئارقا سەپ قىسىملىرىنى ئەۋەتكەن ئىدى. كويزۇمى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىراقتىكى ياپونىيە قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش ياكى تۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالمىدى. ئەمما ئۇلار، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسىدە بىر مەيداندا تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يادرو قوراللارنىڭ خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا يوق قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇش: رەھبەرلەر ئۆز جەمئىيىتىدىكى ئەركىنلىكتىن قورقماسلىقى كېرەك

مەن باشقىلارغا تەكىتلىگەندەك خىتايغىمۇ شۇنى تەكىتلىمەكچىمەن: ئەركىن جەمئىيەت سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارغا ئۇيغۇن كېلىدۇ... پۇقرالارنىڭ ئەركىن ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان ئاساسلىرىنىڭ بىرى. رەھبەرلەر ئۆز جەمئىيىتىدىكى ئەركىنلىكتىن قورقماسلىقى كېرەك.

پرېزىدېنت بۇش خىتاينى ھەپتە ئاخىرىدا زىيارەت قىلىدۇ. خىتاينى ئاشكارا ھالدا ئەركىنلىككە چاقىرغان پرېزىدېنت بۇش، "مەن باشقىلارغا تەكىتلىگەندەك خىتايغىمۇ شۇنى تەكىتلىمەكچىمەن: ئەركىن جەمئىيەت سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارغا ئۇيغۇن كېلىدۇ " دېدى. بۇش يەنە "پۇقرالارنىڭ ئەركىن ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان ئاساسلىرىنىڭ بىرى. رەھبەرلەر ئۆز جەمئىيىتىدىكى ئەركىنلىكتىن قورقماسلىقى كېرەك " دەيدۇ.

پرېزىدېنت بۇش تەيۋەن دېموكراتىيىسىنى ماختاش بىلەن بىرگە ياپونىيىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن دۆلەت، دېدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ : "ئاسىيادا ئەركىنلىك بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرى ياپونىيىدىن باشلاندى. بۈگۈن ياپونىيە پۇقرالىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن كىشىلەر".

پرېزىدېنت بۇش بىلەن باش مىنىستىر كويزۇمىنىڭ سۆھبىتى خەلقئارا رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر، خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئامېرىكا - ياپونىيە ھەمكارلىقى قاتارلىق كەڭ تېمىدىكى مەسىلىلەرگە چېتىلغان. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى مايكىل گرېننىڭ تەكىتلىشىچە، كويزۇمى ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئاۋارىچىلىقلارنى تونۇشتۇرغان. مايكىل گرېن، كويزۇمىنىڭ "مانا بۇ، ئامېرىكا - ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىقى ھەر ئىككىلا دۆلەت ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبى " دېگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي پۇقرالىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك بېرىش كېرەك

خىتاي رەھبەرلىرى ئىقتىسادى ئىسلاھات بىلەن بىرگە، ئەركىنلىككە ئېچىلىشقا باشلىغان دەرۋازىنى ئىزدەپ تېپىشى كېرەك. ئەركىنلىك دەرۋازىسىنى تاقاپ قويۇشقا بولمايدۇ. كىشىلەر باي بولغانسېرى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەلىپى كۈچىيىدۇ.

پرېزىدېنت بۇش كيۇتودا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، خىتاي پۇقرالىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك بېرىلىشى كېرەك، دەيدۇ. بۇش، "خىتاي رەھبەرلىرى ئىقتىسادى ئىسلاھات بىلەن بىرگە، ئەركىنلىككە ئېچىلىشقا باشلىغان دەرۋازىنى ئىزدەپ تېپىشى كېرەك. ئەركىنلىك دەرۋازىسىنى تاقاپ قويۇشقا بولمايدۇ. كىشىلەر باي بولغانسېرى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەلىپى كۈچىيىدۇ" دېدى.

بۇش مۇنداق دەيدۇ: " مەن بۇرۇن تەكىتلەپ ئۆتكىنىمدەك ، خىتاي خەلقى ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىككە، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كونتروللىقى بولمىغان دىنىي ئەركىنلىككە، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كونتروللىقى بولمىغان ئىنجىل ۋە باشقا مۇقەددەس كىتابلارنى بېسىپ تارقىتىش ئەركىنلىكىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ".

دىنىي ئەركىنلىك

پرېزىدېنت بۇش ئىلگىرى خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا ، چېركاۋغا بېرىپ ئىبادەت قىلىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. ئاق ساراينىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، بۇش بېيجىڭدا خرىستىيان جەمئىيىتىنىڭ ئىبادەت پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، پرېزىدېنت بۇشنىڭ بېيجىڭدا ئېلىپ بارىدىغان شەخسىي پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 1996 - يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە بىرمۇ مەسچىت سېلىنمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئاق ساراينىڭ ئاشكارىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقاندا، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇدىكەن. ئەمما پرېزىدېنت بۇشنىڭ تەيۋەننى ئاسىيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئۇنىڭدىن ئۆلگە ئېلىشقا چاقىرىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى غەزەپلەندۈردى. جەنۇبىي كورىيىنىڭ بوسان شەھىرىدە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لى جياۋشىڭ، " تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى، جۇڭگو چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايدۇ " دەپ تەكىتلىگەن.

پرېزىدېنت بۇش نۇتۇقىدا ئامېرىكىنىڭ " بىر جۇڭگو سىياسىتى" ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ سىياسەتنىڭ ئۈچ قوشما ئاخبارات ۋە تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنىغا تايىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " بىز ھەر قانداق بىر تەرەپ مەۋجۇت ھالەتنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك، دەپ قارايمىز " دەيدۇ. (ئەركىن)