
رۇسىيىدىكى دېموكراتىيە ئىسلاھاتى، موسكۋانىڭ ئىران ۋە شىمالى كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى، ئوتتۇرا - شەرق ۋەزىيىتى ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر، پەيشەنبە كۈنى سلاۋاكىيە پايتەختى براتىسلاۋدا ئۈچراشقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مۇھىم تېمىسىنى ئىگىلىگەن. ئىران مەسىلىسى پۇتىن بىلەن بۇشنىڭ سۆھبىتىدىكى ئەڭ سەزگۈر تېمىلارنىڭ بىرى بولدى.
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى توسايدۇ
ئىككى دۆلەت رەھبىرى سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئىران بىلەن شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئورتاق پىكىرگە ئىگىلىقىنى جاكارلىدى. بۇش " بىز - ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە دۇنيا مىقياسىدا يادرو قوراللار شۇنداقلا يادرو ماتىرياللىرىنى كېڭەيتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا قوشۇلدۇق. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن،" دەپ كۆرسەتتى.
پرېزىدېنت بۇشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار شىمالى كورىيە ۋە ئىران يادرو قوراللارغا ئىگە بوماسلىقى كېرەك، دىگەن تونۇشقا كەلگەن. رۇسىيە پرېزىدېنتى ئۆتكەن ھەپتە ئىراننىڭ يادرو قوراللار ياساش نىيىتى يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىراننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. رۇسىيە ئىراننىڭ بۇشېر شەھىرىدىكى يادرو رىياكتور قازىنىنى ياساش پىلانىغا ياردەم قىلىۋاتقان بولۇپ، موسكۋا بىلەن تېھراننىڭ يادرو ئەسلىھەلەر جەھەتتىكى ھەمكارلىقى ئامېرىكىنى بىئارام قىلماقتا ئىدى.
پرېزىدېنت بۇش رۇسىيىدىكى دېموكراتىيە ھەققىدە توختالدى
دېموكراتىيە ھەممىگە ئورتاق بولغان نەرسە، بۇ قانۇن بويىچە ئىش قىلىش، كۆپچىلىكنى قوغداش، ئاخبارات ئەركىنلىكى شۇنداقلا سىياسى ئۆكتىچىلىككە يول قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
جورجى بۇش سۆھبەت جەريانىدا، رۇسىيە دېموكراتىيىسىنىڭ ئىستىقبالىدىن تۇيغان ئەندىشىلىرىنى تىلغا ئالغان. كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىيىگە مۇھتاجلىقىنى تەكىتلىگەن بۇش مۇنداق دەيدۇ: " دېموكراتىيە ھەممىگە ئورتاق بولغان نەرسە، بۇ قانۇن بويىچە ئىش قىلىش، كۆپچىلىكنى قوغداش، ئاخبارات ئەركىنلىكى شۇنداقلا سىياسى ئۆكتىچىلىككە يول قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ." بۇش، مەزكۇر ئۇنىۋېرسال پرىنسىپلار بويىچە رۇسىيە توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى شېرىكلىشىش نىيىتىم بارلىقىنى شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئىجابىي ۋە دوستانە يوللار بىلەن ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋلادىمىر پۇتىن، غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئورۇنسىز، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، رۇسىيىنىڭ دېموكراتىيىنى تاللىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " ھەر قانداق شەكىلدىكى دىكتاتۇر تۈزۈمگە قايتىش مۈمكىن ئەمەس،" دەپ تەكىتلىدى.
بۇش، سلوۋاكىيىلىكلەرنىڭ دۇنياغا دېموكراتىيە تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلدى
پرېزىدېنت بۇش شۇ كۈنى براتىسلاۋ شەھىرىدىكى مەركىزى مەيداندا سلاۋاكىيە پۇقرالىرىغا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، سلاۋاكىيىنىڭ 1989 - يىلدىكى دېموكراتىيىگە كۆچۈش مۇساپىسىنى ماختاپ، سلاۋاكىيىلىكلەرنىڭ بۇ روھنى دېموكراتىك بولمىغان دۆلەتلەرگە تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: " سىلەر كىچىك بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن دۇنياغا ئازادلىقنى تارقىتىش جەھەتتە ئۇلۇغ ئىدىيىنى ياراتتىڭلار."
ئۇ، ئىراقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن سلاۋاكىيىنىڭ ئەينى يىللاردا دېموكراتىيىلىشىش مۇساپىسىنى سېلىشتۇرۇپ، سلوۋاكلار ۋە شەرقىي ياۋروپالىقلار ئىراقنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. بۇش، " ئىراقلىقلار ئۈچۈن، بۇ ئۇلارنىڭ 1989 - يىلى، ئۇلار ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كىملەرنىڭ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقىنى ئەسلەپ تۇرىدۇ،" دىدى.
رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ
برارىسلاۋ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ياۋروپادىكى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن رۇسىيە رەھبىرى براتىسلاۋدا ئۇچرۇشىشنىڭ سەل ئالدىدا ئىككى تەرەپ يېنىك تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى كونترول قىلىش مەسىلىسى بويىچە كېلىشىم تۈزگەن. تېرورچىلارنىڭ يېنىك تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن يولۇچىلار ئايرۇپىلانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى ئامېرىكىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
ئىككى دۆلەت يەنە رۇسىيىدىكى يادرو ئەسلىھەلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش مەسىلىسى بويىچە كېلىشىم ئىمزالىغان. يېقىندا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قارمىقىدىكى ئورگانلار، رۇسىيىدىكى يادرو ئەسلىھەلەردىن رادىئاكتىپ ماتىرياللارنىڭ ئوغۇرلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. (ئەركىن)