بۇش- پۇتىن ئۇچرىشىشى ۋە ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى
2007.07.02

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى بۇشنىڭ تۇرالغۇ جايىدا كۆرۈشتى. بۇش بىلەن پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى غەيرى رەسمىي ئۇچرىشىشى، بولۇپمۇ، پۇتىننىڭ بۇشنىڭ خۇسۇسىي تۇرالغۇ جايىدا كۈتىۋېلىنىشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. چۈنكى، بۇش-پۇتىن ئۇچرىشىشى كۆپلىگەن خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىكتۇر.
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 1-ئىيۇل كۈنى ئۆزىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا قاراتقان غەيرى رەسمى زىيارىتىنى باشلىدى. پۇتىن يەكشەنبە كۈنى كەچتە مەيىن شتاتىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان كېننېبۇنكپورت دەپ ئاتالغان جايدىكى پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ خۇسۇسىي تۇرالغۇ جايىغا يېتىپ كېلىپ، پرېزىدېنت بۇش ۋە ئۇنىڭ دادىسى چوڭ بۇش ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
پرېزىدېنت پۇتىننىڭ بۇ قېتىم پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئائىلىسىدە مېھمان بولۇشى ۋە ئۇچرىشىشىنىڭ ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يېقىندىن بۇيان شەكىللەنگەن ھەمدە ئىختىلاپلىق تۈس ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىشى مۇمكىن ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.
"بۇشنىڭ خۇسۇسىي ئۆيىدە كۆرۈشۈش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ"
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىن تۇنجى قېتىم جورج بۇشنىڭ كېننېبۇنكپورتتىكى ئۆيىدە مېھمان بولغان چەت ئەل پرېزىدېنتى بولۇش بىلەن بىرگە بۇش ئائىلىسىنىڭ ئۇنىڭغا بۇنداق ئىللىق ۋە يېقىنچىلىق كۆرسىتىشى ھەممىلا پرېزىدېنتلارغا نېسىپ بولمايدىغان ئىش. بۇ، كرېمىل-ئاقساراي مۇناسىۋەتلىرىدە، ئىككى تەرەپ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن چۈشەنچىلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەھمىيەتلىك رول ئوينىشى مۇمكىن .
ئامېرىكا مۇلاھىزىچىسى پاۋل ۋولپسوننىڭ يېزىشىچە، بۇش ئائىلىسىنىڭ كېننېبۇنكپورتتىكى تۇرالغۇ جايىغا 100 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ھازىر چوڭ بۇش مەزكۇر تۇرالغۇ جايغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. ئىلگىرى چوڭ بۇش مەزكۇر جايدا بىر قانچە دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالغان بولسا، ۋلادىمىر پۇتىن پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە چاقىرغان تۇنجى چەتئەل پرېزىدېنتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئاق ساراي باياناتچىسى توني سنوۋ ئىككى رەھبەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشى ھەققىدە توختىلىپ،" بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ شۇنىڭدەك بۇنداق كەڭكۇشادە سورۇندا ئىككى تەرەپنىڭ كەڭكۇشادە ۋە سەمىمىيلىك بىلەن زور مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن. بىراق، سنوۋ مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ رەسمىي مەزمۇنلىرىنى ئېيتماي، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق بۆسۈش خاراكتېرلىق نەتىجىلەرنى كۈتمەسلىكنى ، بۇنىڭ پەقەت ئىككى رەھبەرنىڭ ئۆزارا سەمىمىيلىك بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە كوسوۋا مەسىلىسى مۇھىم تېما
لېكىن، خەلقئارا مەسىلىلەر مۇلاھىزىچىلىرى ئىككى پرېزىدېنتنىڭ سۆھبەتلىرىنىڭ ئېنىق مەزمۇنلىرىنىڭ تېخى ئاشكارا ئەمەسلىكىگە قارىماي، ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبەتلىرىدە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى شۇنىڭدەك ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار خەلقئارالىق ھەم رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇھىم تېما بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
چۈنكى، ئامېرىكىنىڭ پولشا بىلەن چېختا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانى رۇسىيىنى بىئارام قىلغان بولۇپ، گەرچە ۋاشىنگتون كۆپ قېتىم بۇنىڭ رۇسىيىگە تەھدىت پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق موسكۋا ئىزچىل ھالدا مەزكۇر سىستېمىنى ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قاراپ، ئامېرىكىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ۋلادىمىر پۇتىن بىر قانچە قېتىم مەزكۇر سىستېما مەسىلىسى بويىچە ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ، سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى ئىدىيىسىنى تەكىتلىگەن ھەتتا ئەگەردە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر پىلاننى ئىشقا ئاشۇرسا، رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ياۋروپانى نىشانلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۆتكەن ئايدا پرېزىدېنت بۇش پراگادا زىيارەتتە بولغاندا ھەمدە گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدا پرېزىدېنت پۇتىننى ئامېرىكىنىڭ چېخىيە ۋە پولشادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانىدىن ئەندىشە قىلماسلىققا دەۋەت قىلىپ، ئۇنىڭ رۇسىيىگە تەھدىت سالمايدىغانلىقىنى، بۇ ساھە بويىچە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، پرېزىدېنت پۇتىن مەزكۇر سىستېمىنى ئەزەربەيجانغا ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا-رۇسىيە مۇلاھىزىچىلىرى بۇش بىلەن پۇتىننىڭ خۇسۇسىي ئۇچرىشىشىدا كوسوۋا مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تېما بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. چۈنكى، ئامېرىكا رۇسىيىدىن ب د ت نىڭ كوسوۋا مۇستەقىللىقى لايىھىسىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە ئىزچىل ھالدا كوسوۋانى سېربىيىنىڭ بىر ئاپتونوم ئۆلكىسى دەپ قاراپ ، ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىغە قارشى تۇرۇپ كەلگەن.
بۇلاردىن باشقا يەنە بىر مۇھىم تېمىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسى، يەنى ئامېرىكىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا نىسبەتەن قاتتىق جازالاش قارارى قوبۇل قىلىشىدا رۇسىيىنىڭ قوللىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا . چۈنكى، ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا نىسبەتەن بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇنىڭغا قارشى تۇرغان ئىدى.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا-رۇسىيە پرېزىدېنتلىرى بۇش جەمەتىنىڭ تۇرالغۇسىدا قىزغىن كەيپىياتلارنى سۈرگەن بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە ئاتلانتىك ئوكياندا پاراخوت بىلەن قىسقا ۋاقىتلىق ساياھەت قىلغان. ئۇلار ئۇچرىشىۋاتقاندا قورونىڭ سىرتىدا بىر قانچە يۈز ئادەم نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، بىر قىسىم نامايىشچىلار ئامېرىكىنىڭ ئىراق سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن بولسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر رۇسىيىنىڭ چېچېنىيىدىكى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە
- شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىل مەكتىپىنى تەبرىكلىدى
- جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قاراشلىرى
- د ئۇ ق ۋەكىللىرى 6-نۆۋەتلىك ياۋرۇپا تۈركلىرى مەتبۇئاتى يىغىنىغا قاتناشتى
- ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابابەكرى قاسىم ئامېرىكا- ئالبانىيە مۇناسىۋىتى ۋە كوسوۋا مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى
- بۇشنىڭ رابىيە خانىم بىلەن كۆرۈشكەنلىك تەنتەنىسى بىشكەكتە
- پرېزىدېنتى جورج بۇش پراگا شەھىرىدە دۇنيا دېموكراتىيىسى ھەققىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى
- جورج بۇش پۇتىننى مۇداپىئە سىستېمىسىدىن قورقماسلىققا دەۋەت قىلدى
- خەلقئارالىق رادىكال پارتىيىنىڭ مەسئۇلى ماركو پېردۇسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ فرانكفورت شۆبىسى قۇرۇلدى
- ياۋروپا بىرلىكى ئۇيغۇرلاردىن نىمىلەرنى كۈتىدۇ؟
- ياۋرۇپا پارلامېنتىغا تۆكۈلگەن كۆز يېشى