بۇش -پۇتىن سۆھبەتلىرى


2007.07.03

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش دۈشەنبە كۈنى كېننېبۇنكپورتتىكى سابىق پرېزىدېنت چوڭ بۇشنىڭ تۇرالغۇ جايىدا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇلار باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى مەسىلىسىدە ئېنىق پىكىر بىرلىكىنى ئىپادە قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن پۇتىن يېڭى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇنىڭدەك ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقتىن ئىبارەت پۈتۈنلەي يېڭىچە بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇداپىئە پىلانىدا ئېنىق پىكىر بىرلىكى ئىپادە قىلىنمىدى

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان بويىغا جايلاشقان مەيىن شتاتىدىكى سابىق پرېزىدېنت ، چوڭ بۇشنىڭ تۇرالغۇسىغا يېتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى يەنى دۈشەنبە كۈنى پرېزىدېنت بۇش بىلەن سۆھبەتلىشىپ، تۇرالغۇ جاينىڭ سىرتىدىكى دېڭىز بويىدا مۇخبىرلارغا پىكىر بايان قىلدى.

خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىلىرى ئاخىرى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارا بولدى.

ئۇزۇندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ چېخىيە ۋە پولشادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانى مەسىلىسى پرېزىدېنت پۇتىن بىلەن پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئاشكارا سۆھبىتىدىكى ئاساسلىق تېما بولدى. ۋلادىمىر پۇتىن يېڭى تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇپ، موسكۋادا مۇداپىئە سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇش ھەمدە رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش بويىچە ئورتاق سىستېما قۇرۇش پىكرىنى ئىلگىرى سۈردى.

پۇتىن چېخ بىلەن پولشادا مەزكۇر سىستېمىنى ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى، رۇسىيىنىڭ پىلانىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىمۇ بۇنىڭغا قاتناشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئەمما، پرېزىدېنت بۇش بۇ مەسىلىگە جاۋابەن، پولشا ۋە چېخىيىنىڭمۇ ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى پىلانىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبى قىسىمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە پۇتىننىڭ سۆزلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋەتمەي، بۇ مەسىلىدە يارىشىش مۇمكىنلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە پۇتىننىڭ قاراشلىرىنىڭ سەمىمىي ۋە يېڭىلىق خاراكتېرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىدە ئورتاقلىق شەكىللەنگەن

بىراق، مۇلاھىزىچىلەر تالاش-تارتىش خاراكتېرلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تېز ئارىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان بولۇپ، چۈنكى، سۆھبەت جەريانىدا پرېزىدېنت بۇشنىڭ رۇسىيىگە يول قويۇشى ۋە ياكى يېڭى تەكلىپلىرى ئىپادە قىلمىغان. پۇتىننىڭمۇ ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق بولغان مەنتىقىلەرگە يول قويمايدىغانلىقى بىلىنگەن.

ئەمما، مۇداپىئە سىستېمىسى مەسىلىسىدە بۇلار ئارىسىدا بىراقلا ئورتاقلىق كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىلىرىدە بىردەكلىك تەرەپلەر ئىپادە قىلىنغان. ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى ئىلگىرىلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

پۇتىن رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرىشىنى خالايدۇ

ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە ئىستىقبالى ھەققىدە توختىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇرۇنقى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكىگە ئوخشاش رەقىب ئەمەس بەلكى، دوست ئىكەنلىكى، رۇسىيە -ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقتىن ئىبارەت بولغان "پۈتۈنلەي يېڭى باسقۇچقا" كۆتۈرۈش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى ھوقۇق قوغداش ئورۇنلىرى پرېزىدېنت بۇشتىن ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا رۇسىيىنىڭ دېموكراتىيىدىن چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيىنىڭ دېموكراتىيە مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ،" بىز ئۆزارا بىر-بىرىمىزنى ئاڭلاشقا تەييارمىز، بىردىن بىر نۇقتا شۇكى، ئەگەر بۇ ، بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرۇلسا، ئۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ" دېگەن.

رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى

رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە ناھايىتى سوغۇق بىر ھالەتكە كېلىپ قالغان بولۇپ، ھەتتا پرېزىدېنت پۇتىن ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

بۇنداق ئەيىبلەشلەردىكى ئاساسىي سەۋەب ئامېرىكىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىدە بولغان شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى پىلانى بولۇپ، رۇسىيە بۇنى ئۆزى ئۈچۈن تەھتىد دەپ قارىغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىپ، بىر قىسىم شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۆزىگە قوشۇشى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيىدە تەسىر كۈچىنى پەيدا قىلىشى، گرۇزىيە، ئۇكرائىنىيىدىكى دېموكراتىك ئۆزگىرىشلەرنى قوللاش بىلەن رۇسىيىنى دېموكراتىك چېكىنىش بىلەن ئەيىبلىشى رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكىدىن نارازى بولۇش خاھىشىنى كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.

پرېزىدېنت پۇتىننىڭ بۇ قېتىم چوڭ بۇشنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، غەيرى رەسمى رەۋىشتە سۆھبەتلىشىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق سوغۇقلاشقان پەيتىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئۇچرىشىشنىڭ موسكۋا-ۋاشىنگتون مۇناسىۋەتلىرىگە ئىللىق كەيپىيات بېغىشلىشىغا ئىشەنچ بىلەن قارىماقتا.

بۇش بىلەن پۇتىن بۇ قېتىم كەڭ كۇشادە سۆزلەشكەن بولۇپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا ناھايىتى ئەركىن ، ئۆزارا ھۆرمەت قىلىشقان ۋە ياخشى كەيپىياتتا جاۋاب بەرگەن. ئۇلار كۆڭلەكلىك بولۇپ، كاستىيوم -بۇرۇلكا كىيمىگەن، گالىستۇك تاقىمىغان. بۇ، ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىشنىڭ غەيرى رەسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى پرېزىدېنت بېلىق تۇتقىلى كەتكەن.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.