بۇش تېررور گۇماندارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھىسىگە قول قويدى


2006.10.18
bush-guantanamao-200.jpg
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش 10‏-ئاينىڭ 17 - كۈنى ئاق سارايدا تېررور گۇماندارلىرىنى سوراق قىلىش ئۇسۇل ۋە مىتوتلىرىنى بېكىتكەن تالاش تارتىشتىكى بىر قانۇن لايىھىسىگە قول قويماقتا. ئاقساراي رەسىمى.

ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ يولغا قويۇلغان قانۇن لايىھىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېررور گۇماندارلىرىنى مۇددەتسىز تۇتۇپ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىدىكەن.

پرېزىدېنت بۇش، ئاقسارايدا مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى ئىمزالاش مۇراسىمىدا بەرگەن باياناتىدا، بۇ قانۇن ئامېرىكىغا قارشى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىستراتېگىيسىنى تەستىقلاپ، خالد شەيخ مۇھەممەت قاتارلىق 11‏- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ باش پىلانلىغۇچىلىرىنى ھەربىي سوتتا سوتلاش يولىنى ئاچىدۇ، دېدى. بۇ قانۇننىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پرېزىدېنت بۇش، بۇنداق بىر قانۇنغا قول قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى بەختىيار ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكرات پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى پرېزىدېنت بۇش تەرىپىدىن ئىمزالانغان قانۇن لايىھىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكرات پارتىيە ۋەكىللىرىدىن ئىد مۇرفى، پرېزىدېنت بۇش تەرىپىدىن ئىمزالانغان قانۇننىڭ ئامېرىكا خەلقىنى بىخەتەر قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ قانۇن جەنۋە كېلىشىمىگە خىلاپ ھەمدە ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ چەتئەللەردە سوتقا تارتىلىش خەتىرىنى كۆپەيتىپ، ئۇرۇش جىنايىتى ئىشلىگەن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن، دېدى.

ئامېرىكا پۇقرالار ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىك ئىتتىپاقىنىڭ مۇدىرى، ئانتونى رومىرو، مەزكۇر قانۇننى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئەمدى پرېزىدېنت، دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقى بىلەن، كىشىلەرنى سوتلىماي مۇدەدتسىز تۇتۇپ تۇرالايدۇ. ئۇلارنى پاكىتسىز دەلىللەر بىلەن سوتقا تارتالايدۇ ھەمدە بۇ سوتلاردا ئۇرۇپ ئىقرار قىلدۇرۇلغان شاھىتلار بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن، دېدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر قانۇنشۇناس نۇرى تۈركەل، پرېزىدېنت بۇش تەرىپىدىن سەيشەنبە كۈنى ئىمزالانغان قانۇننىڭ ئەڭ ناچار تەرىپى گۈئەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان خالد شەيخ مۇھەممەت قاتارلىق 11‏- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى پىلانلىغانلارغا قانۇن ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى يارىتىپ، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش گۇناھسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىش ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇنۇش ھوقۇقىنىڭ قوللىرىدىن ئېلىنغانلىقى، دەيدۇ.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز قاناتنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.