پرېزىدېنت بۇش ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى


2007.01.24

bush-nutuq-200.jpg
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش سەيشەنبە كۈنى كەچتە دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەرمەكتە. AFP

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش سەيشەنبە كۈنى كەچتە دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، ئامېرىكىلىقلارنى ئىچكى ۋە تاشقىي مەسىلىلەردە سىياسى ئىتتىپاقلىققا چاقىردى. بۇ جورجى بۇشنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندىن بېرى 7 - قېتىم دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىشىدۇر. لېكىن بۇ قېتىمقى دوكلات دېموكراتلار پارتىيىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن شۇنداقلا ئىراقتىكى كۆڭۈلسىز ۋەزىيەت تۈپەيلى خەلق رايىنى سىناش نەتىجىلىرىدە ئامېرىكا خەلقىنىڭ پرېزىدېنت بۇشنى قوللاش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئېلان قىلىندى.

بۇش: بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولمىدى

پرېزىدېنت بۇش نۇتۇقىدا ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى غايىسىنى ئىجرا قىلىشتا ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى. بۇش، دېموكراتلار پارتىيىسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەت مەجلىسىدە سىياسى كۈچلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقىدىكى ئۆزگىرىش ھەققىدە توختىلىپ، گەرچە دۆلەت مەجلىسىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىمەيدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، "دۆلەت مەجلىسىدە ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولمىدى. بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇتقان يولىمىز بار شۇنداقلا بىز بۇ يولىمىزدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. لېكىن بىزنىڭ بۇ ياخشى نىيەتلىك پىلانىمىزغا خىزمەت قىلىدىغان ئورتاق ئۆلچىمىمىز بار. بۇ بولسىمۇ دۆلەتنى تېخىمۇ باياشاتلىققا ئېرىشتۈرۈش، خەلقنىڭ پۇلىنى ئاقىلانە يوللارغا ئىشلىتىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە مەسىلىنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا قويۇپ قويماسلىقتۇر. رەزىل كۈچلەرگە قارشى ئامېرىكىنى قوغداپ، بىزنى قوغداش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن كىشىلەرگە ئىشىنىشىمىز كېرەكلىكىدۇر " دەيدۇ.

شىمالىي كورىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى

بۇش ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى نۇتۇقىدا يەنە شىمالىي كورىيە مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تىلغا ئالدى. ئۇ، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى بولۇپمۇ شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللاردىن خالى قىلىشتا دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسىدە بولسا بېرما ۋە سۇدان شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى. بۇش، "بىز خىتاي، ياپونىيە، رۇسىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرگە كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللاردىن خالى رايونغا ئايلاندۇرۇش يولىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز شۇنداقلا بىز كۇبا، بېلۇرۇسىيە، بېرمىغا ئوخشاش دۆلەتلەرنى ئەركىنلىككە ھەيدەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە، دۇنيانى دارفۇر خەلقىنى قوغداشقا ئويغىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز،" دەپ كۆرسەتتى.

پرېزىدېنت بۇش بۇ يىلقى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدىكى نۇتۇقىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى بىۋاستە تىلغا ئالمىدى. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتىدە شۇنداقلا ئىران ۋە سۇداننىڭ دارفۇر رايونى مەسىلىسىدە خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېھتىياج بولۇۋاتقان بىر چاغدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاچىغىنى كەلتۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولۇشى مۇمكىن.

ئىراق سىياسىتى

پرېزىدېنت بۇش نۇتۇقىدا يەنە دۆلەت مەجلىسىدىن بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئىراق ئىستراتېگىيسىنى قوللاشنى ۋە ئىراق مەسىلىسدە ھۆكۈمەتكە پۇرسەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى. پرېزىدېنت بۇش يېقىندا ئىراققا 21 مىڭ كىشىلىك ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلارنىڭ شۇنداقلا بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. بۇش سەيشەنبە كۈنكى نۇتۇقىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئىراققا ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىش پىلانىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، "بىز ئىراقتا يېڭى ئىستراتېگىيە يولغا قويۇۋاتىمىز. بۇ پىلاندا ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنغان شۇنداقلا ئۇلار بۇ پىلاننى ئىجرا قىلىشتا بىزنىڭ قىسىملىرىمىزغا ئېھتىياج تۇيماقتا. بىزنىڭ نىشانىمىز قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان، ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇلارنى قوغدايدىغان، تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشتىكى ئىتتىپاقچى ۋە دېموكراتىك ئىراقتۇر " دەيدۇ. بۇش، ئەگەر ئامېرىكا قىسىملىرى ئۆز ۋەزىپىسىنى تاماملاشتىن بۇرۇن باغداتتىن چېكىنسە، ئىراق ھۆكۈمىتىنى چېكىدىن ئاشقان ئەسەبىي كۈچلەر تىزگىنلىۋالىدىغانلىقىنى شۇنداقلا زوراۋانلىقنىڭ ئىراق ۋە ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئىراق مەسىلىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلار بىلەن بۇش ھۆكۈمىتى ئارىسىدا مەۋجۈت نىگىزلىك ئىختىلاپلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇشنىڭ نۇتىقىغا ئىنكاسلار

پرېزىدېنت بۇشنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇردى. دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ۋىرجىنىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېم ۋەب، بۇشنىڭ ئىراق سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچى سىياسەتچىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، "بىزنىڭ يېڭى يۆلىنىشكە ئېھتىياجىمىز بار. بۇ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشتە ئارقىغا چېكىنگەنلىك ئەمەس شۇنداقلا بۇ ئالمان - تالمان قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋە ئىراقتا توپىلاڭنىڭ كېڭىيىش ئېھتىمالىغا كۆز يۇمغانلىقمۇ ئەمەس. بۇ دېگەنلىك جىددىي بۇرۇلۇش ياساش، رايون خاراكتېرلىك دىپلوماتىيىگە يۈزلىنىش، ئەسكەرلىرىمىزنى چېكىندۈرۈش، دېگەنلىكتۇر " دەيدۇ. لېكىن جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى روي بلۇنت، بۇشنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، كىشىئىلەرنى پرېزىدېنت بۇش ۋە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتىكى غەلىبىسىنى قوللاشقا چاقىردى. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئىراق مەسىلىسىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۈت بولۇپ، كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون ۋارنېر، ئىراقتا قوشۇن كۆپەيتىشكە قارشى تۇرۇۋاتقان جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرىدۇر. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.