ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيا چوڭ رىقابەتكە دۇچ كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە، بىز ب د ت نىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بۇ جايغا توپلاندۇق. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ مېكسىكا قولتىقىدىكى ئالاباما، مىسسىسسىپى، لۇيىزىيانا شىتاتلىرىدا ياشايدىغان پۇقرالىرى تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەھشەتلىك تەبىئى ئاپەتكە ئۇچراپ، تەرك بولغان ئۆي- ماكانىنى قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقان ۋاقىتقا توغرى كەلدى. بىز تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تەڭداشسىز قۇدرىتىنى كۆردۇق. بۇ چاغدا يەنە ئادەملەردىكى مېھرى - مۇھەببەتنىڭ ئۇنىڭدىن قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. ئامېرىكا خەلقى بىر - بىرىگە ياردەم قولىنى سۇنغاندا، پۈتۈن دۇنيادىن 115 دۆلەت ۋە 10 نەچچە خەلقئارالىق تەشكىلاتمۇ دەرھال ياردەم قولىنى سۇندى. بۇ ب د ت روھى. بۇنىڭدىن .60 يىل بۇرۇن ب د ت نىڭ خىتاپنامىسغا ئىمزا قويغاندىلا، مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار نىشان نەزەردە تۇتۇلۇپ "ئەۋلادلارنى كەلگۈسى ئۇرۇش ئاپىتىدىن ساقلاش" ، "كىشىلىك ھوقۇق كۆز قارشىنى تىكلەش" ، ئەركىن جەمئىيەتتە ئالغا بېسىش" تەكىتلەنگەن ئىدى.
ھازىرقى دۇنيا بىر - بىرىگە چىڭ باغلىنىپ بولدى. ھېچقانداق بىر بۇلۇڭ - پۇچقاق ياكى قايسى بىر خەلق بۇنداق باغلىنىشنىڭ سىرتىدا رىيازەت چېكىپ تۇرىۋەرمەيدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر دۆلەت ياكى رايوندا خەلق ئۈمىدسىزلەنگەن، غەزەپ نەپرىتى تولۇپ - تاشقان ياكى زوراۋانلىققا، تاجاۋۇزغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە قۇربى يەتمىگەن بولسا، بۇ جايدىكى خەلق ئۇچرىغان تەھدىت چوقۇم دۆلەت چېگرىسىدىن، ھەتتا ئوكيانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ باشقا دۆلەتتىكى تىنچلىقپەرۋەر خەلقلەرگە تەھدىت بولۇپ شەكىللىنىدۇ.
نەپرەت ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن پەيدا بولغان تېررورىزم تۇنىسىيە، كېننىيە، ماراكەش، ئىسرائىلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئامېرىكا، تۈركىيە، ئىسپانىيە، رۇسىيە، مىسىر، ئىراق، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. ئۆز دۆلىتىدە بۇنداق ھۇجۇمغا ئۇچرىمىغان كىشىلەر باشقا دۆلەتكە بارغاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئاۋسترالىيىلىكلەر بالىدا، ئىتالىيىلىكلەر مىسىردا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىر كۈنى ھەممىمىز تۇرغان مۇشۇ شەھەردە، 10 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن بىر نەچچە مىڭ ئادەم ھاياتىدىن سەۋەبسىز ئايرىلدى. ساۋاقلار بىزگە تەلىم بېرىدۇ: قايسى بىركىم ئۆزىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن باشقىلار چېكىۋاتقان رىيازەتكە سۈكۈت قىلسا، زوراۋانلىق ئەۋج ئالىدۇ، ئۆزىگىمۇ خەتەر يېتىدۇ.
بىز پۈتۈن دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن چوقۇم تەھدىتكە، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىن كەلگەن تەھدىتكە زەربە بېرىشىمىز لازىم. تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ ھەممە ئالاقە تورلىرىنى بۇزۇپ ، ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنى ئۈزۈپ، ئۇلارغا پۈتۈن دۇنيانىڭ بىردەك قارشى تۇرىۋاتقانلىقىنى سەزدۈرۈش كېرەك. تېرروچىلارنىڭ، مەيلى قانداق سەۋەپ بىلەن بولمىسۇن، ئادەتتىكى پۇقرالارغا ياكى قوراللىق ئادەم ئەمەسلەرگە قىرغىنچىلىق قىلىشنى قانۇنلاشتۇرۇۋېلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك.
ھازىرقى دۇنيادا تېررورچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلىدىغان قوراللارغا ئىرىشىۋېلىپ، بۇنداق قوراللار بىلەن خەلققە نەپرەت بىلدۈرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇلار نەدىن قورال يۆتكىسە، مەيلى قۇرۇقلۇقتىن، دېڭىزدىن ياكى ھاۋادىن بولسۇن، ھامان ھەققانىيەتنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. بۈگۈن ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كومىتېتىدا تېررورچىلىققا كۈشكۈرتكۈچىلەرنى جازالاش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىنىدۇ. بىز بۇنداق دۆلەت ياكى كىشىلەرگە ئېيتىپ قويايلىكى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىشىڭلارغا ھەرگىز قول قويۇلمايدۇ! مەدەنىيەتلىك دۇنيا چۇقۇم تېررورچىلىققا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. قورال كۈچى بىلەنلا ئەمەس، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىمۇ ئۇلارنى يېڭىدۇ. ئەركىنلىك دېگەننىڭ نېمىلىكىنى تېخى بىلمىگەن خەلقلەرگە ئەركىنلىكنى چوقۇم تەشۋىق قىلىدۇ. ھەممە كىشىنىڭ ئىپتىخارىنى، جەنىيەتنىڭ ئاۋاتلىقىنى قوغدايدۇ.
ئامېرىكا نامراتلىق ئازاپىدا ئىڭراۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىدۇ. 2015 - يىلدىن بۇرۇن دۇنيادىكى نامراتلار سانىنى يېرىم ھەسسە ئازايتىش، دۇنيادىكى ھەممە ئۆسمۈر مۇئارىپ تەربىيىسىگە ئىگە بولۇش ۋە ئەيدىزدىن ساقلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئەيدىز، بەزگەك قاتارلىق كېسەللىكلەر نامراتلىققا سەۋەپ بولىدۇ، تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدۇ. بىزنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغان ئەخلاقىمىز بارلا ئەمەس، بۇنداق ئەخلاقىي ھەركىتىمىزنى قوغدايدىغان مەسئۇلىيىتىمىزمۇ بار. بىزنىڭ نىشانىمىز نامرات ئەللەرنى تەرەققى قىلغان ئەللەرگە ئوخشاش باياشاتلىققا ئىرىشتۈرۈش، دۇنيا بىلەن تەڭ ماڭغۇزۇش.
ھازىرقى دۇنيادا تەرەققىيات ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پۇرسەت بار. چۈنكى ھازىر ئەركىنلىك ئۇقۇمى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئورنىدى. ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە ئافغانىستان، ئىراق، لىۋان، پەلەستىن، قىرغىزىستان، گىروزىيەلەردە ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئۆزگىرىش ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا جايلارغا تەسىر كۆرسەتتى. دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ دېموكراتىك دۆلەت بولغان ھىندىستان دېموكراتىيە ئۈچۈن 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ فوند قۇردى.
دېموكراتىيە دېگەن ئادىل سايلام ئۆتكۈزۈشلا ئەمەس، ئۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەركىنلىك تۈزۈم ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. دېموكراتىيە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت شارائىتىدا ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە بولىدۇ. ئەمما ئەركىن جەمئىيەتنىڭ خاراكتېرى ئوخشاش. دېموكراتىك دۆلەت دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىدۇ. بۇنداق تۈزۈمدە ئاياللار، ئاز سانلىق مىللەتلەر پۇقرالىق ھوقۇقىدىن تۇلۇق بەھرىمان بولالايدۇ. ئىراقتا 8 مىليون 500 مىڭ خەلق سايلامدا تېررورچىلارنىڭ تەھدىتىدىن قورقماي بېلەت تاشلىغىلى كەلدى. ئاخىر ئىراقنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللاپ چىقتى.
ب د ت ھازىر ئىسلاھات ئۈچۈن بىرىنچى قەدەمنى ماڭدى. بۇ تەشكىلاتتا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئەزا بولۇپ تۇرۇشى، بۇ تەشكىلات ئۈچۈن نۇمۇس ئەمەسمۇ؟ مىنىڭ قارىشىمچە، ب د ت ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى قوغدىشى كېرەك.
ھەر- بىر تارىخىي دەۋردە ئىنسانىيەتنىڭ روھى بەزىدە تەبىئىي ئاپەتكە، بەزىدە ئادەم پەيدا قىلغان ئاپەتكە دۇچ كېلىدۇ. بىزنىڭ مەسئۇلىيىئىتمىز ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىنى، مال مۈلكىنى شۇنداق ئاپەتلەردىن قوغداش. شۇنداقلا، ب د ت نىڭ دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن، ياراتقان ئىگىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە ھەر- بىر كىشىنىڭ ئامانلىقى، ئەركىنلىكى، ئىپتىخارىغا كاپالەتلىك قىلىش.