بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ سەزگۈر مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى


2007.09.06

Xu-Bush-200.jpg
پرەزىدېنت بۇش ۋە خۇ جىنتاۋ سۆھبەتتە كەيپىياتلىرى ياخشى كۆرۇنمەيدۇ. 6 - سېنتەبىر، سىدنېي. AFP PHOTO

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن، ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدىكى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ دەم ئېلىش ئارىسىدا ئايرىم كۆرۈشۈپ، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلىش تەس بولغان سەزگۈر مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ باردى. بۇ سەزگۈر مەسىلىلەردە پرېزىدېنت بۇش نېمىلەرنى دىدى ؟ خۇ جىنتاۋنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

خۇ جىنتاۋ بۇشنى ئولىمپىك يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى

دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان خىتاي ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ سېدنىيدىكى كۆرۇشۇشىدە پرېزىدېنت بۇش، خۇ جىنتاۋنىڭ كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا ھەربىي ئىسسىق لىنىيە تېلېفونى تەسىس قىلىشنى قارارلاشتۇردى ۋە خۇ جىنتاۋ، خىتاينىڭ بىخەتەر بولمىغان ئېكسپورت تاۋارلىرىنى شاللاش مەسىلىسىگە جىددىي قارايدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

90 مىنۇت داۋاملاشقان سېدنىي مېھمانخانىسىدىكى كۆرۇشۇشىدە پرېزىدېنت بۇش، ناھايىتى "مۇرەككەپ"مۇناسىۋەت، دەپ تەرىپلىگەن خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى سەزگۈر تېمىلار، يەنى سودا، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى، تەيۋەن، ئىران، سۇدان ۋە دىنىي ئەركىنلىك قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.

ھەر ئىككى دۆلەت رەھبىرى سۆھبەتنىڭ كىشىنى "ئىلھاملاندۇرىدىغان" كەيپىياتتا ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇش، خۇ جىنتاۋنى " ئۇ سەمىمى سۆزلەشكىلى بولىدىغان ئادەم " دەپ تەرىپلىدى ۋە "مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمدە ناھايىتى ئازادىلىك ھىس قىلدىم" دەپ كۆرسەتتى. بۇش، خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆزىنى ئائىلىسى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر: ئولىمپىك يىغىنى كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەشتىكى پۇرسەت بولۇشى مۈمكىن

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئىلىدا سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز دەپسەندە قىلىش سەۋەبلىك، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر. رادىئومىزغا "ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش پرېزىدېنت بۇشنىڭ ھوقۇقى " دەپ تەكىتلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، بۇش ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشسا ، بۇ ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىكى ياخشى پۇرسەت بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

لېكىن"بۈگۈنكى ئامېرىكا" گېزىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى جىم جېفرىي پرېزىدېنت بۇشنىڭ"ئولىمپىك يىغىنىغا بارسا سىياسىي بايانات بېرىش ئۈچۈن بارمايدىغانلىقىنى، بەلكى تەنتەربىيە ئۈچۈن بارىدىغانلىقىنى" بىلدۈرگەن.

بۇش، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ يەنە، ئامېرىكا -خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئىسسىق لىنىيە تېلېفون ئالاقىسى ئورنىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئارىدىكى خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ تېزلىكى سەۋەبچى بولۇۋاتقان جىددىيلىكنى يۇمشاتماقچى بولدى.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ يەنە بىر مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى دەن پرايېس، "ئىسسىق لىنىيە ئالاقىسىنىڭ ئۆز ‏- ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش خىزمىتىدە تارىخىي ئۇزۇن "دەپ كۆرسەتتى. دەن پرايېس بۇ يەردە ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا قۇرۇلغان ئەينى چاغدىكى ئىسسىق لىنىيە ئالاقىسىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ دەم ئېلىش ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەيشەنبە كۈنكى سۆھبەتتە، پرېزىدېنت بۇش دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇش، "سۆھبەتتە مەن، دىنىي ئەركىنلىك توغرىسىدىكى چۈشەنچەمنى خۇ جىنتاۋ بىلەن يەنە بىر قېتىم سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم " دەيدۇ.

دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە دائىم تەكىتلەيدىغان تېمىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 2006 -يىلى ئېلان قىلغان دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدىكى دوكلاتىدا "خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئەھۋالى ناھايىتى ناچار " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

خۇ جىنتاۋ مەھسۇلات سۈپىتىنى ياخشىلامدۇ ؟

سۆھبەت ئارىسىدا خۇ جىنتاۋ، بۇشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىنى كۈتمەيلا خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە ئەڭ تالاش تارتىشتىكى ئىختىلاپلارنىڭ بىرى، خىتاي ئېكسپورت ماللىرىنىڭ سۈپەت مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىدىكى دەن پرايېس، " بۈگۈنكى ئامېرىكا" گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا "خۇ جىنتاۋ، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ناھايىتى جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلە خىتاي ئىستىمالچىلىرىنىڭلا ئەمەس، ئېكسپورت بازارلىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ چۈشەندۈردى " دەيدۇ. بۇش، بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالغاندا "مەن پرېزىدېنت خۇنىڭ مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم " دەپ ئەسكەرتتى.

بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ سۆھبەت ئارىسىدا يەنە، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شىمالىي كورىيە 7- ئايدا ئۆزىنىڭ بىر يادرو رېئاكتور قازىنىنى تاقاپ، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر يادرو ئەسلىھەسىنى تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلدى. خىتاي بولسا شىمالىي كورىيىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، ئامېرىكا خىتاينى يادرو مەسىلىسىدە شىمالىي كورىيىگە تەسىرىنى ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىمەكتە ئىدى.

خۇ جىنتاۋ 'خەلق پۇلى قىممىتىنى بازار بەلگىلەش' كە كۆنىۋاتامدۇ ؟

خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى، ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ مۇزاكىرە تېمىسىدىكى ئامېرىكا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە خىتاينى پۇلنىڭ قىممىتىنى تەڭشەشكە قىستاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ مەسىلە ئامېرىكا ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى 233 مىليارد دوللارلىق قىزىل رەقىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە.

دەن پرايېسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خۇ جىنتاۋ، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەشكە بازار ئامىللىرىنى سەپەرۋەر قىلىشنى تەكىتلىگەن ۋە تەرەپلەر يەنە، " ئىقتىسادى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مۇھىم، دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ مەسىلىنى ئىجابىي يوللار بىلەن ھەل قىلىش، سودا بېكىنمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشنى" ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ تەيۋەنلىكلەرنى ئەڭ ئۈمىدسىزلەندۈرگەن تەرىپى، بۇشنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى مەۋجۈت ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىدۇر.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىدىكى جېفرىي پرايېسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پرېزىدېنت بۇش خۇ جىنتاۋغا ئامېرىكا تەيۋەننىڭ 3 - ئايدا ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.