0:00 / 0:00
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاممىنىڭ چاغان بايرىمىنى تىنچ-ئامان ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، پۈتۈن دۆلەت تەۋەسىدە بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، سىياسىي مۇقىملىققا، جەمىيەت ئامانلىقىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا ئىكەن.
ھۆكۈمەت بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن باشقا يەنە قوراللىق ساقچى قىسىم، چارلاش ئەترىتى، توپىلاڭنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورگانلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئورگانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئادەملەر كۆپرەك يىغىلىدىغان چوڭ بازار ھەم ئولتۇراق رايونلىرى، مۇھىم ئىدارە -ئورگانلار ئەتراپىدا 24 سائەت چارلاش ۋە رازۋېتكا قىلىشنى يولغا قويغان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.