خىتاي چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بىلەن بىللە سەھنىدە ناخشا ئېيتقۇزماقتا

خىتاي خەۋەر تورلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى چاغان مەزگىلىدە، يېڭىدىن 5000 كىشىلىك قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى تەشكىللەپ، "30 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئارتىسلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەم كومپارتىيە رەھبەرلىكىنى مەدھىلەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتقۇزغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.02.17
Ikki-Uyghur-orundighan-Jingjuy-qizil-chiraq-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻡ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 2010 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﻫﺎﺭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ.
www.xjtsnews.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەر شەھىرىدە خىتاينىڭ چاغان ھارپىسىدا قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ تەشكىللىشى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى، قەشقەر شەھەرلىك ناخشا- ئۇسۇل ئۆمىكى قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئورۇنلىغان چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن. كېچىلىكتە، "تەنتەنە"، " باھار شادلىقى"، "ئىناق چېگرا رايون"، "پايتەختتىن خۇشخەۋەر چېگرا رايونغا يېتىپ كەلدى" دېگەنگە ئوخشاش كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيىتىنى ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىلەيدىغان نومۇرلار ئوينالغان.

بۇ قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىدە يەنە، قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت "قوش تىللىق مائارىپ" دەپ ئاتالغان خىتاي تىلى مائارىپىنى قەشقەردە ئومۇملاشتۇرغانلىقىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتايچە ناخشىلار ئېيتقۇزۇپ سەھنىگە چىقارغان. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى بولغان، قوشكېزەك ئاچا - سىڭىل مەرھابا بىلەن مەدىنە خىتايدا 70- يىللاردىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە كۆپ ئېيتىلىپ كېيىن تەنقىدلەنگەن ئىنقىلابىي جىڭجۈي تىياتىرلىرىدىن "قىزىل چىراغ" دېگەنگە ئوخشاش جىڭجۈي تىياتىرىنى خىتاي تىلىدا ئورۇنلىغان.

بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "بۇ خىتاينىڭ ئىچكى جەھەتتىن، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىپ، نارازى بولغانلارنى قانلىق باستۇرۇش، سىرتقا نىسبەتەن خىتاي دۆلىتىدە ھەممە مىللەتلەر بەختلىك دېگەن تەشۋىقاتنى ئېلىپ بېرىش سىياسىتىدۇر، بۇ خىتاينىڭ تارىختىن قالغان نەيرەڭۋازلىقى" دېدى.

"خىتاي ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان مۇشۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار مەيلى خەلقئارادا بولسۇن ياكى خىتاي دۆلىتى ئىچىدە بولسۇن كىشىلەرگە "خىتايدا ھەممە مىللەت باراۋەر، مىللەتلەر ئىتتىپاق" دېگەن تەشۋىقاتىنى تاڭماقچى. مانا ھازىر ئۇيغۇر بالىلىرىنىمۇ سەھنىگە چىقىرىپ ئۇلارغا 70- يىللاردىن قالغان جىڭجۈي تىياتىرلىرىنى ئېيتقۇزۇشقا باشلاپتۇ، بۇنى تېخى ئالاھىدە نەتىجە سۈپىتىدە ماختىنىپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار مۇشۇ قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قانداق ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت جىنايى قىلمىشىنى دۇنياغا ئاشكارىلاۋاتىدۇ."

ھالبۇكى دەل مۇشۇ كۈنلەرنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىشىۋاتقان "30 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتى" دە ئۇيغۇر ياشلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ تۇتۇلۇۋاتقان ئىدى. خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاغان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىنىڭ تاش بۇلاق يەنى خىيجاسەن ۋە يامالىق تېغى قاتارلىق رايونلىرىدا قوراللىق ساقچى، ئالاھىدە ساقچى ۋە خەلق ساقچىلىرى ئىككىگە بۆلۈنۈپ يول ئېغىزلىرىدا توساق قۇرۇپ، يولدىن ئۆتكەن - كەچكەنلەرنى ئاختۇرۇپ تەكشۈرگەن. ئۇلار يەنە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئۆي ئىجارىگە بېرىدىغان ئۆيلەرنى ۋە ئاقما نوپۇس بىر قەدەر كۆپ رايونلارنى ئاساسلىق تەكشۈرۈش نۇقتىسى قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ تەۋەلىرىدە نۇقتىلىق ھالدا ياش - ئۆسمۈرلەرنى تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيىسىنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇندا 100 دىن ئارتۇق ياش - ئۆسمۈر تۇتۇلغان.

بۈگۈن بىز ئاقسۇ شەھىرىدىكى مەلۇم ساقچىخانىغا ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفونىمىزنى ئالغان نۆۋەتچى خادىم، ئۆزلىرىنىڭ چاغان مەزگىلىدە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ بىزنىڭ ئاقسۇ تەۋەسىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئالىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بولسا سوئالىمىزنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار بولسا، بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە تېلېۋىزورلاردا سەنئەت نومۇرلىرى كۆپەيگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەھەر كوچىلىرىدا ئادەملەرنىڭ شالاڭلىقىنى، بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك كوچىلارغا چىقىپ، ئۆز- ئارا چاغانلىشىپ يۈرمىگەنلىكىنى، كوچىلارنىڭ جىم - جىت سوغۇق كەيپىياتتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ چاغان مەزگىلىدە قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە چوڭ تىپتىكى سەنئەت نومۇرلىرىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىيىلەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتقۇزۇۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كوچىلارغا چىقىشتىنمۇ ئېھتىيات قىلىۋاتقان بۇ ئەھۋالنىڭ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن قاتتىق ئەنسىرەش ئىچىدە قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا پەقەت قورال كۈچى ئارقىلىق قاتتىق باستۇرۇش، سىرتقا نىسبەتەن بۇ رايون خەلقى ئىناق دېگەن تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، پۇقرالارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى ھەر قانداق پىكىرلىرىنى بايان قىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىقتەك پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنى بوغۇش ھېسابىغا رايوندا نۆۋەتتىكىدەك نىسپى مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ساقلاپ تۇرماقتا ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.