چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ ئۇچۇر كونتروللۇقىغا قارىتا ئېنىق پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى

مەركىزى پارىژدىكى خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىك ئورگىنى‏- چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خىتاي كومپارتىيىسى 18- قۇرۇلتىيى يېپىلغان چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ئىنتېرنېت ۋە ئاخباراتنى كونترول قىلغانلىقى، ئۆكتىچىلەرگە زەربە بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.11.15
shi-jinping-bashchiliqidiki-7-daimy-heyiti-305.jpg خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى 7 كىشىلىك دائىمىي ئەزاسى. 2012-يىلى 15-نويابىر، بېيجىڭ.
AFP

ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىك مەسىلىسىدە ئېنىق پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن: گەرچە خۇ جىنتاۋ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىدا «جۇڭگو ھەرگىز غەرب سىياسىي سىستېمىسىنى ئۆرنەك ئالمايدۇ» دېگەن بولسىمۇ، بىز خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايدا ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى ئالغا سۈرۈشكە چاقىرىمىز. چۈنكى ئۇچۇر ئەركىنلىكى غەرب سىياسىي سىستېمىسىغا خاس نەرسە ئەمەس. ئۇ كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال ئەھدىنامىسىنىڭ 19 ‏- ماددىسىدا ئېتىراپ قىلىنغان تۈپ ئەركىنلىكتۇر.

باياناتتا يەنە، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كرىستوف دېلوئىر ئەسكەرتىپ: بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق، ئۇچۇر ئەركىنلىك جەھەتلەردىكى ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بۇ جەھەتلەردە خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرىگە تۈرتكە بولۇشقا چاقىرىمىز، دېگەن.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى بېنجامىن ئىشمائىل رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھەرقانداق سىياسىي، ئىقتىسادى سەۋەبكە قۇربان قىلىۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. بۇ بىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمىز. گەرچە بىزنىڭ بەزى شۈبھىلىرىمىز بولسىمۇ، بىراق رەھبەرلىك ئالمىشىشتىن ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئىزچىل كۈتۈپ كەلدۇق. يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشكەندە ياكى رەھبەرلىك ئالمىشىش ھەققىدە ئېلان قىلغان ھەرقانداق باياناتىدا، ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەزىپىسى. ئۇلار يەنە، خىتاي بىلەن قانداق ئىشلارنى قىلىش، قانداق مۇناسىۋەتنى ئالغا سۈرۈش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرۈشى لازىم. خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئېلىپ بېرىۋاتقانغا ئۇزۇن يىل بولدى. ئۇلار مەزكۇر مەسىلىنى خىتاي يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇشى كېرەك. بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا كۈچلۈك تەلەپ قويۇشقا، ھەرقانداق سىياسىي، ئىقتىسادى سەۋەبنى دەپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلماسلىققا چاقىرىمىز.

خىتاي كومپارتىيىسى 18‏- قۇرۇلتىيى چارشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىپ، يېڭى تەشكىل قىلىنغان مەركىزى كومىتېت پەيشەنبە كۈنى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى 7 كىشىلىك سىياسىي بيۇرو دائىمىي ھەيئەتلىرىنى ئېلان قىلغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېڭى تەشكىل قىلىنغان سىياسىي بيۇرو دائىمىي ھەيئەتلىرىنىڭ ئىچىدە سىياسىي پىكرى كونسېرۋاتىپ شەخسلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئىجابىي سىگنال ئەمەس.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتىدا، شى جىنپىڭنى ئومۇمى يۈزلۈك سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىپ، بىراق 18‏- قۇرۇلتايغا ئاخبارات چەكلىمىسى قويۇلغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىكى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىغا بولغان ئۈمىدۋارلىق سۇسلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېنجامىن ئىشمائىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى شۈبھىلىك.

ئۇ: قۇرۇلتاي مەزگىلىدە قولغا ئېلىش ۋە چەكلىمە داۋاملىق يۈز بەردى. خۇ جىنتاۋ ۋە باشقا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قۇرۇلتاي جەريانىدا قىلغان قىلغان بەزى سۆزلىرى، كىشىنى شۈبھىلەندۈرىدۇ. مەسىلەن، خۇ جىنتاۋنىڭ غەرب سىياسىي سىستېمىسىنى ھەرگىز ئۆرنەك ئالمايمىز، دېگەن سۆزى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ ئارقىلىق خەلقئارا ئۆلچەملەرنى تەتبىق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. غەرب جەمئىيىتى خەلقئارا ئۆلچەملەرنى ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىدۇ. بىز شۇنى قەيت قىلماقچى، بىز قوغداۋاتقان ئاساسى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھەرقانداق بىر غەرب سىياسىي سىستېمىسىغا مەنسۇپ نەرسە ئەمەس. ئۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك ئۇنىۋېرسال قىممەت. شۇڭا بىزنىڭ بەزى شۈبھىلىرىمىز بار. شى جىنپىڭ بىلەن لى كېچياڭ باشقىلارغا قارىغاندا ئازراق كونسېرۋاتىپ، دەپ قارالسىمۇ، جياڭ زېمىن گۇرۇھىغا مەنسۇپ بولمىسىمۇ، بىراق شى جىنپىڭنىڭ تىبەت ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى كىشىدە ئەندىشە قوزغايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن خىتاي مىكرو بلوگلىرىنى تاقاش، Google ۋە Gmail گە كىرىشنى توسۇپلا قالمىغان. ئۇلار يەنە، بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تىبەت ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى پۈتۈنلەي كونترول قىلغان. كونتروللۇق مىسلىسىز دەرىجىگە يېتىپ بارغان. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى بېنجامىن ئىسمائىل، بۇ خىل كونتروللۇقنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئوخشاشلا ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۇيغۇر رايونى ئۇچۇر قاتتىق كونترول قىلىنغان رايونلارنىڭ بىرى. بۇ خىل كونتروللۇق دائىم جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش، قالايمىقانچىلىقتىن ساقلىنىش دېگەندەك بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئېھتىياجنى باھانە قىلىپ يولغا قويۇلۇپ كەلدى. ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئوخشاشلا كۆپلەپ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان رايونلار. بۇ ئىككى رايوندا ئوخشاشلا ئالاقە ۋە ئاخبارات ناھايىتى قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە تور بەتلىرى قاتتىق تەقىب قىلىنىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت تەنقىد قىلىنغان ھەر قانداق ئۇچۇر دەرھال باستۇرۇلۇپ كەلدى. ئۇچۇر يوللىغۇچىلار كۆپ ھاللاردا قولغا ئېلىنىدۇ. بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتى خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەرقىدىكى شەھەرلەرگە قارىغاندا ناھايىتى جىددىي.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ھەر يىلى دۇنيانىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ۋە ئاخباراتنى كونترول قىلىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن. مەزكۇر تەشكىلات 2012‏- يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئۆزبېكىستان، شىمالىي كورىيە، كۇبا، ئىران قاتارلىق ئىنتېرنېتقا دۈشمەن، 12 دۆلەتنىڭ بىرى، دەپ ئېلان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.